ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو 23-ئىيۇل كۈنى «كوممۇنىست خىتاي ۋە ئەركىن دۇنيانىڭ كېلەچىكى» ماۋزۇلۇق مۇھىم نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ بۇ نۇتقىدا ئامېرىكانىڭ يىللاردىن بېرى خىتايغا قاراتقان سىياسىتىنى «قارىغۇلارچە» دەپ ئاتىدى شۇنداقلا ئەمدى دەۋرنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ؛ «بىز ئەگەر شى جىنپىڭ چۈشى ھۆكۈمران بولغان 21-ئەسىر ئەمەس، ئەركىن 21-ئەسىرگە ئېرىشىمىز دەيدىكەنمىز، خىتاي بىلەن قارىغۇلارچە مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان سىياسەتنى داۋاملاشتۇرماسلىقىمىز، ئۇنىڭغا قايتماسلىقىمىز كېرەك. . . ئەگەر ئەركىن دۇنيا ئۆزگەرمىسە، كوممۇنىست خىتاي بىزنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ.» دېگەن سۆزلەرنى قىلدى.
بىز ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ نۇتقى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئامېرىكادىكى بىر قىسىم خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنى زىيارەت قىلدۇق.
ئامېرىكادىكى تونۇلغان خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى گوردون چاڭ مايك پومپېيونىڭ بۇ نۇتقىنى «يېپيېڭى خىتاي سىياسىتىنىڭ سىگنالى»، دېدى. ئۇ سۆزىدە «مەنچە مايك پومپېيونىڭ نۇتقى ئىنتايىن زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇ ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارىتىدىغان يېپيېڭى سىياسىتىنىڭ سىگنالى ۋە مەن بۇنى ناھايىتى ياخشى ئەھۋال دەپ قارايمەن» دېدى.
گوردون چاڭ ئەپەندى بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى «دۆلەت مەنپەئەتى» ناملىق تور زھورنىلىدىمۇ ئېلان قىلغان. ئۇ ماقالىسىدە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئامېرىكانى «يېڭى سوغۇق ئۇرۇش» باشلاۋاتىدۇ، دەپ باھالاۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، بۇنى توغرا دەپ قارىمايدىغانلىقىنى، چۈنكى خىتاينىڭ ئامېرىكاغا بولغان دۈشمەنلىكىنىڭ يېڭىلىق ئەمەسلىكىنى، ئەگەر بۇ يەردە يېڭىلىق بار دېيىلسە ئۇ ھالدا بۇ يېڭىلىقنىڭ ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ دۈشمەنلىكىنى تونۇپ يېتىشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. ئۇ بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا مايك پومپېيونىڭ شۇ كۈنكى نۇتقىدا «بىز ئامېرىكا 50 يىلدىن بېرى خىتايغا يۈرگۈزۈپ كەلگەن ‹مۇناسىۋەت ئورنىتىش› سىياسىتىنى چۆرۈپ تاشلىدۇق، ئەمدى بىز خىتاي رېجىمىنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت يېپيېڭى سىياسەتكە قۇچاق ئاچىمىز» دېگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بىز يەنە، ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورگانلىرىدىن بولغان «راند تەتقىقات مەركىزى» نىڭ خىتاي، ياپونىيە ۋە تەيۋەن مەسىلىلىرى بويىچە مۇتەخەسسىسى دوكتور سىكوت خېرولدنىمۇ زىيارەت قىلدۇق. ئۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ 23-ئىيۇل كۈنىدىكى نۇتقىنىڭ ئامېرىكا خىتاي بىلەن 1972-يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان، 1979-يىلى مۇناسىۋەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن بۇيانقى سۆزلىگەن ئەڭ دەرىجىدىن تاشقىرى نۇتقى، دەپ باھالىدى. دىققەت قوزغايدىغىنى، سىكوت ھېرالدمۇ بۇ نۇتۇقنىڭ رېجىم ئۆزگەرتىش قارارىدەك ئاڭلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان ئامېرىكانىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دەرىجىسىدىكى بىرى خىتاي ھەققىدە بۇنداق سۆز قىلىپ باقمىغان. 2017-يىلىدىكى دۆلەت خەۋپژلىكى ئىستراتېگىيەسى دوكلاتىدا خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلەر ‹زور دۆلەتلەرنىڭ رىقابىتى› دەپ كاتوگورىيەلەشتۈرۈلگەنىدى. بىراق پومپېيو ئەپەندىنىڭ بۇ نۇتقى ئامېرىكا خىتايدا رېجىم ئۆزگەرتىشنى چاقىرىۋاتقاندەك ئاڭلىنىدۇ. بۇ، ‹زور دۆلەتلەرنىڭ رىقابىتى› دىن ئاللىقاچان ھالقىپ كەتكەن بىر ئەھۋال»
ئۇ سۆزىدە يېقىندىن بۇيان ئامېرىكانىڭ خيۇستوندىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنى تاقىشى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنى جازا لاگېرى دەپ ئاتىشى ھەم شۇنداقلا خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلىشى ۋە تەيۋەن بىلەن بولغان ئالاقىنى تەكىتلىشىدەك كەينى-كەينىدىن يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەردىن قارىغاندىمۇ ئامېرىكانى ھەقىقەتەن خىتايغا قاراتقان پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتتى، دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىراق ئۇ يەنە ئامېرىكانىڭ يۇقىرىقىدەك ھەرىكەت قىلىشىغا خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو شۇ كۈندىكى نۇتقىدا ئالاھىدە قىلىپ بۇندىن كېيىن ئامېرىكانىڭ خىتايدىكى ئەركىنلىكنى سۆيىدىغان كىشىلەر بىلەن قويۇق ئالاقە ئورنىتىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنى «جازا لاگېرلىرى» دەپ ئاتىغانىدى.
ئامېرىكادىكى يەنە بىر تونۇلغان سىياسىي ئىشلار مۇتەخەسسىسى دوكتور ئاندېرس كور بىزگە ئېلخەت ئارقىلىق قايتۇرغان ئىنكاسىدا مايك پومپېيونىڭ بۇ نۇتقىنىڭ ھەقىقەتەن ئامېرىكانىڭ خىتاي سىياسىتىدىكى زور ئۆزگىرىشتىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئېلخېتىدە: «ترامپ ھۆكۈمىتى ماقۇللىغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى ۋە خوڭكوڭغا ئالاقىدار قانۇنلار ھەم شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن خۇپىيانە ھەمكارلىشىپ ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلغان كىشىلەرنى جازالىشىدىن قارىغاندا ئامېرىكانى بۇ جەھەتتە رېئال ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ دېيىشكە بولىدۇ» دېدى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو شۇ كۈندىكى نۇتقىدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دۆلەتلىرى، گ-20 ۋە گ-7 دۆلەتلىرىنى خىتايغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشقا چاقىرغان. ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن ئەركىن دۆلەتلەر بىرلىشىپ خىتايغا تاقابىل تۇرىدىغان يېڭى بىر گەۋدە يارىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
«راند تەتقىقات مەركىزى» نىڭ تەتقىقاتچىسى سىكوت ھېرولد سۆزىدە «ئەگەر ئامېرىكا ھەقىقەتەن شېرىك دۆلەتلەرنىڭمۇ مەنپەئەتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر كۆلەملىك ئىستراتېگىيە يارىتىپ چىقالىسا ئۇ ھالدا بۇ ھەمكارلىق تامامەن مۇمكىن» دەپ كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەنچە نۇرغۇن ئەركىن دۆلەتلەر ھازىر خىتاينىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەقىقەتەن قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتى ۋە ئۇلاردا ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ئىستىكىنىڭمۇ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. مەسىلەن ياپونىيە ئۇزۇندىن بۇيان سېنكاكو ئاراللىرى مەسىلىسى ۋە سودا مەسىلىسىدە خىتاينىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپ كەلدى، جەنۇبىي كورىيەمۇ شۇنداق. ئاۋسترالىيە بىلەن يېڭى زىللاندىيە ئۆزىنىڭ سىياسەت ساھەسىدە خىتاينىڭ تەسىرىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. ئۇلارمۇ ھازىر ئاستا-ئاستا خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يېڭى قەدەملەرنى تاشلاۋاتىدۇ. مەسىلەن، ئەنگلىيە يېقىندا خۇئاۋېي بىلەن 5-گ بىلەن ھەمكارلىشىشىنى توختاتتى، ئاۋسترالىيە خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى شۇنداقلا خوڭكوڭ ھەققىدە بىر قىسىم تەدبىرلەرنى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇڭا مەن بۇ دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىش پۇرسىتى ھەقىقەتەن مەۋجۇت دەپ قارايمەن. بىراق ئۇلارنىڭ خىتايغا تاقابىل تۇرۇشتا ئامېرىكانى تولۇق قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى ئۈچۈن ئامېرىكا چوقۇم شېرىك دۆلەتلەرنىڭمۇ مەنپەئەتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان كەڭ كۆلەملىك ئىستراتېگىيە تۈزۈپ چىقىشى ۋە بۇ دۆلەتلەرگە تولۇق ئىشەنچ بېرىشى كېرەك».
گوردون چاڭ ئەپەندى بولسا بۇ ھەقتىكى سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنياغا زىيان سالىدىغان ھەرىكەتلىرىگە قارىتا ئەركىن دۇنيانىڭ بىرلىشىشتىن باشقا تاللىشى يوق، شۇڭا بۇ دۆلەتلەر ئاقىۋەتتە بىرلىكتە خىتايغا تاقابىل تۇرىدۇ، دەپ قارايمەن» دېدى.
گوردون چاڭ يەنە: «مەنچە نۇرغۇن ئامېرىكالىقلار خىتاينىڭ ئامېرىكاغا بولغان دۈشمەنلىكىگە يەنىلا سەل قاراۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ نىيىتىنىڭ قانچىلىك قارىلىقىنى ھېس قىلالمايۋاتىدۇ. خىتاي ئامېرىكاغا جىددىي يوسۇندا تەھدىت ئەپ كېلەلەيدۇ. شۇڭا بىز دەرھال قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشىمىز، ۋاقىت ئىسراپ قىلماسلىقىمىز كېرەك» دەپ ئەسكەرتتى.
0:00 / 0:00