پاكىستاندىكى «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى» نىڭ باشلىقى ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەركىزى راۋالپىندىدىكى «خىتاي پۇقرالىرى جەمئىيىتى» 3-قېتىم پاكىستان پۇقرالىقىدىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە جەدۋەل تارقىتىپ، ئۇلارنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىۋاسىتە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تىزىملاش ئىشىنى باشلىغان.
راۋالپىندىدىكى ئۇيغۇرلاردىن بىرەيلەن ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پاكىستاندىكى «خىتاي پۇقرالىرى جەمئىيىتى» نىڭ پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بولغان بىر تەشكىلات ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەزكۇر جەمئىيەت بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا «ئىقتىسادىي ياردەم» بېرىدىغانلىقىنى پەش قىلىپ جەدۋەل تارقاتقان ھەمدە ئۇلارنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىنى تىزىملاشقا باشلىغان. بۇ ئەھۋال پاكىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى، شۇ جۈملىدىن ئۇنىڭغا ئوخشاش ئاللىقاچان خىتاي پۇقرالىقىدىن ۋاز كەچكەن، 50 يىلدىن بۇيان پاكىستان پۇقراسى بولۇپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سالماقتىكەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، راۋالپىندىدىكى «خىتاي پۇقرالىرى جەمئىيىتى» تەرىپىدىن تارقىتىلغان ئالدىنقى 2 قېتىملىق جەدۋەلنى تولدۇرغان ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ سانى ھازىر 200 دىن ئاشقانلىقى مەلۇم. ئەمما ئۆزىگە ئوخشاش ئەندىشىدىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار يېقىندا مەزكۇر جەمئىيەت تەرىپىدىن تارقىتىلغان 3-قېتىملىق تىزىملاش جەدۋىلىنى تاپشۇرۇۋالغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، مەزكۇر جەدۋەلنى تولدۇرغۇچىلارنىڭ پەرزەنتلىرى مەكتەپتە ھەقسىز ئوقۇشتىن بەھرىمەن بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن بۇ جەدۋەلنى تولدۇرغۇچىلارنىڭ يەنە نۇرغۇن ياردەملەردىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى يېزىلغان ئىكەن. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار بۇ جەدۋەلنى تولدۇرۇشنى يەنىلا رەت قىلغان ئىكەن.
ھالبۇكى، جەدۋەل تولدۇرۇشنى رەت قىلغان ئۇيغۇرلارغا باشلامچىلىق قىلىۋاتقان «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى» نىڭ باشلىقى ئۆمەر ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، يېقىندىن بۇيان «خىتاي پۇقرالىرى جەمئىيىتى» ۋە بۇ جەمئىيەتنى قوللىغۇچىلارنىڭ ئۇلارغا بولغان تەھدىت ۋە تەبىھلىرى كۈچەيمەكتىكەن.
ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ دەسلەپكى مەزگىللەردىلا ئۆزىنىڭ ئاللىقاچان پاكىستان پۇقرالىقىغا ئۆتۈپ بولغانلىقىنى تەكىتلەپ، مەزكۇر جەدۋەلنى تولدۇرۇشنى رەت قىلغان ئىكەن. ئەمما ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەي «خىتاي پۇقرالىرى جەمئىيىتى» تەرىپىدىن تەھدىتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن دەرھال راۋالپىندى ساقچى ئىدارىسىگە ئەرز سۇنۇپ، ئۇلاردىن ئۆزىنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن كەلگەن ئىككى خادىم ئۆزلىرىنىڭ پاكىستان پايتەختى ئىسلامئابادتىن كەلگەن دۆلەت ئىستىخبارات خادىملىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۆمەر ئەپەندىنىڭ ساقچى ئورۇنلىرىغا سۇنغان ئەرزىنى قايتۇرۇۋېلىشنى ۋە پاكىستان-خىتاي دوستلۇقىغا تەسىر يېتىش ئېھتىماللىقى بولغان ھەرىكەتلەردە بولماسلىقنى ئاگاھلاندۇرغان.
بىز پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ئۈچىنچى قېتىم تارقىتىلغان تىزىملاش جەدۋىلى ھەققىدە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن راۋالپىندىدىكى «خىتاي پۇقرالىرى جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ئابدۇلرەھىم ئەپەندى ۋە مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ ئەزىمجان ئىسىملىك خادىمىغا تېلېفون قىلدۇق.
تېلېفونىمىزنى ئالغان مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ رەئىسى ئابدۇلرەھىم ئەپەندى مەزكۇر جەمئىيەت تەرىپىدىن تارقىتىلغان جەدۋەلنىڭ مەقسىتى نۆۋەتتە پاكىستان پۇقرالىقىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ياردىمىدە ئېچىلغان مەكتەپتە بالىلىرى ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بۇ جەدۋەلنى تولدۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەزىمجان ئەپەندى بولسا ئۆزىنىڭ «خىتاي پۇقرالىرى جەمئىيىتى» نىڭ خىزمەتچى خادىمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ پاكىستان تەۋەلىكىگە ئۆتۈپ بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي-ئۆيلىرىگە كىرىپ جەدۋەلنى تارقىتىش ۋە تىزىملاش خىزمىتىنى ئىشلىگەنلىكىنى، جەدۋەلنى تارقىتىشتىكى مەقسەتنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىيىنچىلىقى بار ئۇيغۇرلارنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ئوقۇشىغا ۋە ئائىلە قىيىنچىلىقىغا ياردەم بېرىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ بۇ ئىشنىڭ ھەرگىزمۇ «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى» نىڭ باشلىقى ئۆمەر ئېيتقىنىدەك «ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىنى خىتاي ئەلچىخانىسىغا تەمىنلەش» ئەمەسلىكىنى، بۇ ئىش پاكىستان-خىتاي دوستلۇقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدىغانلىقى ئۈچۈن پاكىستان ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭمۇ ئۆزلىرىنى يېقىندىن قوللاۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پاكىستاندىن كېلىپ خىتايدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ياكى تېخىمۇ يۇقىرىلاپ ئوقۇش ئارزۇسىدا بولغان پاكىستانلىق ئوقۇغۇچىلاردىن 7000 نەپىرىگە «ئوقۇش مۇكاپاتى» بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «خىتاي پۇقرالىرى جەمئىيىتى» نىڭ خىزمەتچى خادىمى ئەزىمجان ئۆزىنىڭ بىر بالىسىنىڭ نۆۋەتتە خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا دەل مۇشۇ خىل ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن ئوقۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ پاكىستان پۇقرالىقىغا ئۆتۈپ بولغان ئۇيغۇرلارنى بۇ خىل ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىشقا دەۋەت قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
ئىگىلىشىمىزچە، پاكىستاننىڭ گىلگىت ۋە راۋالپىندى قاتارلىق جايلىرىدا نۆۋەتتە 600 دىن كۆپرەك ئۇيغۇر ئائىلىسى ياشاۋاتقان بولۇپ، پاكىستانغا يەرلەشكىنىگە 50 يىلدىن ئاشقان بۇ ئۇيغۇرلار خىتاي پۇقرالىقىدىن ۋاز كېچىپ، ئاللىقاچان پاكىستان تەۋەلىكىگە ئۆتۈپ بولغان ئىكەن. ئەمما 2018-يىلنىڭ ئاخىرى ۋە 2019-يىلى كىرگەندىن بۇيان گىلگىت ۋە راۋالپىندىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار خىتاي ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان «خىتاي پۇقرالىرى جەمئىيىتى» تەرىپىدىن تارقىتىلغان بۇ خىل جەدۋەللەرنى تاپشۇرۇۋالغان. جەدۋەلدە پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئۇلارنىڭ تولۇق ئۇچۇرىنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنغان ئىكەن.
0:00 / 0:00