ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداش خەلقلەر بىلەن بىرلىكتە فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشتا زور بەدەللەرنى تۆلىگەن

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر خەلقى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداش خەلقلەر بىلەن بىرلىكتە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ناتسىستلار گېرمانىيەسىگە قارشى «ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشى» دا زور شىجائەتلەرنى كۆرسەتكەن ۋە ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىگەن خەلقلەرنىڭ بىرىدۇر.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ناتسىستلار گېرمانىيەسى تەسلىم بولغان 9-ماي كۈنىنى «ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشىنىڭ غالىبىيەت كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن ۋە ئۇنى دۆلەتلىك بايرام سۈپىتىدە تەنتەنىلىك خاتىرىلەپ كەلگەن.

1991-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يىقىلغاندىن كېيىن، مۇستەقىل بولغان ھەرقايسىي ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەر، شۇ جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىمۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قالغان بۇ بايرام ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن، ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە 9-ماي «غالىبىيەت كۈنى» بايرىمىنىڭ دائىرىسى بارغانسېرى كىچىكلەپ، بۇرۇنقىدەك تەنتەنىلىك خاتىرىلەنمەيدىغان بولدى.

ناتسىستلار گېرمانىيەسىگە قارشى ئۇرۇشتا قۇربان بولغان قېرىنداشلىرىنى خاتىرىلەپ، خىزمەت كۆرسەتكەنلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 9-ماي، ياركەنت، قازاقىستان.
ناتسىستلار گېرمانىيەسىگە قارشى ئۇرۇشتا قۇربان بولغان قېرىنداشلىرىنى خاتىرىلەپ، خىزمەت كۆرسەتكەنلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 9-ماي، ياركەنت، قازاقىستان. (RFA/Féruze)

ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە رۇسىيە فېدېراتسىيەسىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارمۇ باشقا خەلقلەرگە ئوخشاشلا 1940-يىللاردىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ «ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشى» غا قاتناشقان، نۇرغۇن قۇربانلارنى بەرگەن خەلق بولغاچقا، ھەر يىلى 9-ماي بايرىمىدا ناتسىستلار گېرمانىيەسىگە قارشى ئۇرۇشتا قۇربان بولغان قېرىنداشلىرىنى خاتىرىلەپ، ئۇرۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەن قەھرىمانلىرىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ كەلمەكتە. ئىگىلىشىمىزچە، بۇ يىل 9-ماي كۈنى ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنت شەھىرىدە جۇمھەرىيەتلىك دەرىجىدىكى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىدىن سىرت، ھەر بىر رايون ۋە مەھەللىلەرمۇ ئۆز ئالدىغا خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تاشكەنتتىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئالىمجان زايېتوۋ، ئۇيغۇر ھەيئىتىنىڭ دۆلەت رەھبىرى شاۋكەت مىرزىيايېۋنىڭ تەكلىپى بويىچە جۇمھۇرىيەتلىك خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقى، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنىڭ بۇ پائالىيەتتە سەنئەت نومۇرلىرى ئورۇندىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ناتسىستلار گېرمانىيەسىگە قارشى ئۇرۇشتا قۇربان بولغان قېرىنداشلىرىنى خاتىرىلەپ، خىزمەت كۆرسەتكەنلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 9-ماي، ياركەنت، قازاقىستان.
ناتسىستلار گېرمانىيەسىگە قارشى ئۇرۇشتا قۇربان بولغان قېرىنداشلىرىنى خاتىرىلەپ، خىزمەت كۆرسەتكەنلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 9-ماي، ياركەنت، قازاقىستان. (RFA/Féruze)

قىرغىزىستان خەلق بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان بىشكەكتىكى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئۇيغۇرلارنىڭ «يۇلتۇز» ئانسامبېلىمۇ قاتنىشىپ، ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇللىرىدىن «چىنە ئۇسسۇلى» نى ئورۇندىغان. قارابالتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش پائالىيىتىدە ئۇيغۇر ياشلىرى «سەنەم» نامىدىكى ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇلىنى ئورۇنداپ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. بۇ خىلدىكى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى يەنە قىرغىزىستاننىڭ قاراقول ۋە توقماق شەھەرلىرىدىمۇ ئۆتكۈزۈلگەن.

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى «ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشى» غا ئەينى ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيا ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرىدىن بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئۇرۇش سېپىگە سەپەرۋەر قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپلىگەن ئۇرۇش قەھرىمانلىرى بارلىققا كەلگەن. شۇلارنىڭ قاتارىدا ئۇيغۇرلاردىن ھاشىم ناسىردىنوۋ پودپولكوۋنىك ھەربىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. مەسىم ياقۇپوۋ، سۈلھى لۇتپۇللايىف، داداش باباجانوۋ، ئاكادېمىك ئەزىز نارىنبايېۋ ۋە باشقىلار ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ئاجايىپ باتۇرلۇقلارنى كۆرسىتىپ، «سوۋېت ئىتتىپاقى قەھرىمانى» دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن ۋە ئوردېنلار بىلەن مۇكاپاتلانغان.

ناتسىستلار گېرمانىيەسىگە قارشى ئۇرۇشتا قۇربان بولغان قېرىنداشلىرىنى خاتىرىلەپ، خىزمەت كۆرسەتكەنلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە بىشكەكتە يۇلتۇز ئانسامبىلى چىنە ئۇسسۇلى ئورۇندىماقتا. 2024-يىلى 9-ماي، بىشكەك.
ناتسىستلار گېرمانىيەسىگە قارشى ئۇرۇشتا قۇربان بولغان قېرىنداشلىرىنى خاتىرىلەپ، خىزمەت كۆرسەتكەنلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە بىشكەكتە يۇلتۇز ئانسامبىلى چىنە ئۇسسۇلى ئورۇندىماقتا. 2024-يىلى 9-ماي، بىشكەك. (RFA/Féruze)

يوقىرىدا نامى تىلغا ئېلىنغان ئۇرۇش قەھرىمانلىرىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكىنىگە ئۇزۇن يىللار بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۇلارنى خاتىرىلەپ كەلمەكتە.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىياسىي پەنلەرنىڭ ماگىستىر نامزاتى ئابدۇرەھىم ھاپىزى، ئۇيغۇر ئۇرۇش قەھرىمانلىرى توغرىسىدا توختىلىپ، ئۇلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى ئوردېن ۋە مېداللار بىلەن مۇكاپاتلانغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ناتسىستلار گېرمانىيەسىگە قارشى ئۇرۇشتا قۇربان بولغان قېرىنداشلىرىنى خاتىرىلەپ، خىزمەت كۆرسەتكەنلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 9-ماي، تاشكەنت.
ناتسىستلار گېرمانىيەسىگە قارشى ئۇرۇشتا قۇربان بولغان قېرىنداشلىرىنى خاتىرىلەپ، خىزمەت كۆرسەتكەنلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 9-ماي، تاشكەنت. (RFA/Féruze)

ئىگىلىشىمىزچە، رۇسىيەنىڭ نوۋوسىبىرسك شەھىرىدە خەمىت توختىيېۋ باشچىلىقىدا قۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ «ۋەتەن» جەمئىيىتى ھەر يىلى 9-ماي كۈنى بۇ بايرامنى خاتىرىلەپ، ئۇيغۇر ئۇرۇش قەھرىمانلىرىنى ئەسلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدىكەن. ئۇلار، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ناتسىستلار گېرمانىيەسىنى مەغلۇپ قىلغانلارنىڭ يالغۇز رۇس خەلقىلا ئەمەسلىكى، بەلكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەركىبىدە ياشىغان پۈتكۈل مىللەتلەرنىڭ بۇ ئۇرۇشتا تۆھپىسى بارلىقى، شۇ جۈملىدىن مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئۇرۇشتا قۇربان بولغانلىقىنى رۇس خەلقىگە ئاڭلىتىپ كەلمەكتىكەن. خەمىت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نوۋوسىبىرىك شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر تائاملىرى» ئاشخانىسىغا بىر چوڭ تاختاي ئېسىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان ئۇيغۇر قەھرىمانلىرىنىڭ سۈرەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇشتىكى باتۇرلۇقلىرى تونۇشتۇرۇلغان ئىكەن.

ناتسىستلار گېرمانىيەسىگە قارشى ئۇرۇشتا قۇربان بولغان قېرىنداشلىرىنى خاتىرىلەپ، خىزمەت كۆرسەتكەنلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ لايىھەلەنگەن ئۇيغۇر قەھرىمانلىرىنىڭ رەسىملىرى ۋە باتۇرلۇق مەلۇماتلىرى. 2024-يىلى 9-ماي، نوۋوسىبىرسك، رۇسىيە.
ناتسىستلار گېرمانىيەسىگە قارشى ئۇرۇشتا قۇربان بولغان قېرىنداشلىرىنى خاتىرىلەپ، خىزمەت كۆرسەتكەنلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ لايىھەلەنگەن ئۇيغۇر قەھرىمانلىرىنىڭ رەسىملىرى ۋە باتۇرلۇق مەلۇماتلىرى. 2024-يىلى 9-ماي، نوۋوسىبىرسك، رۇسىيە. (RFA/Féruze)

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىن قالغان ئارخىپ ھۆججەتلىرىگە تايىنىپ، ئۆز دەۋرىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ناتسىستلار گېرمانىيەسىگە قارشى «ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشى» غا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭمۇ كۆپلىگەن ماددىي ياردەملەرنى ھەم ئىئانە پۇللارنى ئەۋەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بىشكەكتىكى «تەڭرىتاغ ساداسى» نامىدىكى ئۇيغۇرچە تور رادىيوسىنىڭ تەھرىرى نىلۇپەر ھاشىموۋا خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ «ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشى» غا بەرگەن ماددىي ياردەملىرى توغرىسىدا توختىتىلىپ ئۆتتى.

تاشكەنت شەھىرىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى، ئۇيغۇر ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى ئىززەتبۇۋى ئامىردىن خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، چوڭ دادىسى پودپولكوۋنىك ناسىردىنوۋ ھاشىمنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ «ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشى» غا قاتنىشىپ، پانفىلوۋ دىۋىزىيەسىدە خىزمەت كۆرسەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ناتسىستلار گېرمانىيەسىگە قارشى ئۇرۇشتا قۇربان بولغان قېرىنداشلىرىنى خاتىرىلەپ، خىزمەت كۆرسەتكەنلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە ۋەتەن جامائىتىنىڭ باشچىسى ھامىت تاھتىيەۋ بىر توپ سەپلەشلىرى بىلەن. 2024-يىلى 9-ماي، نوۋوسىبىرسك، رۇسىيە.
ناتسىستلار گېرمانىيەسىگە قارشى ئۇرۇشتا قۇربان بولغان قېرىنداشلىرىنى خاتىرىلەپ، خىزمەت كۆرسەتكەنلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە ۋەتەن جامائىتىنىڭ باشچىسى ھامىت تاھتىيەۋ بىر توپ سەپلەشلىرى بىلەن. 2024-يىلى 9-ماي، نوۋوسىبىرسك، رۇسىيە. (RFA/Féruze)

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقنىڭ پارچىلىنىپ تارىخ سەھنىسىدىن غايىب بولۇشى، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ مۇستەقىل دۆلەتلەرگە ئايلىنىشى نەتىجىسىدە سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە «ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشى» دېگەن نام بىلەن تەنتەنىلىك خاتىرىلىنىپ كېلىنگەن «9-ماي غالىبىيەت كۈنى»، بۈگۈنكى كۈندە ئىلگىرىكى سىياسىي ئەھمىيىتىنى يوقاتماقتا. ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ بايرامنى ئىلگىرىكىدەك تەنتەنىلىك خاتىرىلىمەيدىغان بولدى، بۇ يىل قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان جۇمھۇرىيەتلىرى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ۋە كەلكۈن ئاپەتلىرى سەۋەبلىك، «9-ماي غالىبىيەت كۈنى» گە مۇناسۋەتلىك بەزى مۇراسىملارنى ئەمەلدىن قالدۇردى ياكى ئۆتكۈزۈشنى چەكلىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھرۇرىيەتلىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدىمۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە بېكىتىلگەن بۇ بايرامغا قارىتا تۈرلۈك زىددىيەتلىك پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا. ئەمما قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداش خەلقلەر بىلەن بىرلىكتە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەپ، نۇرغۇن قۇربانلارنى بەرگەنلىكى ئۇنتۇلماس تارىخ بولۇپ قالدى، ئەلۋەتتە.