قاينام-تاشقىنلىققا تولغان 2021-يىللىق «ئامېرىكا ئۇيغۇر لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى غەلبىلىك ئاخىرلاشتى

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021.09.07
قاينام-تاشقىنلىققا تولغان 2021-يىللىق «ئامېرىكا ئۇيغۇر لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى غەلبىلىك ئاخىرلاشتى 2021-يىللىق «ئامېرىكا ئۇيغۇر لوڭقىسى» نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ماھىرلار كىچىك سەبىيلەرنىڭ ھەمكارلىقىدا مەيدانغا كىرگەن كۆرۈنۈشى. 2021-يىلى 6-سېنتەبىر.
Photo: RFA

2-سېنتەبىردىن 6-سېنتەبىرگىچە ئامېرىكانىڭ ۋىرجىنىيە شتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن 2021-يىللىق «ئامېرىكا ئۇيغۇر لوڭقىسى» نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى 6-سېنتەبىر كۈنى كەچتە غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى. بۇ قېتىملىق مۇسابىقە «ئامېرىكا ئۇيغۇر لوڭقىسى» نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئالتىنچى قېتىملىق مۇسابىقىسى بولۇپ «ئۇيغۇر بىرلەشمە كوماندىسى»، «ئۇيغۇر بىرلەشمە كلاسسىك كوماندىسى»، «مارىيلاند ئۇيغۇر كوماندىسى»، «بوستون-نيۇ-يورك بىرلەشمە ئۇيغۇر كوماندىسى»، «سان-فرانسىسكو ئۇيغۇر كوماندىسى» ۋە «ئىزچىلار كوماندىسى» قاتارلىق ئالتە كوماندا قاتناشتى.

ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە «ئۇيغۇر بىرلەشمە كوماندىسى» بىلەن «ئۇيغۇر بىرلەشمە كلاسسىك كوماندىسى» ئارىسىدا ناھايىتى كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى. ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى كۆرگىلى كەلگەن تاماشىبىنلار ئالدىنقى كۈنلەرگە قارىغاندا خىلىلا كۆپ ئىدى. مۇسابىقە ئاخىرقى مىنۇتلىرىغىچە ئىككىدە ئىككى نەتىجە بىلەن داۋام قىلدى. تاماشىبىنلارمۇ پۇتبولچىلارغا ئوخشاشلا جىددىيلەشتى، ئەڭ ئاخىرقى بىر مىنۇتتا «ئۇيغۇر بىرلەشمە كوماندىسى» قارشى تەرەپنىڭ ۋارتاسىغا بىر توپ كىرگۈزۈشى بىلەن مەيدان قىيقاس-چۇقانلارغا تولدى. كۆپ قېتىم چېمپىيون بولغان «ئۇيغۇر بىرلەشمە كوماندىسى» يەنە بىر قېتىم «ئامېرىكا ئۇيغۇر لوڭقىسى» نى ئالغانىدى.

«ئۇيغۇر بىرلەشمە كوماندىسى» نىڭ ترېنېرى جۈرئەت زاھىر ئەپەندى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ مۇسابىقە ھەقىقەتەن جەڭ مەيدانىغا ئوخشاش جىددىي بولدى. بىر-بىرىگە قارشى كوماندىدا ئوينىغان ئاكا-ئۇكىلار بار، ھەتتا بىزگە قارشى ئوينىغان كوماندىنىڭ ترېنېرى مېنىڭ ئىنىم بولىدۇ. مېنىڭ كوماندام ئۇتقان ۋاقىتتىكى ھېسسىياتنى ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدۇ.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئاشۇ ئاددىي بىر دۈگىلەك توپ ھەر يىلى يۈزدىن ئارتۇق ياش ئۇيغۇر بالىلارنى بىر يەرگە جەم قىلىۋاتىدۇ. بۇ مۇسابىقىنىڭ مەقسىتى توپ تېپىشلا ئەمەس، مۇشۇ پۇرسەتتە ياشلىرىمىز ئارىسىدا دوستلۇق ئورنىتىلىدۇ.»

ئۆتكەن ئىككى يىلدا تاجسىمان ۋىرۇسى تۈپەيلىدىن ئاممىۋى يىغىلىش پائالىيەتلىرى زور چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقتىن مەزكۇر مۇسابىقىمۇ توختىتىپ قويۇلغان ئىدى. شۇ سەۋەبتىنمۇ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ يول قويغان دائىرىسى ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇسابىقە ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى شتاتلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. پۇتبول مۇسابىقىسى 2-سېنتەبىردىن 6-سېنتەبىرگىچە ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن ئالتىدىن ئونغىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، چۈشتىن بۇرۇن مۇسابىقە كۆرگىلى كەلگەنلەر ئۈچۈن دالا پائالىيەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

دالا پائالىيەتلىرىنىڭ مەزمۇنىمۇ ناھايىتى مول بولۇپ بالىلار ئۈچۈن مەخسۇس بالىلار ئويۇنلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق بولغان «ئۇيغۇر كوللېكتىپى دۇكىنى» (Uyghur collective) shop)، «ئەپەندىم دۇكىنى» (Ependim shop) قاتارلىق تور بەتلىرىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى، تىلىنى تونۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ياشلار بۇ قېتىملىق دالا پائالىيىتىگىمۇ تور بەتلىرىدە سېتىلىۋاتقان ھەرخىل دوپپىلار، ئۆزگىچە لايىھىلەنگەن مايكىلار، بالىلار ئۈچۈن ئېلىپبە كىتابلىرى، سۆز ئويۇن كارتىلىرىنى ئالغاچ كەلگەن بولۇپ دالا پائالىيىتىگە كەلگەن جامائەت بەس-بەستە سېتىۋېلىشقان.

«ئامېرىكا ئۇيغۇر لوڭقىسى» نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى جەريانىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان پائالىيەتلەرگە باشتىن-ئاخىرى سۆيۈنۈش ئىچىدە قاتناشقان سۈرەييە ئابلىمىت خانىم ئۆزىنىڭ بۇ جەرياندا ھېس قىلغانلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

سۈرەييە خانىم ۋە جۈرئەت زاھىر ئەپەندىلەر ئېيتقاندەك بۇ قېتىملىق پائالىيەت پەقەتلا بىر پۇتبول مۇسابىقىسى بولماستىن بەلكى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلۈكىنى ساقلاپ قىلىش يولىدا كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقنىڭ نامايەندىسى ئىدى.

مۇسابىقىگە قاتناشقان ئالتە كوماندىنىڭ بىرى بولغان «ئىزچىلار كوماندىسى» يېڭىدىن قۇرۇلغان كوماندا بولۇپ، بۇ كوماندىنىڭ بىر پۇتبول ماھىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ كوماندا ئەزالىرى پۇتبول مۇسابىقىسى جەريانىدا باشتىن-ئاخىرى بىللە ھەرىكەت قىلدۇق. دوستلۇقىمىز تېخىمۇ كۈچەيدى. تۈنۈگۈنكى مۇسابىقىنى كۆرگىلى كەلگەن تاماشىبىنلارمۇ بەك كۆپ ئىدى، بەكمۇ ھاياجانلاندىم. بۇ خىل مۇھىت كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن بەك مۇھىم».

«ئۇيغۇر بىرلەشمە كوماندىسى» نىڭ ترېنېرى جۈرئەت زاھىر ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە ئەگەر ئىمكانىيەت يار بەرسە 2022-يىللىق «ئامېرىكا ئۇيغۇر لوڭقىسى» نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى كانادا ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قوللىشى بىلەن كانادادا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

«سان-فرانسىسكو قىزلار ۋالىبول كوماندىسى» نىڭ ترېنېرى ئايكېزەر ئادىل كېلەر يىلى «ئامېرىكا ئۇيغۇر لوڭقىسى» نى تالىشىش مۇسابىقىسىگە قىزلار ئۈچۈن ۋالىبول مۇسابىقىسى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى بارلىقىنى، ۋالىبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشىنى خالايدىغان قىزلارنىڭ ئۆزى بىلەن ئالاقىلەشسە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سان فىرانسىسىكودىن كەلگەن قىزلار چوڭلار بىلەن ۋالىبول مۇسابىقىسى تەشكىللىگەن بولۇپ، «ئامېرىكا ئۇيغۇر لوڭقىسى» نىڭ بىر تۈرى سۈپىتىدە قىزلار ۋالىبول مۇسابىقىسى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان ئىدى. ئۇلار ئاساسەن ئامېرىكادا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئۇيغۇر قىزلار بولۇپ، ۋالىبول ئارقىلىق ئۇيغۇر قىزلار بىرلىشىپ ئۆزلۈكىنى تېپىشقا ئىنتىلىۋاتقانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.