ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار قىرغىزىستان بىلەن ئۆزبېكىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 30 يىللىقنى قىزغىن تەبرىكلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېرۇزە
2021-09-02
Share
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار قىرغىزىستان بىلەن ئۆزبېكىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 30 يىللىقنى قىزغىن تەبرىكلىدى قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىللىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە. 2021-يىلى 31-ئاۋغۇست، بىشكەك.
RFA/Féruze

قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى 31-ئاۋغۇست كۈنى، ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى 1-سېنتەبىر كۈنى مىللىي مۇستەقىللىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

مەلۇمكى، ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ كۆپ قىسمى ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىدە ئولتۇرلاشقان. شەرقشۇناس چوقان ۋالىخانوفنىڭ ئەسەرلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پەرغانە ۋادىسىدا 300 مىڭدىن ئوشۇق ئۇيغۇر ئاھالىسى مەۋجۇت ئىكەن. 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا يەنە ئۇيغۇر دىيارىدىن زور ساندىكى ئۇيغۇرلار سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە كۆچۈپ چىقىپ ئولتۇراقلاشقان. چار رۇسىيە ئىمپىرىيەسى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن غەربىي تۈركىستان تۇپراقلىرى رۇسلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تۇرۇپ كەلگەن. چار رۇسىيە ئىمپېرىيەسى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى 70 يىلدەك سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەركىبىدە بولۇپ كەلگەن ئىدى.

قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىللىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە. 2021-يىلى 31-ئاۋغۇست، بىشكەك.
قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىللىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە. 2021-يىلى 31-ئاۋغۇست، بىشكەك.

1991-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلدى، شۇ يىلىنىڭ ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەركىبىدىكى ھەرقايسى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەر ئارقا-ئارقىدىن مۇستەقىللىق جاكارلىدى. شۇ قاتاردا قىرغىزىستان 1991-يىلىنىڭ 31-ئاۋغۇست كۈنى، ئۆزبېكىستان 1991-يىلى 1-سېنتەبىر كۈنى ئۆز مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

مىللىي مۇستەقىللىق قىرغىزىستان بىلەن ئۆزبېكىستاندىكى ئاساسلىق ئاھالە بولغان قىرغىز ۋە ئۆزبېكلەرگىلا ئەمەس، بەلكى بۇ دۆلەتلەردىكى باشقا قېرىنداش مىللەتلەرگىمۇ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى ۋە ئۆزگىچىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يول ئاچقان ئىدى.

ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن ئالىمجان زائېتوف ئەپەندىزىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۈگۈنكى مۇستەقىل ئۆزبېكىستاندا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئۈچۈن نۇرغۇن شارائىتلارنىڭ يارىتىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ ئۆزبېكىستاننىڭ بىر قانچە ناھىيەلىرىدە ئۇيغۇر مىللىي مەركەزلىرىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

2018-يىلدىن بۇيان قىرغىزىستان بىلەن ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر مىللىي مەركەزلىرى ئۆزئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئورتاق پائالىيەت تەشكىللەش، ئۆزئارا زىيارەت ۋە بىر-بىرىنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرغان ئىدى.

قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى ئۆز مۇستەقىللىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھەر قايسىي يېزا ۋە شەھەرلەردە تەنتەنىلىك تەبرىكلەش مۇراسىملىرى ئۆتكۈزدى. 31-ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن مۇستەقىللىق بايرىمىغا قىرغىزىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ۋە ئەنئەنىۋى ئادەتلىرى بىلەن قىرغىزىستاننىڭ مۇستەقىللىق كۈنىنى تەبرىكلىدى.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەسقەر قاسىموف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، قىرغىزىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى 30 يىل جەريانىدا قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئېرىشكەن مۇۋەپپەققىيەتلەر ھەققىدە سۆزلەپ ئۆتتى.

ىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى بۇ دۆلەتتە ئۇيۇشتۇرۇلغان ھەر بىر ئاممىۋىي پائالىيەت ۋە مۇراسىملارغا ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى ۋە مېھماندوستلۇقىنى نامايان قىلىپ كەلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا مىللىي روھنى كۈچەيتىشكە تىرىشماقتا.

قىرغىزىستان خەلىق بىرلەشمىسى بۇ قېتىملىق مۇستەقىللىق بايرىمىغا بېغىشلاپ «دوستلۇق مۇنبىرى» ئۇيۇشتۇرغان ئىدى. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى باشقا مىللەتلەر بىلەن بىرلىكتە بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ، مەخسۇس بىر چېدىرنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي چالغۇ ئەسۋاپلىرى ۋە ئەنەنىۋىي بۇيۇملىرى بىلەن زىننەتلىدى. «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ئاياللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۇرسۇنئاي ئىسلام خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەم قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى ئۈچۈن ھەم ئۆزلىرىنىڭ مىللىي تەرەققىياتى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار نوپۇس جەھەتتە قىرغىز، ئۆزبېك ۋە ئورۇسلاردىن قالسا تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. گەرچە ھۆكۈمەت سانىقىدا قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىي ۋىلايەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى ئەمەلىي نوپۇس سانىنىڭ ھۆكۈمەت سانىقىدىن كۆپ جىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، 1930-يىللاردىكى ستالىننىڭ سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىدا ئېلىپ بارغان تازىلاش ۋە تەقىپ قىلىش ھەرىكىتى داۋامىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارغا قارىتا قاتتىق بېسىملار ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۆزىنى «ئۆزبېك» ياكى «قىرغىز» تىزىملىتىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.

قىرغىزىستاننىڭ مۇستەقىللىق بايرىمىنى قۇتلاش مۇراسىملىرى يەنە ئىسسىق-ئاتا ناھىيەسىنىڭ مەركىزى كەنت شەھىرىدىمۇ ئۇيۇشتۇرۇلدى. مەزكۇر ناھىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك يەرمەنكىسى ئۇيۇشتۇردى. مۇراسىمدا تونۇلغان ناخشىچى نۇرتاي ئابدۇرەھىم ناخشا ئېيتتى، «يۇلتۇز» ئانسامبىلى ئۇسسۇل ئورۇنداپ تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشلىرىغا ئېرىشتى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت