پاكستاندىكى خەلقئارالىق مۇھاكىمىدە ئورۇن بېرىلمىگەن ئۇيغۇر مەسىلىسى غۇلغۇلا تېمىسىغا ئايلانغان

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2022.08.12
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Pakistan-GPS-Seid-Muaz-we-Muhemmet-Osman مۇھەممەت ئوسمان ۋە سەئىد مۇئاز، كىرىشتۈرمە سۈرەت.
RFA/GPS

10-ئاۋغۇست كۈنى پاكستاننىڭ ئىسلامئابادتىكى مارىئوت مېھمانخانىسىدا «2022-يىللىق يەر شارى تىنچلىقى بويىچە دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى» ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ يىغىنغا قاتناشقان بىر ياش، رەئىس سەھنىسىدىكى ئەربابلاردىن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» تېمىسىنىڭ نېمە ئۇچۇن بۇ يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالالمىغانلىقى ھەققىدە سوئال سورىغان.  

ئۇ مۇنداق دەپ سوئال قويغان: «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ رايونىدا، يەنى ۋەتىنىمىز تۇپرىقىنىڭ يېنىدىلا رەزىل قىلمىشلارنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز، ئۇ جايدا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىلماقتا. خىتاينىڭ ‹تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش› باھانىسىدا يەرلىك خەلقلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى پۈتۈنلەي چەكلەپ، ئۇلارنى لاگېرلارغا قاماپ، كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيەسى ئارقىلىق مېڭە يۇيۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرىنىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش قىلىپ ئۆزگەرتىپ چىقىش ئۈچۈن تۈرلۈك ئۇرۇنۇشلاردا بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. ھالبۇكى، پاكستانغا ۋەكىل بولۇپ بۇ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ھېچكىم جۈرئەت قىلىپ باقمىدى. نېمە ئۈچۈن بۇ مەسىلە ھازىرغىچە ئوتتۇرىغا قويۇلمايدۇ، شۇنداقلا مۇشۇنداق مۇھىم يىغىنلارنىڭ كۈنتەرتىپىگىمۇ كىرگۈزۈلمەيدۇ؟ »

يەر شارى تىنچلىق يىغىنىنىڭ تور بېتىدە، بۇ يىغىننىڭ كۆپ تەرەپلىك سۆھبەت ئارقىلىق يەر شارى مىقياسىدا تىنچلىق بەرپا قىلىش، خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ھالقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا چارە ئىزدەيدىغان بىر مۇنبەر ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

ئىگىلىشىمىزچە، مەزكۇر يىغىندا ئۇيغۇرلار ھەققىدە يوقۇرىقى سوئالنى تاشلىغۇچى ياش، بۇنىڭدىن دەل ئىككى ئاي ئىلگىرى بېشىغا ئۇيغۇر دوپپىسىنى كىيىپ، شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى ئۈستىگە ئارتىپ، ئۆزى ئوقۇۋاتقان ئىسلامئابادتىكى پاكىستان دۆلەتلىك ئىلىم-پەن ۋە تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىتاي ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «تاڭزوڭزا بايرىمى» پائالىيىتىىنى بۇزغان مۇھەممەد ئوسمان ئەسەد ئىسىملىك كىشى ئىكەن.

پاكستاندىكى ھەر خىل سەھنە ۋە پۇرسەتلەردە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتقان پاكىستانلىق ياش مۇھەممەد ئوسمان بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ قانداق جۈرئەتكە كەلگەنلىكى ھەققىدە سۆزلەپ ئۆتتى:

«مەن بۇ خەلقئارالىق مۇھاكىمىنىڭ ئېچىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇشنى ۋە سوئال سوراشنى نىيەت قىلغان ئىدىم. يەر شارىدا تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان مۇشۇنداق مۇھىم خەلقئارالىق يىغىندا، ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىرەرمۇ تېمىنىڭ كۈنتەرتىپتىن ئورۇن ئالمىغانلىقى غەزىپىمنى قوزغىدى. مەن پۇرسەت كۈتۈپ، يىغىن رەئىسىنىڭ كەينىدىن سۆز قىلغان تەكلىپلىك سۆزچى - كاراچىدىكى چوڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كەلگەن داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسى سەئىد مۇئاز شاھنىڭ سۆزىدىن كېيىن، ئۇنىڭغا شۇنداق دەپ سوئال قويدۇم.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان ئاساسلىق سۆزچىلەر ئېلانىدا، سەئىد مۇئاز شاھنىڭ كاراچىدىكى زىياۋددىن ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتى كىشىلىك ھوقۇق مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئىكەنلىكى، ياش ئاكادېمىك بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ يەنە ئىسلامابادتا ئېچىلىپ كېلىۋاتقان يەر شارى تىنچلىق سۆھبىتى يىللىق مۇھاكىمىسىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى ئىكەنلىكى تونۇشتۇرۇلغان.»

مۇھەممەت ئوسماننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىغىندا سەئىد مۇئاز شاھ ۋە باشقىلار كىشىلىك ھوقۇق، مۇسۇلمانلار ئۇچراۋاتقان مەسىلىلەر ھەمدە خەلقئارادىكى قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەر توغرىلىق مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ: «يەر شارى تىنچلىقى بويىچە باشلىقلار يىغىنى زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش ئارقىلىق، قول تۇتۇشۇپ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە ئىناقلىقىنى قوغداش ئۈچۈن چاقىرىق قىلىدۇ» دېيىشكەن. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ بىرىمۇ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدەك زور دۇنياۋى مەسىلىنى تىلغا ئالمىغان. پەقەت يىغىن قاتناشچىلىرىغا سوئال سوراش پۇرسىتى بېرىلگەندە، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە سوئال سورىشى بىلەن، سەئىد مۇئاز شاھ ئامالسىز يىغىن ئەھلى ئالدىدا ئۇنىڭ بۇ سوئالىغا جاۋاب بېرىشكە مەجبۇر بولغان.

ئۇ مۇھەممەد ئۇسماننىڭ سوئالىغا قايتۇرۇپ سوئال قويۇپ: «خىتايدا خىتايلاردىن كېيىنكى ئىككىنچى چوڭ مىللەت قايسى؟» دەپ سورىغان. مۇھەممەت ئۇسمان «ئۇيغۇرلاردۇر» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئەمما ئۇ «ياق، ئەڭ كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلار خۇي، يەنى تۇڭگانلاردۇر، ئۇلاردا ھېچقانداق مەسىلە يوق» دېگەن. ئۇ يەنە مۇھەممەد ئوسمانغا چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدا نېمىلەرنى دېگەنلىكىگىلا ئىشىنىپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان. ئۇ يەنە ئامېرىكىلىقلار ئافغانىستاندا ۋە باشقا جايلاردا يالغان ھېكايىلەرنى ئىجاد قىلدى، بۇ ئىشلارWiki Leaks  دا خەۋەر قىلىندى» دېگەن.

مۇھەممەد ئوسماننىڭ ئېيتىشىچە، سەئىد مۇئاز شاھ بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالماي، قاتتىق تەلەپپۇزدا ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچراش مەسىلىسىنى تېخىمۇ كۆپ مەنبەلەردىن تەكشۈرۈپ كۆرۈشنى، خىتاينى زىيارەت قىلىپ ئۇ يەردە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ كېلىشنى ئېيتقان.  ئۇ يەنە خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى بىر قىسىم كونا مەسچىتلەرنى تىلغا ئالغان.

ئۇ يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي تارىخى ھەققىدە توختىلىپ، تارىختا بۇ رايوندا رۇسلار بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت بولغانلىقىنى، ھازىر بولسا بۇ زىددىيەتكە ئامېرىكانىڭ كىرگەنلىكى بۇ توغرىلىق يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەشكە باشلىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇ ئاخىرىدا «ھازىر نۇرغۇن نەرسىلەرگە جاۋاب بەردىم، ئەمما بۇلار بۇ قېتەىملىق يىغىننىڭ مۇنازىرە تېمىسى ئەمەس،» دەپ گېپىنى يىغىشتۇرغان.

مۇھەممەد ئوسمان ئۇنىڭ سۆزلىرىگە يالغۇز ئۆزىنىڭلا ئەمەس، بەلكى يەنە نۇرغۇن ئىشتراكچىلارنىڭمۇ قايىل بولمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ جاۋابلىرى مېنى قايىل قىلالمىدى. يىغىنغا قاتناشقان باشقا كىشىلەر ۋە نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارمۇ يىغىن ئارىلىقىدىكى ئارام ۋاقتىدا يېنىمغا كېلىپ، مېنىڭ تىرىشچانلىقىمنى تەقدىرلىدى. ئۇلار ماڭا بۇ يىغىندا خىتايلار ئۈچۈن سۆزلىگۈچىنىڭ سۆزلىرىنىڭ يىرگىنچلىك ۋە ھەقىقەتتىن يىراق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. مەن پەقەت كىشىلەرنىڭ بۇ تېمىدا تېخىمۇ كۆپ ئىزدىنىپ، توغرا يەكۈنگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

مەزكۇر يىغىن ھەققىدە پاكىستان تاراتقۇلىرى بەرگەن خەۋەر ۋە ۋېدىئولاردا، مۇھەممەد ئوسماننىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە سورىغان سوئالى ۋە ئۇنىڭغا بېرىلگەن جاۋابلار كېسىپ چىقىرىۋېتىلگەن. مۇھەممەد ئوسمان ئۆزىنىڭ بۇنىڭغا ھەيران قالمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «مەن يېنىمدا ئولتۇرغان بىر كىشىگە مەن سوئال سورىغاندا مېنى ۋېدىيوغا تارتىپ قويۇشنى ئۆتۈندۈم، ئۇ كەشمىرلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئىكەن، قول تېلېفونىمدا مېنى ۋېدىيوغا تارتىپ قويدى. ئەمما ئۇ مېنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە سوئال سورىغانلىقىمنى كۆرۈپ، گەرچە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە مېنىڭ جۈرئىتىمگە قايىل بولغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىنى ئىپادىلەشتىن ئېھتىيات قىلىدىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ قويدى.»

مۇھەممەد ئوسمان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ ۋېدىيونى ھەمبەھرلەپ، پاكىستان ئىلىم ساھەسىنىڭمۇ خىتايغا يانتاياق بولۇۋاتقانلىقىدەك يىرگىنچلىك ئەھۋالنى پاش قىلغان.

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى يەر شارىدىكى ئەڭ جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە دۇنياۋىي تاراتقۇلاردا كۆپلەپ تارقىتىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاۋازىمۇ كۆپىيىشكە باشلىغان. بۇنىڭ ئالدىدا ئامېرىكادىكى ئافغانستانلىق قىز فېروزە ئەزىز، ئاۋسترالىيەىلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى درۇ پاۋلوۋ قاتارلىقلار ھەر خىل چەكلىمە ۋە خەتەرگە قارىماي، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاتقانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.