فوتوگراف لىسا روسنىڭ ئۇيغۇر تارىخىي مازارلىرىغا ئائىت فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى ئەنگلىيەدە داۋام قىلماقتا

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر دىيارىدىكى تارىخىي مازايى-ماشايىخلارمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ، شىددەت بىلەن يوق قىلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە، نيۇ-يوركلۇق فوتوگراف لىسا رۇس خانىم ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى قەدىمىي تاۋابكار ۋە مازارلار ھەققىدە توپلىغان فوتو ئارخىپىنىڭ تېخىمۇ قىممەتلىك تارىخىي پاكىت بولۇپ قالدى. فوتوگراف لىسا روس خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي مازارلىرىغا ئائىت «يۇقلىۋاتقان مۇقەددەس جايلار» فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى نۆۋەتتە ئەنگلىيەنىڭ بىرمىنگخام شەھىرىدە داۋام قىلماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا لاگېرلارنى قۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر ساھەدىكى سەر خىللىرىنى قاماش ۋە ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپىنى يوقىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغان بىر پەيتتە ئەنگلىيەنىڭ بېرمىنگخام شەھىرىدىكى گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىسىدە نيۇ-يوركلۇق فوتوگراف لىسا رۇس خانىمنىڭ ئاچقان «يوقىلىۋاتقان مۇقەددەس جايلار» ناملىق فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى، ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن يورۇتماقتىكەن.

20-سېنتەبىردىن 2-نويابىرغىچە داۋام قىلىدىغان بۇ كۆرگەزمىگە لىسا رۇس خانىمنىڭ ئون نەچچە يىلدىن بۇيان بىر قانچە قېتىم تەكلىماكاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تاۋاپ قىلىدىغان مۇقەددەس جايلىرىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا تارتقان مازارلىقلار ۋە دىنغا ئائىت فوتو سۈرەتلىرى قويۇلغان.

لىسا رۇس خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ مازارلىرى ھەققىدىكى تۇنجى فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىنى 2013-يىلى نيۇ-يورك شەھىرىدە ئاچقان بولۇپ ئۇنىڭغا «خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقەددەس جايلىرى» دەپ نام بېرىلگەن ئىدى. ئۇنىڭ يەنە مۇشۇ رەسىملىرى ئاساسىدا نەشر قىلدۇرغان بىر پارچە كىتابىمۇ بار.

بۇ يىل يانۋاردا لىسا رۇس خانىم يەنە نيۇ-يوركتا «مەن ئۇيقۇدىن بىدار: ئۇيغۇرلار ۋەتىنىگە ئېھتىرام» ناملىق مەخسۇس فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىنى ئېچىپ، بۇنى داڭلىق ئۇيغۇر فولكلورشۇناس راھىلە داۋۇت قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇر سەرخىللىرىغا بېغىشلىغانىدى.

بېرمىنگخامدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان لىسا رۇس خانىم مەزكۇر فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى گەرچە ئۇنىڭ ئۇيغۇر قەدىمىي مازارلىرىغا دائىر «ھايات مازارلار» تېمىسىدا ئىلگىرى نيۇ-يورك ۋە دۇبەي قاتارلىق جايلاردا ئېچىلغان كۆرگەزمىسىنىڭ داۋامى بولسىمۇ ئەمما بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە قويۇلغان سۈرەتلەردىكى مازار ۋە خانىقالارنىڭ كۆپچىلىكنىڭ بۈگۈن يەر شارىدىن غايىب قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئەنە شۇ سەۋەبتىن بۇ يۈرۈشلۈك كۆرگەزمە نامىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مۇقەددەس جايلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە ماسلاشتۇرۇپ: «يوقىلىۋاتقان مۇقەددەس جايلار» قىلىپ ئۆزگەرتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

لىسا رۇس خانىم: «مەن ئىلگىرى 2014-يىلىدىن باشلاپ ئېچىپ كېلىۋاتقان يۈرۈشلۈك كۆرگەزمىلىرىمگە ‹ھايات مازارلار› دەپ نام بەرگەن ئىدىم، ئەمما ھازىرقى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتى سەۋەبلىك بۇ نامنى قايتا قوللىنىشنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم. بۇ كۆرگەزمىگە مارالبېشىدىن تارتىپ يەكەن، خوتەن قاتارلىق ئوخشىمىغان جايلاردا بىر قانچە قېتىم بېرىپ تارتىلغان مازارلارغا ئائىت 12 يۈرۈش سۈرەتلەر قويۇلدى. مەن ئۇلارنىڭ غايىب قىلىنىۋاتقانلىقىنى يورۇتۇش ئۈچۈن ئىمام ياسىن قاتارلىق مازارلارنىڭ ئەينى چاغدا تارتقان سۈرەتلىرى بىلەن تەڭ يەنە ئۇنىڭ يېقىندا سۈنئىي ھەمراھىدىن تارتىلغان، يەنى تۈزلىۋېتىلگەن مازارلارنىڭ سۈرەتلىرىنىمۇ قويدۇم. بۇ جايلار ھازىر يوق پۈتۈنلەي يوق قىلىنغان»، دېدى.

لىسا خانىم كۆرگەزمىگە ماس ھالدا يەنە زىيارەتچىلەرگە بۇ فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىدە ئىپادىلەنگەن مازارلارنىڭ ئورنى، تارىخى ۋە بۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىدە تۇتىدىغان ئورنى قاتارلىقلار ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بەرگەندىن سىرت ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان زىيارەتلىرىدە ئەينى چاغدا ئۇيغۇر ئېلىدە فولكلور تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىۋاتقان دوستى راھىلە داۋۇت بىلەن بولغان دوستلۇقى ھەم ئۇننىڭ نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيلار بىلەن تەڭ لاگېرلارغا قامىلىپ غايىب قىلىنغانلىقى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇرغان.

بۇ ھەقتە لىسا مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار ھازىرقىدەك بىر ۋەزىيەتكە يۈزلەنگەن بىر ۋاقىتتا مەن بىر سەنئەتكار بولۇش سۈپىتىم بىلەن قىلالايدىغىنىم، سەنئەت نۇقتىسىدىن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىش، ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارنى بىلمەيدىغان كىشىلەرگە لاگېرلار مەسىلىسىدەك بىر پاجىئەلىك مەسىلىنى بىۋاستىلا ئوتتۇرىغا قويغاندىن بۇ خىل گۈزەل سەنئەتنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن تونۇشتۇرۇش تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچە ھاسىل قىلالايدۇ دەپ قارىدىم. بۇ كۆرگەزمىنىڭمۇ مەقسىتى ئەلۋەتتە دۇنيا ئەھلىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان كۆڭۈل بولۇشىنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇش».

لوندوندىكى ئۇيغۇر مۇزىكىشۇناس پروفېسسور رېچال خارس خانىم فوتوگراف لىسا خانىمنىڭ مەزكۇر كۆزگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت سەنئىتى ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى يوقىتىلىش ئەھۋالىغا ئائىت دوكلات بەرگەن بولۇپ، ئۇ بۇ كۆرگەزمىنىڭ ئەنگلىيەدىكى نۇرغۇن گۈزەل سەنئەتچىلەر، مۇتەخەسسىس ۋە ئۇيغۇرشۇناسلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «لىسا كۆرگەزمىگە قويغان بۇ سۈرەتلەر يالغۇز ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئاجايىپ گۈزەل مازارلار ئىپادىلەنگەن فوتو-سۈرەت ئەسەرلەر بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئېتىقادى، گۈزەللىك تۇيغۇسى قاتارلىق باي روھىي دۇنياسىمۇ ئەكس ئەتكەن، شۇڭا بۇ سۈرەتلەر ئىنسانلارنىڭ روھىيىتىگە تەسىر قىلىش كۈچىگە ئىگە. شۇڭا بۇنى كۆرگەن نۇرغۇن زىيارەتچىلەرنىڭ كۆزىدىن ھەيرانلىق ئىپادىلەندى، ئۇلار ھېچقاچان بۇنىڭغا ئوخشايدىغان مەنزىرىنى كۆرۈپ باقمىغان لېكىن ھەممىسى بۇ سۈرەتلەردىكى گۈزەللىككە قايىل بولماي تۇرالمايدۇ. بۇ گۈزەل ئەسەرلەرنىڭ جەلپ قىلىشى بىلەن ئۇلار ئۇيغۇرلار ھەققىدە يەنىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بىلىشكە تىرىشتى. كۆرگەزمىنىڭ بىر خىل ئاممىۋى سورۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەڭ زور قىممىتى ۋە ئەھمىيىتى خىتاينىڭ يوقىتىش خەۋپىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇشتا ئۇنىڭ بىر كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىيالىشىدا دەپ قارايمەن».

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قىسمەن جايلىرىدىكى مازار-مەقبەرىلەرنى، ساياھەتچىلىككە دائىر تارىخىي ئورۇنلار سۈپىتىدە ساقلاپ قالغاندىن باشقا، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا نۇرغۇن چوڭ كىچىك تارىخىي مازارلارنى ئومۇميۈزلۈك چېقىپ تۈزلەشنى داۋام قىلغانىدى. بۇلار ئاساسەن بىر قانچە ئەسىرلىك ئۇزاق تارىخقا ئىگە شۇنداقلا ھازىرغىچە ئىشلىتىلىۋاتقان قەدىمىي زاراتگاھلىقلار بولۇپلا قالماي، ئۇيغۇرلارنىڭ تاۋاپ قىلىدىغان مۇقەددەس جايلىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا لىسا خانىم، زىيارىتىمىز داۋامىدا بۇ ئۇلۇغ جايلارنىڭ يەر شارىدىن غايىب قىلىۋېتىلىشى ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدىكى بىر پاجىئە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ يوقىتىلىشى بىلەن تەڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مازارلارغا باغلانغان مەدەنىيىتى ۋە ئەنئەنىلىرىنىڭمۇ يوقىلىشىدىن بەكرەك ئەندىشىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.