پاكىستاننىڭ پورت شەھىرى، خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى (CPEC) نىڭ مەركىزى بولغان گۋاداردا ئىككى ئايدىن بېرى بالۇجىستان ئاھالىسى بۇ شەھەرنىڭ ھەققىنى قوغداش ئۈچۈن چوڭ-كىچىك نامايىشلارنى ئېلىپ بارغان.
7-يانۋار كۈنى «دىپلومات» تورىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بالۇجىستانلىقلارنىڭ «گۋادارنىڭ ھەققىنى بەر» (HDT) ھەرىكىتى ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كېڭەيگەن. ئۇلار «گۋادار دېڭىزى بويىدا قانۇنسىز قاتناشنى توختىتىش، رايوندىكى ساقچى پونكىتلىرىنى قىسقارتىش، يوقاپ كەتكەنلەرنى تېپىش» قاتارلىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەگەر ھۆكۈمەت ھەرىكەت قوللانمىسا، خەلقنىڭ ئۆزلۈكىدىن كۈچ تەشكىللەپ، دېڭىز-ئوكياندىن قانۇنسىز پايدىلىنىۋاتقانلارغا قارشى ئۆز ھوقۇقىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھۆكۈمەت بۇنىڭغا جاۋاب بەرمىگەندىن كېيىن نامايىش داۋاملاشقان. ساقچىلار نامايىشچىلارنىڭ باشلىقى مەۋلانا ھىدايەت رەھمان ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىنى قولغا ئالغاندا، ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش پەيدا بولغان، بىر ساقچى ئۆلگەن. شۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمەت بۇ شەھەردە كوللېكتىپ يىغىلىشنى بىر ئاي چەكلىگەن.
ئامېرىكادىكى رەند سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئانالىزچىسى، دوكتور تىمەسى ھىت (Timothy R. Heath) بۇ نامايىش ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «گۋادار پورتىدىكى بۇ مالىمانچىلىق ‹بىر بەلۋاغ, بىر يول› قۇرۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. چۈنكى خىتاي بۇ پورتنى ‹خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىنىڭ گۈلتاجى› قىلىۋالغان. شۇڭا بۇ جايدا چىققان مەسىلىلەر گۋادار پورتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىتىدۇ ھەم ئاستىلىتىپ قويىدۇ، شۇنداقلا ‹بىر بەلۋاغ بىر يول پىلانى›غا قېتىلماقچى بولغانلارنىڭ رايىنى ياندۇرىدۇ».
ئامېرىكادىكى گېرمانىيە مارشال فوندىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئانالىزچىسى زاكارى كۇپېر (Zachary Cooper) رادىيومىزغا يوللىغان ئىنكاسىدا، بۇ شەھەردىكى نامايىشنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا بېرىلگەن كۈچلۈك قارشىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئەھۋال دەرۋەقە خىتاينىڭ بۈگۈن مالىمانچىلىققا دۇچ كەلگەن پاكىستانغا زور مىقداردا مەبلەغ سېلىشىنىڭ خىرىسقا ئۇچراۋاتقانلىقنى كۆرسىتىدۇ. مەنچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ‹بىر بەلۋاغ بىر يول›غا سالغان مەبلىغىنىڭ بەزى دۆلەتلەردىكى، بولۇپمۇ سېلىنغان مەبلەغنى ئاشكارىلىمىغان ۋە يەرلىك خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەن دۆلەتلەردىكى ئىچكى سىياسىي كۈرەشنىڭ نىشانىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى كۆردى».
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئەرەب دېڭىزىغا ئېچىلغان گۋادار پورتى پاكىستاننىڭ بالۇجىستان ئۆلكىسىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۇنى باشقۇرۇشقا پاكىستاننىڭ دېڭىز ئىشلىرى مىنىستىرلىقى مەسئۇل بولسىمۇ، كۈندىلىك ئىشلىرىنى خىتاي خەلقئارا دېڭىز پورتلىرىنى باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى ماڭدۇرىدىكەن. خىتاي بىر پورتقا 2002-يىلدىن باشلاپ مەبلەغ سالغان بولۇپ، بىرىنچى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشى 2007-يىلغىچە ئېلىپ بېرىلغان؛ ئۇنىڭغا جەمئىي 248 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىنغان. ئىككىنچى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشى «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان، بۇ چاغدا گۋادار پورتى «خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى» نىڭ ئەڭ مۇھىم جايىغا ئايلانغان ۋە ئۇنىڭغا بىر مىليارد دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، قۇرۇلۇش ھېلىھەم داۋام قىلماقتا ئىكەن. ھازىر بۇ پورتنىڭ 91 پىرسەنت پايدىسى خىتايغا، 9 پىرسەنتى پاكىستانغا تەۋە ئىكەن.
تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم گۋادار پورتىنىڭ ھازىر خىتاينىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك بازىسىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، گۋادار پورتى ھازىر خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ ۋاز كېچىلمەس مەنپەئەتىگە ئايلانغان جاي بولسىمۇ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ھىندىستان ئۇنىڭغا قارشى ئىكەن.
دوكتور تىمەسى ھىتمۇ بۇ ھەقتە كۆز قارىشى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ئۈچۈن ئېيتقاندا، بارلىق خىرىس ھىندىستاندىن كېلىدۇ. ھىندىستان خىتاينىڭ گۋادار پورتىدىن ھالقىپ ھەرىكەت قىلىشىنى خالىمايدۇ. شۇڭا خىتاينىڭ ئۇنداق قىلالىشىمۇ بىر مەسىلە. بۇ پورتتىكى نامايىش ۋە مالىمانچىلىقلار ئۇ يەردىكى مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ھەر قانداق دۆلەت پاكىستان ئارقىلىق ھەرىكەت قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ، خىتاي پاكىستاننىڭ دوستى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ جەھەتتە ئامېرىكادىنمۇ ئېشىپ چۈشەلەمدۇ-يوق، بۇنى بىلگىلى بولمايدۇ».
دوكتور زاكارى كۇپېر خىتاينىڭ گۋادار پورتىدىكى قۇرۇلۇشى ئىقتىسادىي ۋە ئاممىۋى قۇرۇلۇش دەپ كۆرسىتىلگەن مۇددەتچە ئۇنىڭغا ئامېرىكىنىڭ ئارىلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «ئامېرىكا ياكى باشقا دۆلەتلەر خىتاينىڭ پاكىستاندىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا ئارىلىشىشقا ئامالسىز، ئەگەر ئۇ ئاممىۋى قۇرۇلۇش بولسا تېخىمۇ ئارىلاشقىلى بولمايدۇ. شۇڭا مەنچە، ئۇلار خىتاينىڭ گۋاداردىكى ھەرىكىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىش بىلەن كۇپايىلىنىدۇ».
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، گۋادار پورت شەھىرى «پاكىستاننىڭ دۇبەي شەھىرى» گە ئايلىنىدۇ دەپ تەسەۋۋۇر قىلىنىپ كەلگەن، ئەمما يەرلىك خەلق-بالۇجىستانلىقلار كۈنسېرى نامراتلىشىپ كەتكەن. گۋادارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۇلارنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلمىگەن. گۋادار پورتىدىكى قۇرۇلۇشلارنى ئاساسلىقى خىتايلار ياكى پاكىستاننىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن ئەمەلدارلار باشقۇرىدىكەن.
خىتاينىڭ گۋادار پورتى قۇرۇلۇشى باشلىنىپ يەتتە يىل ئۆتكەندە بالۇجىستانلىقلار ئۆزىنىڭ كىملىكى ۋە ۋەتىنىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنىڭ تەھدىت ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشقان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئىشچىلار ۋە سودىگەرلەرنىڭ تېز سۈرئەتتە كىرىشى نوپۇس ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئۇلارنىڭ كىملىكىنى يوقىتىشى مۇمكىن ئىكەن. پاكىستان سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىمۇ دوكلاتىدا نوپۇس ئۆزگىرىشىگە بولغان ئەندىشىسىنى ئىپادىلىگەن بولۇپ، دوكلاتتا خىتايلارنىڭ 2048-يىلغىچە يەرلىك ئاھالىدىن ئېشىپ چۈشىدىغانلىقى پەرەز قىلىنغان.
خىتاينىڭ پاكىستانغا كەڭ كۆلەملىك سىڭىپ كىرىشى بالۇجىستانلىقلارنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان بولۇپ، ئىلگىرىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولغىنىدەك، ئۆتكەن يىل 4-ئايدا كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ 3 ئوقۇتقۇچىسى، 9-ئايدا بىر خىتاي چىش دوختۇرى بالۇجىستان ئۆلكىسىنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلىۋاتقان كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئۆلگەنىدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ گۋادار پورتىدىكى مەۋجۇتلۇقى پاكىستاننىڭ بىر پۈتۈنلۈكى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىغا موھتاج ئىكەن، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، خىتاينىڭ سالغان مەبلىغى توزۇپ كېتىدىكەن.