«پان ياۋروپا ھەرىكىتى» يىغىنىدا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى دىققەت قوزغىدى
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى «پان ياۋروپا ھەرىكىتى» يىغىنىدا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات تەقدىم قىلدى.
ياۋروپا پارلامېنتىدا 1994-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە 20 يىل پارلامېنت ئەزاسى بولغان، ھازىر باۋارىيە خرىستىئان بىرلىكىنىڭ ئەزاسى ھەمدە «پان ياۋروپا ھەرىكىتى گېرمانىيە تارمىقى» نىڭ مەسئۇلى بولغان بەرند پوسسەلت ئەپەندىنىڭ تەكلىپى بىلەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باشلىق بىر گۇرۇپپا ۋەكىللەر 16-مارت ميۇنخېن شەھىرى ئەتراپىدا ئۆتكۈزۈلگەن «پان ياۋروپا ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشتى.
بۇ يىغىننىڭ ساھىپخانى بەرند پوسسەلت ئەپەندى ياۋروپا پارلامېنتىغا ئەزا بولۇپ تۇرغان دەۋرلىرىدە ۋە ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەن بىر سىياسىي ئەرباب بولۇپ، ئۇ د ئۇ ق نىڭ ميۇنخېندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈرلۈك يىغىنلىرىغا، قۇرۇلتايلىرىغا، مەدەنىي پائالىيەتلىرىگە ئىزچىل قاتنىشىپ كەلگەن. ئۇ، 2018-يىلى 11-ئايدا چاقىرىلغان «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەپ؛ «ۋەتىنى باشقىلار تەرىپىدىن ئىستىلا قىلىنغان خېلى كۆپ مىللەتلەر ميۇنخېننى ۋاقىتلىق پايتەخت قىلغان ئىدى. ئۇلار كېيىنچە مۇستەقىل بولۇپ ئۆز يۇرتىغا قايتتى. ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاقىتلىق پايتەختى ميۇنخېندۇر. مەن بۇنىڭدىن غۇرۇرلىنىمەن» دېگەنلەرنى تىلغا ئالغان ئىدى.
بەرند پوسسەلت بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ياۋروپادا كۈنتەرتىپكە كۆتۈرۈش، بولۇپمۇ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى پۈتۈن ياۋروپا دۆلەتلىرىدە جىددىي مەسىلە دەرىجىسىگە ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن د ئۇ ق رەھبەرلىرىنى دوكلات قىلىشقا ئالاھىدە تەكلىپ قىلغان.
بۇ قېتىمقى يىغىنغا 30 ئەتراپىدا دۆلەتتىن كەلگەن «پان ياۋروپا ھەرىكىتى» نىڭ رەھبەرلىرى، ئەزالىرى قاتناشقان بولۇپ يىغىندا رۇسىيە ھەم ئۇكرائىنادىكى مەۋجۇت مەسىلىلەر، شەرقىي ياۋروپا ئەللىرىدىكى تۈرلۈك زىددىيەتلىك ئامىللار مۇزاكىرە قىلىنىپلا قالماي، ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىمۇ مۇھىم بىر تېما سۈپىتىدە يىغىن ئەھلىنىڭ دىققىتىگە سۇنۇلغان.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ يىغىندا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئانچە ياخشى بىلمەيدىغان شەرقىي ياۋروپالىق بىر قىسىم ۋەكىللەرنىڭ كاللىسىنى ئېچىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىلا تارىخى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتكەن. ئۇ سۆزىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېتنىك ۋە مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسى، دىنىي دەپسەندىچىلىك يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى مىساللىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپلا قالماي، يەنە نۇقتىلىق ھالدا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئاساسىي تېما قىلىپ خىتاينىڭ 2 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىغا سولىۋېلىپ، ۋەھشىيلىك بىلەن قىيناۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن.
بۇ قېتىمقى يىغىنغا د ئۇ ق رەئىسىگە ھەمراھ بولۇپ قاتناشقان قۇرۇلتاي فوندى مۇدىرى ئابدۇجېلىل ئەمەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، د ئۇ ق رەئىسى يىغىندا ئىزاھلاپ ئۆتكەن جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى يىغىن ئەھلىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان.
«پان ياۋروپا ھەرىكىتى» نىڭ بۇ يىغىنىغا ميۇنخېندىكى جامائەت ئەربابى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ بۇ يىغىن ئارقىلىق ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ياۋروپا مىقياسىغا تېخىمۇ كەڭ تونۇلۇشى ئۈچۈن بىر پۇرسەت يارىتىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.
«پان ياۋروپا ھەرىكىتى» ياكى «پان ياۋروپا بىرلىكى» دەپ ئاتالغان مەزكۇر خەلقئارالىق تەشكىلات ياۋروپانىڭ بىرلىكى، تەرەققىياتى ۋە بىخەتەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق ھەرىكەت قىلىش مەقسىتىدە 1922-يىلى گېرمانىيەدە قۇرۇلغان. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن پائالىيەتلىرى جانلىنىپ فىرانسىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە ھەم پورتۇگالىيەنىڭ قوللىشى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بىر قىسىم دۆلەتلەردىن سىرت، 1975-يىلىدىن ئېتىبارەن شەرقىي ياۋروپادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆلىمى زور بىر تەشكىلاتقا ئايلانغان. بۇ تەشكىلاتنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدا ۋەكىللىرى بولۇپ، 2016-يىلىدىن باشلاپ بۇ تەشكىلاتقا رۇسىيە، ئۇكرائىنا، ماكېدونىيە ھەتتا ئالبانىيە ۋە كوسۇۋولارمۇ ئەزا بولۇپ كىرگەن. بۇ تەشكىلات بۈگۈن پۈتۈن ياۋروپادا تارماق ئورگانلىرى بولغان خەلقئارالىق چوڭ بىر تەشكىلات ھالىغا كەلگەن.