قازاقىستان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى

0:00 / 0:00

قازاقىستان سەيشەنبە كۈنى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بىر پارچە تەكلىپ لايىھىەسى ئېلان قىلدى. مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قوزغىغان ھۇجۇمى داۋام قىلىۋاتقان ھەمدە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلدى. بۇ ھەقتە توختالغان سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر بۇنىڭ بىر ئىجابىي ئىلگىرىلەش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

لايىھەنىڭ مەزمۇنلىرى 20-ئىيۇل قازاقىستاندىن چىقىدىغان «ئىنبۇسىنېسس» ئاخبارات تورىدا بېرىلگەن. خەۋەرگە قارىغاندا، قازاقىستان «قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى، قىرغىز جۇمھۇرىيىتى، تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتى، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى ئارىسىدىكى 21-ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيانى راۋاجلاندۇرۇش مەقسىتىدە دوستلۇق، تىنچ قوشنىدارلىق ۋە ھەمكارلىق توغرىلىق شەرتنامە» دەپ ئاتالغان يېڭى ھۆججەت ئىشلەپ چىققان.

«ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى يېڭى تەشكىلات قۇرۇشقا ۋەدىلەشمەكتە» دەپ ئاتالغان ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ھۆججەت بىر نەچچە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت. بىرىنچىدىن، ئۇ تۇنجى قېتىم رايوندىكى بارلىق جۇمھۇرىيەتلەرنى، ھەتتا ئىلگىرى بىتەرەپ بولۇپ كەلگەن تۈركمەنىستاننىمۇ، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ئەزا بولغان تەشكىلاتلارغا قوشۇلماي كەلگەن ئۆزبېكىستاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئىككىنچىدىن، ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ بارلىق ساھەلەر بويىچە راۋاجلىنىشىنى ھەم ھەمكارلىشىشىنى تەمىنلەيدىغان ھۆججەت بولماقچى.

ئۇنىڭ باش مەقسىتى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىكىنى تەمىنلەش بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىككى نۇقتا كۆزدە تۇتۇلغان. بىرىنچىدىن، بۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئارىسىدىكى يەر، سۇ مەسىلىلىرى بويىچە تالاش تارتىش ۋە قوراللىق توقۇنۇشلاردىن پۈتۈنلەي باش تارتىش. ئىككىنچىدىن، بۈگۈنكى مۇرەككەپ جۇغراپىيەۋى-سىياسىي ۋەزىيەتتە، بولۇپمۇ رۇسىيە ئۇكرائىنا كرىزىسىنىڭ جىددىيلەشكەن بىر پەيتىدە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى بىرلىكىنى تەمىنلەشكە قارىتىلغاندۇر.

قازاقىستاننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا نېمە سەۋەب بولدى؟ ئۇلارنىڭ بىرلىككە كېلىشى مۇمكىنمۇ؟ بۇندىن كېيىن رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ پوزىتسىيەسى قانداق بولماق؟ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا تەكرارلىنىش خەۋپى بارمۇ؟

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن يىگىرمە يىل بۇرۇن قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېف تۇنجى قېتىم مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىنى قويغان. ئەمما ھېچ قانداق ئىنكاس بولمىغان. بۇ ياخشى ئىلگىرىلەش، ئەلۋەتتە. ئەمما بۇ چوڭ بىر بىرلىككە ئېلىپ كەلمەيدۇ. بۇ ئىشنىڭ سەھنىگە چىقىۋاتقىنىغا ئىككى ۋەقە سەۋەب بولغان. بىرىنچى، كورونا ۋىرۇسىنىڭ پۈتكۈل دۇنيا، شۇ جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئېلىپ كەلگەن ئىنتايىن ئېغىر ئەھۋالى. ئىككىنچى، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى تاجاۋۇزى. ئوتتۇرا ئاسىيا بىر پۈتۈن رايون. ئۇ يەردە سۇ زاپاسلىرىنى پايدىلىنىش مەسىلىسى ئىنتايىن مۇھىم. مۇشۇ يەردە قارىمۇ-قارشىلىقلار بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ».

قەھرىمان غوجامبەردى بولۇپمۇ قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا، يەر، سۇ مەسىلىلىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىن تارتىپ ھەل بولماي كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئوتتۇز يىلدىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ھەر قايسىنىڭ ئۆز مەنپەئەتلىرىنى ئۈستۈن قويۇۋاتقانلىقىدىن ئۇلارنىڭ بىرلىككە كېلىشىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قەھرىمان غوجامبەردى يەنە مۇنداق دېدى: «ھازىر رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا بولغان ئىقتىسادىي تەسىرى ھەتتا يوققا چىقىشى مۇمكىن. ئەكسىچە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەسىرى كۈچىيىۋاتىدۇ. رۇسىيەنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي تەسىرى خىتاينىڭكىدىن ئۈستۈن. ئەمما بۇنىڭدىن كېيىن رۇسىيەنىڭ باشقا ھېچ يەرگە بېسىپ كىرىش ئىمكانىيىتى بولمايدۇ».

رۇسىيەنىڭ «نېزاۋىسىمايا گازېتا»، يەنى «مۇستەقىل گېزىت» ئېلان قىلغان ۋىكتورىيا پانفىلوۋانىڭ «مەركىزىي ئاسىيا ئەللىرى بىر-بىرىگە ھۇجۇم قىلماسلىق ھەققىدە كېلىشتى» ناملىق ماقالىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بەزى دائىرىلەر بۇ مەملىكەتلەرنىڭ بىرلىككە كېلىشىگە ئۈمىد قىلسىمۇ، ئەمما ھەممە مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭدىن بىرەر نەتىجە چىقىدۇ دەپ ھېسابلىمايدىكەن. بۇنىڭغا بىرىنچى نۆۋەتتە تاشقى ئامىللار ئەمەس، بەلكى ئىچكى، يەنى بولۇپمۇ ئۆزئارا چېگرا توقۇنۇشلىرى، بىر-بىرىگە ئىشەنمەسلىك، شۇنداقلا رۇسىيە ۋە ئامېرىكا ھەم ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا نىسبەتەن تۇتقان پوزىتسىيەلىرىمۇ سەۋەب بولماقتا.

ئەمدى قىرغىزىستاننىڭ «24» يېڭىلىقلار ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «داريا پودولسكايانىڭ 4-نومۇرلۇق ئۇرۇنۇش. مەركىزىي ئاسىيا ئەللىرى يەنە بىرلىشىشنى خالىماقتا» دېگەن ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادا بىرلىشىش ئىدىيەسىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىگە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى مەخسۇس ھەربىي ھەرىكەتلىرى سەۋەب بولغان. ئۇنىڭدا ئانالىزچى نۇرسۇلتان ئاقىلبېكنىڭ قارىشى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدا قارىمۇ قارشىلىقلارنىڭ كۈچلۈك بولۇشىدىن، شۇنىڭدەك باشقىمۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى مەزكۇر لايىھەنىڭ نەتىجە بەرمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سىياسەتشۇناس غالىم ئاگېلېئۇئوف ئەپەندى رۇسىيەنىڭ ھەر خىل تەشكىلاتلار دائىرىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى بىلەن ئىلگىرى ئىتتىپاقداش بولۇپ كەلگەن بولسا، ئەمدى ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى سەۋەبىدىن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ نازارەتچىسىگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئۇ ھازىر قىرغىزىستان بىلەن بۇ مەملىكەتنىڭ ھاۋا مۇداپىئەسىنى كونترول قىلىش بويىچە كېلىشىم ئىمزالاۋاتىدۇ. ئومۇمەن بۇ كېلىشىم پۈتۈنلەي ئوتتۇرا ئاسىيانى كونترول قىلىشقا ھەم ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئىچكىرىلەشكە قارىتىلغان. يەنى بۇ سىستېما ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەر بىر جۇمھۇرىيىتىگە قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بارىدۇ. بۇ، ئەلۋەتتە، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ناھايىتى خەۋپلىك ھادىسە. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى رۇسىيە بىلەن ھەربىي ھەمكارلىقىنى چەكلەپ، ئۆزئارا بىرلىشىپ، شۇ جۈملىدىن ھەربىي ساھەدە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى لازىم. پەقەت شۇنداق بولغان تەقدىردىلا رۇسىيەگە قارشى تۇرۇشى مۇمكىن».

غالىم ئاگېلېئۇئوف رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەر قانداق بىر دۆلىتىدە تەكرارلىنىش خەۋپىنىڭ يوق ئەمەسلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ بىرلىشىپ، كېلىشىملەر ئارقىلىق تېز ئارىدا ئۆز ئىچىدىكى قارىمۇ-قارشىلىقلارنى تۈگەتمىسە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ پىكرىچە، ھازىرچە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ دىققىتى خىتايدىن كۆرە كۆپرەك رۇسىيەگە ئاغدۇرۇلغانىكەن.

ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن بولۇپمۇ قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان رۇسىيە بىلەن ياۋرو-ئاسىيا ئىتتىپاقى، كوللېكتىپلىق بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئوخشاش تەشكىلاتلارغا ئەزا. بۇنىڭدىن ئوتتۇز يىل ئىلگىرى بۇ مەملىكەتلەر رۇسىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى تەركىبىدە بولۇپ كەلگەنىدى.

2007-يىلى قازاقىستان پرېزىدېنتى نەزەربايېف مەركىزىي ئاسىيا ئىتتىپاقى قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستانلار بۇنىڭغا قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن ئەمەلگە ئاشمىغان. ئۇنىڭ ئالدىدا بولسا مەركىزىي ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى قۇرۇلغان بولسىمۇ بەرىبىر ئاخىرغىچە نەتىجە قازىنالمىغانىدى. قازاقىستاننىڭ بۇ يېڭى تەكلىپىگە بۇ دۆلەتلەر قانداق مەيداندا تۇرىدىغانلىقى، جۈملىدىن خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ قانداق پوزىتسىيەدە بولۇشى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.