پاكىستاندىكى خىتايپەرەست ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىدىن پۇل ئېلىۋاتقانلىقىنى يوشۇرغانلىقى ئاشكارىلاندى

0:00 / 0:00

يېقىندا پاكىستان ئاخباراتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ھەققىدە مەدھىيە ئوقۇغان پاكىستاندىكى بىر قىسىم خىتايپەرەس ئۇيغۇرلار ھەققىدە رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا ئۇلارنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن پۇلغا سېتىۋېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئەمما مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ ھەيئەت ئەزالىرىدىن ئەزىمخان ئابدۇرېھىم ئۆزلىرىنىڭ بۈگۈنگە قەدەر خىتاي تەرەپتىن ھېچقانداق پۇل ئالمىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. بۈگۈن پاكىستاندىكى پائالىيەتچى ئۆمەر ئۇيغۇر ئۇلارغا خىتاي ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن بېرىلگەن 37 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىنىڭ بانكا تالونىنىڭ كوپىيەسىنى رادىيومىزغا ئاشكارىلىدى.

پاكىستاندا ياشاۋاتقان بىر تۈركۈم خىتايپەرەست ئۇيغۇرلار ئۆتكەن ھەپتە پاكىستان ئاخباراتىدا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە چىقىۋاتقان خەۋەرلەرنىڭ ساختا ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياخشى ياشاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇنىڭغا نارازى بولغان پاكىستاندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئابدۇلمەجىت داۋۇت «چەتئەلدىكى جۇڭگولۇقلار جەمئىيىتى» نامىدا ئاخباراتقا يۇقىرىقى سۆزلەرنى قىلغان كىشىلەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ساپ ئۇيغۇر ئەمەسلىكىنى بايان قىلىش بىلەن بىرلىكتە ئۇلارنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىدىن پۇل ئېلىۋاتقانلىقى ۋە بۇ پۇلنىڭ بەدىلىگە خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. ئەمما مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ سابىق باش كاتىپى ۋە نۆۋەتتىكى ھەيئەت ئەزاسى ئەزىمخان ئابدۇرېھىم ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىدىن پۇل ئالغانلىقىنى تۈپتىن رەت قىلغان ئىدى.

گىلگىتتىكى پائالىيەتچى ئابدۇمېجىت داۋۇت مەزكۇر جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ گىلگىتتىكى بىر قىسىم نامرات ئۇيغۇرلارغا ھەر 3-4 ئايدا بىر قېتىم ئۇن-ماي تارقىتىدىغانلىقى، ئۇيغۇرلار ئالغىنى ئۇنىمىسا بۇ ئۇن-مايلارنى پاكىستانلىقلارغا تارقىتىپ سۈرەتكە چۈشىدىغانلىقىنى ۋە سۈرەتلەرنى فېيسبۇك بەتلىرىدە ئېلان قىلىش ئارقىلىق خىتاي ئەلچىخانىسىغا ئالغان پۇلى ھەققىدە دوكلات بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن مەزكۇر جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىدىن ئالغان پۇلىنىڭ ئاز بىرقىسىم نامراتلارغا تارقىتىپ قويۇپ، كۆپ قىسمىنى چۆنتىكىگە سالىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. ئەمما ئەزىمخان مانا مۇشۇنداق سۆز-چۆچەكلەرنىڭ جەمئىيەتتە بارلىقى، ئەمما بىرمۇ كىشىنىڭ ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ يۈزتۇرانە دەپ باقمىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاي ئەلچىخانىسىدىن ھېچقانداق پۇل ئالمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلاردىن بىرى بۇ جەمئىيەتنىڭ مەكتەپنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ خىتاي ئەلچىخانىدىن پۇل ئالىدىغانلىقى، ئەمما ئالغان پۇلى ھەققىدە ئۇيغۇر جامائىتىگە ھېچقانداق ھېساب بەرمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئەمما ئەزىمخان مەكتەپكە بېرىلىدىغان پۇلنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قولىغا تەگمەيدىغانلىقى، بىۋاسىتە مەكتەپكە بېرىلىدىغانلىقىنى، ھەتتا جەمئىيەتنىڭ ئىشخانا كىراسى ۋە پائالىيەتلىرى ئۈچۈنمۇ ئۆز يانچۇقىدىن پۇل چىقىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ جەمئىيەتنىڭ خىتايدىن پۇل ئېلىپ خىتاينىڭ تەشۋىقاتچىلىقىنى قىلىۋاتقانلىقى ۋە پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىغا سەلبىي تەسىر يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى يىللاردىن بېرى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان پائالىيەتچى ئۆمەر ئۇيغۇر بۈگۈن مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ پۇل ئېلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان مۇھىم بىر پاكىتنى ئاشكارىلىدى. ئۇ رادىيومىزغا يوللىغان بەش مىليون 700 مىڭ روپىيە، يەنى 37 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق بىر بانكا چېكىنىڭ كوپىيەسىدە پۇل ئالغۇچى تەرەپ «چەتئەلدىكى جۇڭگولۇقلار جەمئىيىتى»، پۇل بەرگۈچى تەرەپ «خىتاينىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى» دەپ يېزىلغان. مەزكۇر چەك 2017‏-يىلى 4 ‏-ئاينىڭ 26‏-كۈنى نەقلەشتۈرۈلگەن. چەككە خۇاڭ فامىلىلىك بىر خىتاينىڭ ئىمزاسى قويۇلغان.

پائالىيەتچى ئۆمەر ئۇيغۇر مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيانلىق ئىشلارنى كۆپ قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىسە، ئابدۇمېجىت داۋۇت ئۇلارنىڭ بۇ ساختىپەزلىكىنىڭ چوقۇم پاكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىنمۇ كۆزىتىلىۋاتقانلىقى ۋە چوقۇم بىر كۈنى ئۇلارنىڭ جازاسىنى تارتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.