مايك پومپېيو «ۋاز كېچىلمەس ھوقۇقلار ۋە ئەركىنلىكنىڭ كاپالىتى» ماۋزۇلۇق نۇتقىدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ھەققىدە توختالدى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2019-يىلى 7-ئايدا «ۋاز كېچىلمەس ھوقۇقلار كومىتېتى» ناملىق بىر يېڭى بىر كومىتېت قۇرۇپ، بۇندىن كېيىن «ۋاز كېچىلمەس ھوقۇقلار» نىڭ ئامېرىكانىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتلىرىدە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 16-ئىيۇل كۈنى مەزكۇر كومىتېت قۇرۇلغانلىقىغا بىر يىل بولغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ تۇنجى دوكلاتىنىڭ ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكانىڭ فىلادېلفىيە شتاتىدا مەخسۇس ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا مۇھىم نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ «ۋاز كېچىلمەس ھوقۇقلار ۋە ئەركىنلىكنىڭ كاپالىتى» ماۋزۇلۇق نۇتقىدا كىشىلىك ھوقۇق، كىشىلىك ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىكنىڭ ئامېرىكانىڭ قۇرۇلۇش پىرىنسىپى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ ھوقۇقلار، يەنى بۇ ۋاز كېچىلمەس ھوقۇقلار مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇلار بۇ دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش ئاساسى. ئۇ ئامېرىكالىق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنى بىز قىلغان ۋە بىز كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىدىيەلەرنىڭ مەركىزىدۇر.»

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى دىنى ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارىي نۇرىي تۈركەل ئەپەندى فىلادېلافىيە شتاتىدىكى بۇ مۇراسىمغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ، ئۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تەكىتلەۋاتقان «ۋاز كېچىلمەس ھوقۇقلار» ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.

نۇرىي تۈركەل ئەپەندى ئامېرىكا قۇرۇلغاندا بەلگىلەنگەن «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» دە ئىنسانلارنىڭ تۇغۇلغاندىلا ئەركىن ۋە باراۋەر تۇغۇلىدىغانلىقى، ياراتقۇچى تەرىپىدىن بارلىق ئىنسانلارغا بېرىلگەن تەبىئىي ھوقۇقلارنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىدەك ماددىلار مەۋجۇتلۇقىنى، بۇ ماددىلارنىڭ ئامېرىكانىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتىدىكى ئاساسلىق ئامىل بولۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئامېرىكانىڭ قۇرۇلۇش پىرىنسىپلىرىدا بەلگىلەنگەن «ۋاز كېچىلمەس ھوقۇقلار» نىڭ ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭمۇ ئاساسىي ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. بولۇپمۇ ئۇ ھازىرقىدەك كىشىلىك ھوقۇق ئېغىر تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە بۇنىڭ ئامېرىكا تاشقى سىياسىتى ئۈچۈن زۆرۈر بىر قوراللىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «كىشىلىك ھوقۇقنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار فاشىزىمنىڭ مەغلۇبىيىتى، شەرقىي ياۋروپادىكى كوممۇنىزمنىڭ يىمىرىلىشى ۋە «ئاپارتايد»، يەنى ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنىڭ يىمىرىلىشىدەك ئۇلۇغ ۋە مەدھىيەلەشكە ئەرزىگۈدەك غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىراق بۇ غەلىبىلەر شۇ ۋاقىتتا قالدى. 20-ئەسىردىكى ئۇلۇغ ۋە شەرەبلىك كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى كرىزىسقا دۇچ كەلدى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر، مەسىلەن، نىكاراگۇئا ۋە ۋېنېسۇئېلادا، زىمبابۋې، ئىران، رۇسىيە، بېرما، خىتاي ۋە شىمالىي كورىيەدە ھەر كۈنى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈز بەرمەكتە.»

مايك پومپېيو بۇ نۇتقىدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى مەنپەئەتلەرگە ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ سىياسەتلىرىگە قۇربان قىلىۋېتىشتەك ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدىمۇ كۆپ توختالدى. ئۇ بولۇپمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ ئەسلى ۋەزىپىسىدىن ئۇزاقلىشىپ، مۇستەبىتلەرنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىدىغان ئورگانغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئامېرىكانىڭ مۇشۇنداق مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەمەلدارلىرىنى جازالايدىغان قوراللىرى بارلىقىنى ۋە ئامېرىكانىڭ بۇ قوراللار ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىرىنى جازالاۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكانىڭ دۇنيادا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئۈچۈن نۇرغۇن مەبلەغ سەرپ قىلىۋاتقانلىقىنى، تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇمدا رول ئالغان ئەمەلدارلارنى جازالىغانلىقىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى.

ئۇ: «بىزنىڭ ئىران ۋە كۇبادىكى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچىلارغا يۈرگۈزگەن جازالىرىمىزدەك كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچىلارنى جازالايدىغان قوراللىرىمىز بار. بىز يېقىندا يەنە شىنجاڭ مەسىلىسىدە ۋە ئۇ يەردە سودا قىلىۋاتقان شىركەتلەر ھەققىدە بىر بۇيرۇق چىقاردۇق. بىز ھەرقانداق بىر ئامېرىكا شىركىتىنىڭ قۇل ئەمگىكىدىن بىلىپ تۇرۇپ پايدا ئېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى خالايمىز» دېگەن.

مايك پومپېيو نۇتقىدا يەنە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇمنى يەنە بىر قېتىم «ھازىرقى ئەسىرگە چۈشكەن داغ» دەپ ئاتىغان. ئۇ مۇنداق دېدى: «تېخى ئالدىنقى ھەپتە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمىز ۋە مالىيە مىنىستىرلىقىمىز مەن شەخسەن بۇ ‹ئەسىرگە چۈشكەن داغ› دەپ ئاتايدىغان ۋە خىتاينىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارغا كەڭ كۆلەملىك زىيانكەشلىك قىلىش ھەرىكىتىدە رول ئالغان يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتا جازا تەدبىرى قويدۇق. بىز بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ۋاز كېچىلمەس ھوقۇقلارنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن قىلدۇق.»

نۇرىي تۈركەل ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مايك پومپېيو ئەپەندى سۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە سۈپىتىدە تىلغا ئالغان بولۇپ، بۇ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن.

مايك پومپېيونىڭ بۇ نۆۋەتلىك نۇتقىدا ئامېرىكانىڭ قۇرۇلۇش پرىنسىپلىرىنى قايتا تەكىتلىگەن. ئۇ ۋاز كېچىلمەس ھوقۇقلارنىڭ ئامېرىكانىڭ پۈتۈن دۇنياغا قاراتقان سىياسەتلىرىنىڭ ئاساسىي بولۇشى كېرەكلىكىنى، ئۇنى يوقىتىشنىڭ ئامېرىكانىڭ قۇرۇلۇش پرىنسىپلىرىغا زىتلىقىنى تەكىتلەپ، بۇندىن كېيىن ئامېرىكانىڭ دۇنيادا كۈچەپ تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. نۇرىي تۈركەل ئەپەندى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان زۇلۇمنى ئاياغلاشتۇرۇشقا پايدىلىق ۋەزىيەت يارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر كومىتېت كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئامېرىكادىكى جۇمھۇرىيەتچى پارتىيە ۋە دېموكراتچى پارتىيە ئەزالىرى ھەم شۇنداقلا ئوخشىمىغان ئارقا كۆرۈنۈش ۋە دىنى گۇرۇپپىلارغا تەۋە ۋەكىللەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ ئامېرىكانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە خۇسۇسىي ئەركىنلىك، دىنى ئەركىنلىكنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتىن ئىبارەت قۇرۇلۇش پرىنسىپلىرىغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن مەسلىھەت بېرىدىكەن.