ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى خىتاينىڭ چەكلەنگەن توۋارلارنى رۇسىيەگە يوللىشىدا ئارقا ئىشىك بولۇپ قالغان

0:00 / 0:00

بۇنىڭدىن بىر ھەپتە ئاۋۋال قىرغىزىستان باش مىنىستىرى ئاقىلبېك جاپارروف بىلەن ئۆزبېكىستان باش مىنىستىرى ئابدۇللا ئارۇپوف قەشقەردە زىيارەتتە بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۈي بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۈچ تەرەپلىك سۆھبەتتە سودا-ئىقتىسادىي ئالاقىنى كېڭەيتىش، بولۇپمۇ قەشقەر-ئوش-پەرغانە تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، تورغات، ئەركەشتام چېگرا ئېغىزلىرىنى كۆلەملەشتۈرۈش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئاقسۇدىكى بەدەل چېگرا ئېغىزىنى ئېچىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان ھەم بىر قاتار كېلىشىملەرنى ئىمزالىغان.

خەۋەرلەردە ئۈچ تەرەپنىڭ تورغات، ئەركەشتام چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ ئەسلىھەلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ، مال ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، سائىتىگە 125 ئاپتوموبىل ئۆتەلەيدىغان، 24 سائەت ئىشلەيدىغان چېگرا ئېغىزىغا ئايلاندۇرۇشنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قىرغىزىستان بىلەن ئاقسۇ ئارىسىدىكى بەدەل چېگرا ئېغىزىنى ئېچىشنى، بارسقۇن-ئۈچتۇرپان-ئاقسۇ تاشيولى ياساشنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

ھالبۇكى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ، خۇسۇسەن قىرغىزىستان بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ خىتاينىڭ چەكلەنگەن توۋارلارنى رۇسىيەگە يوللىشىدا ئارقا ئىشىك بولۇۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان سودىسىدا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ۋاسىتىچىلىك رولىنى ئويناۋاتقانلىقى قەيت قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، جاپارروف بىلەن ئارىپوفنىڭ قەشقەردە زىيارەتتە بولۇپ، ئۈچ تەرەپنىڭ سودا-ئىقتىسادى ھەمكارلىقىنى، بولۇپمۇ مال ئوبرۇتىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ھەققىدە كېلىشىملەرنى ھاسىل قىلىشى دىققەت قوزغىماقتا. ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر رۇسىيەگە ئىككى خىل مەقسەت ئۈچۈن ئىشلەتكىلى بولىدىغان مەھسۇلاتلارنى، خۇسۇسەن كومپيۇتېر ئۆزەكلىرىنى، روتېر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەھسۇلاتلارنى ئېكىسپورت قىلىشنى چەكلىگەن. ئامېرىكا 2023-يىلى 45 خىل مەھسۇلاتنى چەكلەش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن.

بۇ يىل 2-ئايدا يەنە بەش خىل مەھسۇلاتنىڭ ئېكسپورت قىلىنىشى چەكلەنگەنىدى. لېكىن «ۋال سىترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ 4-فېۋرال بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى قازاقىستان بىلەن قىرغىزىستانغا ئېكسپورت قىلىشى ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغان 2022-يىلى 2-ئايدىن باشلاپ تېز سۈرئەتتە كۆپەيگەن. ئېمبارگو تىزىملىكىدىكى 45 خىل مەھسۇلاتنىڭ قىممىتى 2023-يىلى 1 مىليارد 300 مىليون دوللارغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلقىدىن 64 پىرسەنت ئاشقان.

ئامېرىكادىكى جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا تەتقىقات تۈرىنىڭ دىرېكتورى، ئوتتۇرا ئاسىيا مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى پروفېسسور شان روبېرتس (سەان روبەرتس)نىڭ 6-مارت مۇخبىرىمىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئىقتىسادنى گىئو-سىياسىي رىقابەتلەردىن مۇھىم دەپ قارايدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بۇ ئىقتىسادىي ۋەزىيەتتىن پايدىلانماقچى ئىكەن.

شان روبېرتس مۇنداق دەيدۇ: «بۇ بىر چوڭ مەسىلە. مېنىڭچە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ھازىرقى بۇ ئىقتىسادىي ۋەزىيەتتىن پايدىلانماقچى بولۇۋاتىدۇ. مەن بۇرۇن تەكىتلەپ كەلگىنىمدەك، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئۇلار ئىقتىسادنى ھەرقانداق گىئو-سىياسىي رىقابەتتىن مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ».

شان روبېرتسنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇنىڭغا يالغۇز خىتايلا ئەمەس، بەلكى ياۋروپا شىركەتلىرى، جۈملىدىن گېرمانىيە شىركەتلىرىمۇ داخىل بولماقتا ئىكەن. شان روبېرتس مۇنداق دەيدۇ: «خىتاينىڭ بۇنداق قىلىشى مەن ئۈچۈن ھەيران قالارلىق تۇيۇلمىدى. چۈنكى، ياۋروپا شىركەتلىرى، جۈملىدىن گېرمانىيە شىركەتلىرىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بۇ خىل ماللارنى يۆتكىمەكتە. شۇڭا، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيەگە مال ئوبوروت قىلىشتا يادرولۇق رول ئويناۋاتقانلىقى كۆرۈلۈۋاتىدۇ».

«دىپلومات» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان يېقىنقى سانلىق مەلۇماتلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، 2022-يىلدىن بېرى خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە مال ئوبوروت قىلىشى 44 پىرسەنت ئاشقان. بۇنىڭدا قىرغىزىستانغا مال توشۇش سالمىقىنىڭ ئالاھىدە تېز بولغانلىقى، ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ رۇسىيەگە مال ئېكسپورت قىلىشىنىڭ زور مىقداردا ئاشقانلىقى، ئېكسپورتتىكى بۇ ئارتىشنىڭ غەربنىڭ رۇسىيەگە يۈرگۈزگەن ئېمبارگوسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. خىتاي تاموژنا تارماقلىرى بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلىرىدىمۇ، 2023-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە چىقىرىلغان توۋارلارنىڭ 23.2 پىرسەنت ئارتىپ، 34 مىليارد 250 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكى، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە مال ئېسكپورت قىلىشتا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خىتايدىكى ئەڭ چوڭ رايون بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.

لېكىن قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق ۋەزىيەت ئانالىزچىسى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ 6-مارت كۈنى بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا قەيت قىلىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى سودىدا ۋاسىتىچىلىك رول ئوينىشى، ئۇلارنى قىسقا ۋاقىتتا بەزى نەپلەرگە ئېرىشتۈرسىمۇ، لېكىن ئۇزۇن ۋاقىتتا ئۇلارغا ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن. قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ھەقتىكى سانلىق مەلۇماتلار كەمچىل بولسىمۇ، ئەمما ئۆتكەن يىلدىن بېرى خىتايدىن قورغاس ئارقىلىق قازاقىستانغا كىرىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىللىرىدا شىددەتلىك كۆپىيىش بولغانلىقىنى ھېس قىلىش قىيىن ئەمەس ئىكەن.

«ۋول سىترېت ژرنىلى» گېزىتىنىڭ 4-مارت بەرگەن خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قوراللىق تاجاۋۇز قىلغىنىغا ئىككى يىل بولغان بىر پەيتتە، ئادەمسىز ئۇچقۇ (درون)، ئامېرىكادا ئىشلەپچىقىرىلغان كومپيۇتېر ئۆزەكلىرى خىتايدىن ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق داۋاملىق رۇسىيەگە كىرمەكتە ئىكەن. خەۋەردە، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ رۇسىيە ئۈچۈن كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بىر سودا يولى ھالىتىگە كەلگەنلىكى، خىتاينى مەنبە قىلغان بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ بەزىلىرىنى ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقارغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

پروفېسسور شان روبېرتسنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى ۋاسىتىچىلىك قىلىشىنىڭ خەتىرى بار بولۇپ، ئامېرىكا بۇ دۆلەتلەرنى خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ قوينىغا ئىتتىرىۋېتىشنى خالىمىسىمۇ، بىراق ئۇكرائىنا ئۇرۇشى تېخىمۇ كەسكىنلەشسە، بۇ تېخىمۇ چوڭ مەسىلىگە ئايلىنىدىكەن. شان روبېرتس مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە بۇنىڭ بىر خەتىرى بولىدۇ. غەرب دۆلەتلىرى بىلەن رۇسىيە ۋە خىتاي ئارىسىدىكى جىددىيلىك ئۆتكۈرلەشمەكتە. بۇنىڭ ئۆزى بۇ رايوندىكى دۆلەتلەر ئۈچۈن بىر خەۋپ. بۇ رايوندىكى دۆلەتلەر تېخى خەلقئارالىق جاۋابكارلىقنىڭ بەدىلىنى تۆلەپ باقمىدى. شۇڭا، ئۇلار بۇ ۋەزىيەتتىن پايدىلانماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئامېرىكا دىپلوماتلىرى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى يېپىق سۆھبەتلەردە نېمە ئىشلارنىڭ بولغانلىقىنى بىلمىسەممۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى پەرەز قىلالايمەن. ھازىر (ئۇكرائىنا) ئۇرۇشى بارغانسېرى كەسكىنلەشكەندەك قىلىدۇ. بۇ ۋەزىيەتتە، بۇ مەسىلە تېخىمۇ چوڭ ئىشقا ئايلىنىشى مۇمكىن.»

ھالبۇكى، قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق ۋەزىيەت ئانالىزچىسى، قىرغىزىستان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇرېھىم ھاپىزوفنىڭ قارىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر خىتاي بىلەن سودا-ئىقتىسادى مۇناسىۋەت قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولسىمۇ، بىراق ھازىرقى سودا قىرغىزىستاننىڭ تەرەققىياتىنى بوغىدىكەن. ئابدۇرېھىم ھاپىزوف، جاپاروف بىلەن ئارىپوفنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىش بىلەن ئەيىپلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا قەشقەردە زىيارەتتە بولۇشى، «ئىنتايىن يامان» سىگنال بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، ئاقىلبېك جاپاروفنىڭ بەدەل چېگرا ئېغىزىنى ئېچىشنى، بارسقۇن-ئۈچتۇرپان-ئاقسۇ تېز سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشىنى بۇ يىل ئىچىدە باشلاشقا كېلىشكەنلىكى، بەدەل يولىنىڭ ئېچىلىشى خىتاي-قىرغىزىستان مۇناسىۋىتى ۋە خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ مال ئوبروتىنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇش يولىدىكى مۇھىم ئابىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا. خەۋەرلەردە يەنە ئۆزبېكىستان باش مىنىستىرى ئابدۇللا جاپارروفنىڭ قەشقەر-ئوش-پەرغانە تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقى، تەرەپلەرنىڭ 2023-يىلى 14 مىليارد دوللار بولغان خىتاي-ئۆزبېكىستان سودا ھەجمىنى يېقىن كەلگۈسىدە 20 مىليارد دوللارغا چىقىرىشقا كېلىشكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.