«ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ خىتاي ھەققىدىكى جامائەت پىكرى» ناملىق مەخسۇس دوكلات دىققەت قوزغىدى

0:00 / 0:00

گېرمانىيە فرېدرىخ نومەن ئەركىنلىك فوندىنىڭ قوللىشى بىلەن «ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كۆرسەتكۈچى» (Central Asia Barometer/CAB) تەتقىقات مەركىزى ئوتتۇرا ئاسىيادا، يەنى قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستاندا 2017-يىلىدىن ھازىرغىچە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش ۋە راي سىناش نەتىجىسى ئاساسىدا «ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ خىتاي ۋە خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى تەسىرىگە بولغان جامائەت پىكرى» ناملىق مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلغان. بۇ دوكلات خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرىكىتى ۋە تەسىرىنى بىلىشكە مۇھىم تۆھپە قوشتى دەپ قارالماقتا. تەتقىقاتچىلار يەرلىك كىشىلەرنىڭ خىتايغا تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە تونۇشى ھەققىدە كۆپلىگەن سانلىق مەلۇماتلارنى توپلىغان. دوكلاتتا، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىدىن تارتىپ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت تەسىرىگىچە بولغان ھەرىكەتلىرى تىلغا ئېلىنغان.

بو دوكلاتنى ھازىرلاشقا قاتناشقان تەتقىقاتچىلاردىن ئەنگلىيە كەنت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى فىرەنىك ماراككىئون (Frank Maracchione) رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ بۇ دوكلات ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بۇ دوكلات ئوتتۇرا ئاسىيادىكىلەرنىڭ خىتاي توغرىسىدىكى جامائەت پىكرىنى توپلاش، سانلىق مەلۇماتلارنى ئىلمى ئۇسۇلدا تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ئوتتورىغا قويۇلغان بىر تەتقىقات دوكلاتى، شۇنداقلا ‹ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كۆرسەتكۈچى» ناملىق تەتقىقات مەركىزىنىڭ 14 تۈرلۈك جامائەت پىكرىنى تەكشۈرۈشىدىن ئوتتۇرىغا چىققان بىر دەلىل خاراكتېرلىك ماتېرىيال. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتتە يەنى تۈركمەنىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستاندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلدى. تەكشۈرۈشىمىز يەرلىك تىللاردا ۋە رۇس تىلىدا ئېلىپ بېرىلدى. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ خىتايغا قارىتا جامائەت پىكىرنىڭ بۇرۇن دېيىلگەنگە قارىغاندا تېخىمۇ مۇرەككەپ ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ خىتايغا بولغان جامائەت پىكرى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۆزگەرگەن بولۇپ، بۇ بىزنىڭ تۈپ جەھەتتىن بايقىشىمىز ھېسابلىنىدۇ. ئىلگىرى خىتايغا يامان قارايدىغان دۆلەتلەردە، مەسىلەن قازاقىستاندا خىتاي پائالىيەتلىرى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىمىزنىڭ بەزىسىگە خىتاي ھەققىدە ئىجابىي پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. يەنە بىر جەھەتتىن، ئىلگىرى خىتايغا ياخشى كۆزدە قارايدىغان دۆلەتلەردە، مەسىلەن ئۆزبېكىستاندا خىتايغا قارىتا جامائەت پىكرىنىڭ سەلبىي بولۇپ ئۆزگەرگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى».

يېڭى دېھلىدىكى جەۋاھارلال نېھرۇ ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا تەتقىقات فاكۇلتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، پىروفېسسور ماھېش رانجان دېباتا (Mahesh Ranjan Debata) بۇ دوكلاتنىڭ مەزمۇنى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:

«ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ خىتايغا بولغان جامائەت پىكرىنىڭ ئۆزگىرىشى تولىمۇ قىزىقارلىق ھادىسە. مانا ئەمدى 56 بەتلىك چوڭ دوكلات تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئوقۇرمەنلەر، ئالىملار ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىگە سۇنۇلدى. ئەمەلىيەتتە، ئىلگىرى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ خىتايغا بولغان جامائەت پىكىرنى بايان قىلغان كىچىك دوكلات ۋە قىسقا خەۋەرلەر مەۋجۇت ئىدى. مەن بۇ دوكلاتتا دېيىلگەن قازاقىستان، قىرغىزىستاندىكى خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ خىتايغا بولغان جامائەت پىكىرنىڭ ئۆزگىرىشىگە سەۋەب بولغان مەسىلىلەرگە قوشۇلىمەن، يەنى پىكرىم ئۇلار بىلەن بىردەك».

«ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كۆرسەتكۈچى» ناملىق تەتقىقات مەركىزى ئېلان قىلغان بۇ دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ تەتقىقاتقا قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىن قاتناشقان كىشىلەر (زىيارەت قىلىنغان، سۆھبەتكە قاتناشقان كىشىلەر) خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. ئۆزبېكىستاندىن پىكىر بەرگەن كىشىلەر خىتاينىڭ ئۆزبېكىستانغا مەبلەغ سالغان تۈرلىرىدە خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ ئىشلىشىگە بارغانسېرى كۆپ قارشىلىق كۆرسەتمەكتە. مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئامىللار، بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇق ۋە خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە مۇئامىلە كىشىلەرنىڭ خىتاي ھەققىدىكى تونۇشىنى شەكىللەندۈرۈشكە تەسىر كۆرسەتكەن».

«قازاقىستانلىق قانۇنشۇناس پىروفېسسور شايىمەردان شەرىپوف رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ھەققىدە مۇنداق دېدى: «مەن بۇ دوكلاتتا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ خىتايغا ۋە خىتاينىڭ بۇ رايونغا بولغان تەسىرى ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان جامائەت پىكىرگە قوشۇلىمەن. خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ قازاقىستاندا ئىشقا ئورۇنلىشىشى، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئىش بەرگەن يەرلىك خەلق ۋە خىتاي ئىشچىلىرىغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىشى، شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىق قازاقىستان خەلقىنىڭ خىتايغا قارىتا جامائەت پىكرىنىڭ شەكىللىنىشىگە ۋە ئۆزگىرىشىگە سەۋەبچى بولغان ئاساسلىق ئامىللاردۇر».

ياۋرو-ئاسىيا مۇتەخەسسىسى ۋە «ئوتتۇرا ئاسىيا چۈشەنچىسى» (Central Asian Insights) مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى دوكتور ۋىكتورىئا كلېمېنت ( Victoria Clement) «ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ خىتاي ھەققىدىكى جامائەت پىكرى» ناملىق بۇ دوكلاتنىڭ يېڭى ئوتتۇرىغا چىققان تەتقىقاتچى ۋە ئانالىزچىلار ئۈچۈن پايدىلىنىشقا تېگىشلىك قىممەتلىك بىر مەنبە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«مېنىڭچە، ‹ئوتتۇرىغا ئاسىيانىڭ خىتاي ھەققىدىكى جامائەت پىكرى» ھەققىدىكى بۇ دوكلات بۇ رايونغا قىزىقىدىغان بارلىق تەتقىقاتچى ۋە ئانالىزچىلار ئۈچۈن پايدىلىنىشقا تېگىشلىك مۇھىم بىر مەنبە. ‹ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كۆرسەتكۈچى› بولسا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خەلقلەر ئارىسىدا راي سىناش ئېلىپ بارغان ئاز ساندىكى تەتقىقات مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ دوكلاتى مۇھىم قىممەتكە ئىگە. بولۇپمۇ، ‹ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كۆرسەتكۈچى› نىڭ ئۇچۇر ئېلىش ئىنتايىن قىيىن بولغان تۈركمەنىستاندا تەتقىقات ئېلىپ بېرىشى ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ. مەنچىمۇ، ئېتىنىڭ كىملىك قازاقىستان بىلەن قىرغىزىستاننىڭ خىتاي ھەققىدىكى جامائەت پىكرىنى شەكىللەندۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. قازاقىستان بىلەن قىرغىزىستاننىڭ خىتاي بىلەن چېگرالىنىشى ۋە خىتايدا ئۇلار بىلەن ئورتاق ئېتنىك مىللەتلەرنىڭ بولۇشى سەۋەبىدىن، خىتايغا قارىتا سەزگۈرلۈك كۈچەيدى».