خىتاي ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنى تاشقى بازاردىن ئىچكى بازارغا يۈزلەندۈرمەكتە

0:00 / 0:00

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدېن ئىمزا قويغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» (UFLPA) 2022-يىلى 21-ئىيۇندىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغانىدى.

مەزكۇر قانۇنغا ئاساسەن ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەپچىقىرىلىپ، ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىنىدىغان ھەر قانداق مەھسۇلاتنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىقى يوقلۇقى قايىل قىلارلىق دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلانمىغۇچە، ئامېرىكا بازىرىغا كېرىشى چەكلىنىدۇ. بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئېكسپورت قىلىۋاتقان پاختا مەھسۇلاتلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى ئۈچۈن، نۇرغۇنلىغان داڭلىق چەت ئەل كىيىم-كېچەك شىركەتلىرى «ئۇيغۇر رايونى پاختىسى» نى بايقۇت قىلدى.

خىتاينىڭ ئىچكى بازارغا يۈزلىنىشى ئېكسپورت زىيىنىنى تولدۇرالمايدۇ

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئارقىلىق «ئۇيغۇر رايونى پاختىسى» دا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش يولغا قويۇلغان ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى، خىتاينىڭ توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك ئېكسپورتىدا زور بوشلۇق كېلىپ چىققان.

بۇ ھەقتە، «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 10-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، پاختا مەھسۇلاتلىرىنى خەلقئارا بازارغا سېلىشى قىيىنلاشقان خىتاي، «شىنجاڭ پاختىسى» مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشتا دۆلەت ئىچىدىكى بازىرىغا يۈزلەنمەكتىكەن. ھالبۇكى، خىتاي پاختا توقۇمىچىلىق ساھەسىدىكى شەخسلەر خىتاي ئىچكى بازىرىنىڭ كۆلىمى كىچىك بولمىسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ئىچكى بازىرى چەت ئەل خېرىدارلىرىنىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» دىن ۋاز كېچىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان بوشلۇقنى تولدۇرۇشتا قىينىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ ئېمبارگوسىغا قارشى نۇرغۇن يەرلىك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى چىقىرىپ، خىتاي توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنى ئۇيغۇر رايونىدا تۇتۇپ تۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتايدىكى بىر لۆڭگە زاۋۇتىنىڭ خوجايىنى خوڭ، مەھسۇلاتلىرىغا بېرىلگەن «زاكازنىڭ بۇرۇنقىدەك ئەمەسلىكى» نى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، خوڭ «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتى مۇخبىرىغا ئۆزىنىڭ ئامېرىكا خېرىدارلىرىنىڭ زاكاز بېرىشىدىن ئۈمىد كۈتمەيدىغانلىقىنى، ھازىر نۇرغۇن خېرىدارلارنىڭ دۆلەت ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇنداق بولغاندا «ھېچ بولمىغاندا چىقىمنى ئازايتالايمىز. » دېگەن. خوڭنىڭ ئېيتىشىچە، دۆلەت ئىچى بازىرى چەت ئەللىك خېرىدارلارنىڭ ئايرىلىشىدىن كېلىپ چىققان بوشلۇقنى تولدۇرمايدىكەن.

چەت ئەل شىركەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بار پاختىدىن ھەزەر ئەيلىمەكتە

نۇرغۇن كىشىلەر پاختىنى تىلغا ئالغاندا، ئۇنى كىيىم-كېچەك ۋە يوتقان-كۆرپە ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، پاختا دۆلەت كونترول قىلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ماتېرىياللارنىڭ بىرى.

خىتاي سانلىق مەلۇماتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاينىڭ چەت ئەللەرگە ئېكسپورت قىلىدىغان پاختا مەھسۇلاتىنىڭ %90 ى ئۇيغۇر ئېلىدىن چىقىدۇ. دۇنيا پاختا تەمىناتىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلماقتىكەن.

بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىن قىممەت باھالىق ئەلا سۈپەتلىك پاختا ئېكسپورت قىلىنىدۇ. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر دىيارىدا چىقىدىغان ئۇزۇن تالالىق پاختىنىڭ خەلقئارا بازاردا ھەر توننىسى 17000 دوللارغا ساتقىلى بولىدۇ، ئادەتتىكى پاختىنىڭ ھەر توننىسى 12000 دوللار. يەنى 2 توننا ئۇيغۇر پاختىسىنى 3 توننا ئادەتتىكى پاختىغا ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ. مالىيە نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پاختىسىنى ئېكسپورت قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپالايدۇ. بۇ يەردە ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا ھەر يىلى تەخمىنەن 5 مىليون 500 مىڭ توننا كېلىدۇ ئۇ خەلقئارا بازارغا سېلىنىدۇ. ئادەتتە خىتايدىكى پاختا توقۇمىچىلىق زاۋۇتلىرى، تەننەرخى يۇقىرى، سۈپەتلىك «ئۇيغۇر رايونى پاختىسى» نى ئۇنچە كۆپ ئىشلىتەلمەيدۇ. بەلكى باشقا دۆلەتلەردىن نەرخى ئەرزان پاختىنى ئىمپورت قىلىپ كەلگەن.

ئامېرىكادا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا ۋە پاختا توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىغا چەكلىمە قويۇلغان بىر مەزگىلىدە، نۇرغۇنلىغان داڭلىق چەت ئەل كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى «ئۇيغۇر رايونى پاختىسى» نى بايقۇت قىلماقتا.

خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلاندۇرۇلغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى، ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى ئىشلىتىش توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەر 2019-يىلىلا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بىرلەشمىسىدە ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغاندىن كېيىن، مەجبۇرىي ئەمگەكمۇ مەتبۇئاتلارنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا ئايلانغانىدى. خەلقئارا كىيىم-كېچەك ماركىلىرى، بولۇپمۇ Nike ۋە H&M قاتارلىقلار بۇ ئەندىشىلەرگە 2020-يىلى ئارقا-ئارقىدىن ئىنكاس قايتۇرغانىدى.

قانۇن ۋە چەكلىمىلەرنىڭ نەتىجىلىرى كۆرۈلمەكتە

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىلىرى ھەققىدىكى قانۇنلارنىڭ ماقۇللىنىشىدا ئىزچىل رول ئويناپ كەلگەن، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى «خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى» نىڭ خىزمەتچىلەر دىرېكتورى پېرو توزى (Piero Tozzi) ئەپەندى، خىتاينىڭ نۆۋەتتە پاختا ئېكسپورتىدا يۈزلەنگەن قىيىنچىلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئىچكى بازىغا يۈزلىنىش ئارقىلىق يېنىكلىتىش ئۇرۇنۇشلىرىغا باھا بېرىپ مۇنداق دېدى:

«‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› قاتارلىق قانۇنلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە بولغان تونۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېشىشى شۈبھىسىزكى، رايونىدىن كەلگەن پاختا ۋە توقۇمىچىلىق بۇيۇملىرى ئېكسپورت بازىرىغا چەكلىمە قويدى. تەبىئىيكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى ئېكسپورت سېتىش زىيىنىنى تولۇقلاش ئۈچۈن، دۆلەت ئىچى بازىرىغا كەڭرى يۈزلىنىدۇ، بۇلار پۈتۈنلەي يېڭىلىقمۇ ئەمەس.

مەسىلەن، بىز 2021-يىلى، H&M غا ئوخشاش غەربتىكى شىركەتلەرنىڭ، مەجبۇرىي ئەمگەك ئەندىشىسى سەۋەبىدىن، تەمىنلەش زەنجىرىدە ئۇيغۇر رايونىدىن مەنبەگە ئېرىشمەسلىك ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي، Netflix دە قويۇلغان يۈرۈشلۈك فىلىم ئارقىلىق ئامېرىكا كۆرۈرمەنلىرىگە تونۇلغان چىن لەنگە ئوخشاش خىتاي چولپانلىرىنى ئىشقا سېلىپ، خىتاينىڭ دۆلەت قوللىغان تەشۋىقاتىدا ‹ئۇيغۇر رايونى پاختىسى› نى داڭلاتقانىدى. شۇڭا خىتاي دۆلەت ئىچىدىكى بۇ داۋالغۇشلارنى، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە كارخانىلارنىڭ شېرىكچىلىكىنى ئازايتىشنى خالايدىغانلارنىڭ غەلىبىسى دەپ قاراش كېرەك».

خىتاي ئۆزىنىڭ تەشۋىقاتلىرىغا قارىغاندا، 2023-يىلىغا قەدەر ئۇيغۇر دىيارىنىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 5 مىليون 112 مىڭ توننا بولۇپ، خىتاينىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %90 تىن كۆپرەكنى ئىگىلىگەن. ئۇدا بەش يىل پاختا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 5 مىليون توننىدىن ئېشىپ، مۇقىملىقىنى ساقلاپ كەلگەن.

ئۇيغۇر دىيارى پاختا ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى ۋە ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى جەھەتتە، ئۇدا 30 يىل مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، شۇڭىمۇ خىتاي «شىنجاڭ پاختىسى» تەشۋىقاتىدا «دۇنيادىكى پاختا خىتايغا، خىتاي پاختىسى ئۇيغۇر رايونىغا قارايدۇ» دەيدۇ.

ھالبۇكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئىنكار قىلىشنى داۋام قىلىپ كەلمەكتە. تېخى يېقىندىلا، 2024-يىلى 15-مارتتا ئېچىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» ، «كىرىمىنى ئاشۇرۇش» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئاقلاشقا ئۇرۇنغانىدى. شۇنداقلا ئۇ «21-ئەسىردىكى ئەڭ داڭلىق رەزىل قانۇنلارنىڭ بىرى» دەپ ئەيىبلىگەن ئامېرىكانىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ۋە جازا تەدبىرلىرىنىڭ، خىتاي مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتى ئېكسپورتىنى چەكلەشتە نەتىجىلىك بولۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ قويغانىدى.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىكى ئۇچۇر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، خىتاي 2015-يىلدىن باشلاپ، ئۇيغۇر رايونىدا مەخسۇس تۈر مەبلىغى، يەنى توك ۋە قاتناش تولۇقلىمىسى ئارقىلىق توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا باشلىغان. شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە يىلدا، خىتاي ئىچىدىكى پاختا توقۇمىچىلىق زاۋۇت كارخانىلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە يەرلىشىشكە باشلىغان.

بۇ مەزگىل دەل خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرىغا تۈركۈملەپ قاماشقا باشلىغان ئوخشاش بىر ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، گەرچە بۇ چەكلىمىلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونى ئىقتىسادىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى تولۇق ئۆلچەشكە بولىدىغان ئاممىۋى سانلىق مەلۇماتلار ئاز بولسىمۇ، ئەمما بۇ رايوننىڭ بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىشى %54.6 تۆۋەنلىگەن، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، 2021-يىلى ئاران 50 مىليون 140 مىڭ دوللار مەبلەغ سېلىنغان.

ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، سودا جەھەتتە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ 2023-يىلى ئامېرىكىغا قىلغان ئومۇمىي ئېكسپورتى 373 مىليون دوللار ئەتراپىدا بولۇپ، 2020-يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا%92 تۆۋەنلىگەن.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە، خىتاينىڭ پاختا ئېكسپورتىدا كۆرۈلۈۋاتقان زىياننى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي شىركەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇش سىياسەت تەدبىرلىرىنى بىرلىكتە جىددىي ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز.

دائىرىلەر «بىر زاۋۇت، بىر مەھسۇلات» دېگەندەك تەدبىرنى قوللىنىپ، پاختا سانائەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ توپلىماقتىكەن. خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، -6 ئاينىڭ 27-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئۈرۈمچىدە 2024 يىللىق «ئۇيغۇر رايونىنىڭ پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش پائالىيىتى» ئۆتكۈزۈلگەن. پائالىيەتتە ئاتالمىش «ئۇيغۇر رايونىغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر» ، دۆلەت ئىچىدىكى توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك ساھەسىدىكى باشلامچى كارخانىلار، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئايرىم ئايرىم ھالدا ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە ئۇيغۇر رايونى ئىچىدىكى توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى: «خىتاي ئۇيغۇرلارغا تۆلەم ۋە جاۋاب بېرىشى كېرەك»

ئەمما خىتاينىڭ دىققەتنى، خەلقئارا بازاردا پاختا ئېكسپورتىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان نېگىزلىك مەسىلە بولغان، مەجبۇرىي ئەمگەكنى بىكار قىلىش ۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشقا ئەمەس، بەلكى يەنىلا ئىچكى بازارغا يۈزلىنىش ئارقىلىق قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشقا قارىتىۋاتقانلىقى، كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىنىڭ يەنىمۇ كۈچلۈك ئەيىبلىشىگە ئۇچرىماقتا.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي بۆلۈمى مۇۋەققەت دىرېكتورى مايا ۋاڭ بۇنىڭغا قارىتا رادىيومىزدا قايتۇرغان يازما ئىنكاسىدا، خىتاينى مۇنداق دەپ ئەيىبلىدى:

«بىز خىتاينىڭ ئېكسپورتتىكى تەمىنلەش زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى ئىشلىتىش جەھەتتە ‹پاكىز› تەمىنلەش زەنجىرىنى، دۆلەت ئىچى ئىستېمالى ئۈچۈن بولسا ‹مەينەت› بولۇش مەسىلىسىگە جاۋاب بەرگەندە، ئۇنىڭ بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ شىركەتلەرنىڭمۇ ئەندىشىسىنى قوزغاۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. بۇ خىل ئۇسۇلدا بىر قاتار مەسىلىلەر بار. ئالدى بىلەن، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ سىستېمىلىق ۋە ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشىنى پەرقلەندۈرۈشنى ئىنتايىن قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئىككىنچىدىن، ھۆكۈمەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار. خىتاي ھۆكۈمىتى تەمىنلەش زەنجىرىنى ئايرىش ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتىنى توختىتىشى، خالىغانچە قولغا ئېلىپ تۈرمىگە سولىغان، ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقان يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك مۇسۇلمانلىرىغا تۆلەم ۋە جاۋابكارلىقنى بېرىشى كېرەك.»

ئامېرىكا خىتاي مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتمەكتە

بۇلتۇر ئېلىپ بېرىلغان بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشتە بايقىلىشىچە، ئامېرىكادا سېتىلىۋاتقان پاختا كىيىملەرنىڭ %16 ىدە ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن تالا بار ئىكەن. ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن پاختا دۇنيا كىيىم-كېچەك سانائىتىدە كەڭ قوللىنىلىدۇ. ئامېرىكا تاموژنا خادىملىرى تەمىنات زەنجىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بۇلغانمىغانلىقىنى ئىسپاتلىيالمىسىلا، تاموژنا خادىملىرى ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ھەر قانداق مالنى تۇتۇپ قالىدۇ.

2024-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن باشلاپ، ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە چەكلەش تىزىملىكىگە، بۇ نۆۋەت خىتايدىكى يىنتەي پاختا سانائەت چەكلىك شىركىتى، خىتاي پاختا گۇرۇھىغا تەۋە خېنەن ئەشيا ئوبوروت باغچىسى چەكلىك شىركىتى، نەنگۇڭ خوڭتەي پاختا چەكلىك شىركىتى، شەندۇڭ ئەشيا ئوبوروت باغچىسى چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ پاختا چەكلىك شىركىتى قاتارلىق 26 پاختا سانائىتىگە دائىر شىركەت ۋە زاۋۇتلارنى قوشتى.

مەزكۇر قانۇن ئىمزالانغاندىن بۇيان، UFLPA يەنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» چەكلەش تىزىملىكىگە كىرگەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ سانى 65 كە يەتتى. خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك پاختىسىنى ئىشلىتىپ كەلگەن بۇ شىركەتلەر ھازىر، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ.

بۇ، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك پاختىلىرىدىن چەكلەش تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.