دۇنيا باش پوپ فرانسىسكۇسنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلىشىنى كۈتۈۋاتامدۇ؟
2020.08.14
«خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارماقتا» ناملىق ماقالىدا ۋاتىكاننىڭ باش پوپى فرانسىسكۇسنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلىشى تەلەپ قىلىنغان.
12-ئاۋغۇست گېرمانىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «كۈندىلىك پوچتا» گېزىتى «خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارماقتا» ناملىق ئۇزۇن ھەجىملىك بىر ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىدە خرىستىئانلار، يەھۇدىلار، مۇسۇلمانلار ۋە بۇددىدىستلارنىڭ دۇنيادىكى مەشھۇر دىنىي يىتەكچىلىرىنىڭ بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئورتاق ئەيىبلىگەنلىكى تەپسىلىي بايان قىلىنغان.
بۇ باياناتنى دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدىكى ئوخشىمىغان دىنلارغا مەنسۇپ بولغان 76 نەپەر دىنىي زات 8-ئاۋغۇست ئېلان قىلىپ، كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان ئىدى.
«دىنىي داھىلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئورتاق ئەيىبلىدى» دېگەن جۈملە بىلەن باشلانغان بۇ ماقالىنىڭ «يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدىن بۇيانقى ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ زور تىراگېدىيەسى» دېگەن 1-بۆلىكىدە بىرلەشمە باياناتتىن نەقىل ئېلىپ، ئاز دېگەندە 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ ئاچلىقنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقانلىقى، ئېغىر قېيىن-قىستاقلارغا مۇپتىلا بولۇۋاتقانلىقى، قەستلەپ ئۆلتۈرىلىۋاتقانلىقى، جىنسىي زوراۋانلىقلارغا يولۇقۇۋاتقانلىقى، قۇل ئەمگىكىگە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى، ئورگان ئەتكەسچىلىكىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقانلىقى ھەمدە 80 پىرسەنتتىن ئارتۇق ئاياللارنىڭ مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىلگەنلىكى بايان قىلىنىپ: «يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى زامانىدىن كېيىن ‹ئەمدى تەكرارلانمايدۇ› دېگەن جىنايەت تەكرارلىنىۋاتىدۇ. خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى› دىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر دىنغا قارشى تۇرۇش، ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى باستۇرۇش جىنايىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. 1948-يىلى ماقۇللانغان ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئەھدىنامىسى› گە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ بۇ باستۇرۇشلىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەرىجىسىگە يېتىپ بارغان» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن.
ماقالىنىڭ «لاگېر سىرتىدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىمۇ مەنئى قىلىنغان» دېگەن بۆلىكىدە جازا لاگېرلىرىنىڭ سىرتىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى، مەسچىتلەرنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقى، سەبىي بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىۋېتىلگەنلىكى، «قۇرئان» نى ئوقۇش، دۇئا قىلىش ۋە روزا تۇتۇشلارنىڭمۇ لاگېرلارغا قامىلىشقا سەۋەب بولىدىغانلىقى، دۇنيادىكى ئەڭ زور تاجاۋۇز خاراكتېرىگە ئىگە نازارەت سىستېمىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ھاياتىنىڭ ھەممىلا ساھەسىگە تەتبىق قىلىنىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنىپ: «خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مىللىي كىملىكىدىن تامامەن مەھرۇم قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى ئايان بولدى» دېگەن.
«شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، د ئۇ ق نىڭ رەئىس ۋەكىلى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، «خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دىنغا ئۇرۇش ئېلان قىلىشىنىڭ پۈتۈن دۇنيانىڭ غەزىپىنى قوزغاشقا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى» نى تەكىتلىدى.
«خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارماقتا» ناملىق ماقالىنىڭ «يۈكسەك تەسىر كۈچىگە ئىگە بولغان ئىككى نەپەر دۇنياۋى دىنىي داھى» ناملىق بۆلىكىدە مۇسۇلمانلار، خرىستىئانلار، يەھۇدىيلارنىڭ دىنىي يىتەكچىلىرى ۋە بۇددىستلارنىڭ روھانىي داھىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىپ بۇ بىرلەشمە باياناتقا ئىمزا قويغانلىقىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان ئوخشىمىغان دىنلارنىڭ ئورتاق بىر دىن دۈشمىنىگە قارشى بىر يەرگە كىلەلىگەنلىكىدىن بېشارەت بېرىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ھادىسە بولغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دۇنيانىڭ رىم پاپاسى فرانسىسكۇس بىلەن كانتېربۇرينىڭ باش ئېپىسكوپى جاستىن ۋالبيدىن ئىبارەت ئىككى نەپەر مەشھۇر دىنىي لىدېرلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېغىز ئېچىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىدۇ.
ماقالىدا ئىزاھلىنىشىچە، ۋاتىكاننىڭ باش پوپى فرانسىسكۇس بىلەن ئەنگلىيەدىكى كانتېربۇرينىڭ باش ئېپىسكوپى جاستىن ۋالبيدىن ئىبارەت بۇ ئىككى نەپەر مەشھۇر دىنىي لىدېرنىڭ خرىستىئان دۇنياسىدىكى تەسىرى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن. بۇلار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زۇۋان سۈرسە، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى خەلقئارادا تېخىمۇ جىددىي تېما ھالىغا كېلىدىكەن. ماقالە ئاخىرقى ئابزاسنى «ئۇلارنىڭ ۋاقتىنچە زۇۋان سۈرمەسلىكىدە بەلكىم سەۋەب باردۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىغان دىنىي ئەربابلىرى بۇ ھەقتە ئېغىز ئاچقان ئەھۋال ئاستىدا، ئۇلارنىڭمۇ پىكىر بايان قىلىشىنى پۈتۈن دۇنيا كۈتىدۇ» دېگەن جۈملە بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان.
ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى رالف بۇنخې بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئوخشىمىغان دىنلارغا تەۋە مەشھۇر دىنىي زاتلارنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە بىر ئارىغا كېلىشىنى «تارىخىي ئىلگىرىلەش» دەپ ئاتىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر خىتايدىكى دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ كۈنسېرى قاتتىق دەپسەندە قىلىنىشىغا، بولۇپمۇ دىنىي ئېتىقادنىڭ ئومۇميۈزلۈك چەكلىنىشىگە بارغانسېرى كۈچلۈك نارازى بولۇۋاتقان بىر چاغدا، ھەرقايسى دىنلارنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرىنىڭ بىر ئارىغا كېلىپ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئورتاق ئاۋاز چىقىرىشى ھەقىقەتەن ئاز كۆرۈلىدىغان تارىخىي ئىلگىرىلەش. خىتاي ھاكىمىيىتى بۈگۈن يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان بارلىق مىللەتلەرنىڭ، غەرب قىممەت قارىشىغا سادىق بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئورتاق دۈشمىنىگە ئايلىنىپ قالماقتا.»









