«ۋەتەنپەرۋەر» دىنىي زات ئابدۇللا نۇراجى 7 ياشلىق بالىنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە مەلۇمات بەردى (2)

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013.04.15
xumdan-305.png خۇمدان
Public Domain

بىز ئالدىنقى قېتىملىق پروگراممىمىزدا، پىچاندا يۈز بەرگەن 7-ياشلىق ئۇيغۇر بالىنىڭ 52 ياشلىق خىتاي كۆچمەن تەرىپىدىن چاناپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى ۋە ۋەقەنىڭ جىمىقتۇرۇلۇش جەريانى ھەققىدە بىر قىسىم مەلۇماتلارنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق. بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا شۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنىڭ داۋامىنى ئاڭلىتىمىز.

پروگراممىمىزنىڭ بۇ قىسمىدا ۋەقە يۈز بېرىپ ئىككىنچى كۈنى جامائەتنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەن بالىلارنى قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلىپ، جەسەتنى يەرلىكىگە قويۇشنى كېچىكتۈرگەنلىكى، بىر تۈركۈم ياشلارنىڭ ساقچىخانا ئالدىغا توپلىنىپ ئادالەتسىزلىككە نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى ۋە شۇ كۈنى يولغا قويۇلغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز.

بۇ مەلۇماتلارنى، ۋەقەنى بېسىقتۇرۇشتا ھۆكۈمەت تەرەپتە تۇرۇپ نەق مەيداندا ۋەزىپە ئۆتىگەن پىچان ناھىيىلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئاتالمىش ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات ئابدۇللا نۇراجىنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن ئاڭلىدۇق.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ شۇنچە قاتتىق كونتروللۇقلىرىغا قارىماستىن بىر تۈركۈم ياشلار، قوللىرىغا بولقا ۋە پالتا قاتارلىق سايمانلارنى ئېلىپ، خۇمدان ۋە خۇمدان ئەتراپىدىكى ئۆيلەرگە ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇمدا بىر قىسىم ئۆيلەرنىڭ ئىشىك ۋە دېرىزىلىرى چېقىلغان. خىتاي ساقچىلىرى بۇ بالىلاردىن بىرقانچىسىنى تۇتقۇن قىلغان. شۇ كۈنى تۇتۇلغانلارنىڭ سانى بىزگە ئېلخەت ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە 20 ئەتراپىدا، ئابدۇللا نۇراجىنىڭ بىلدۈرۈشىچە 3 نەپەر بولۇپ، بۇ ئۆلگۈچىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارىسىدىكى نەۋرە ۋە ئەۋرە ئوغۇللار.

ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى دىنىي زات ئابدۇللا نۇراجىنىڭ نەسىھەتلىرى ۋە خىتاي پارتكوم سېكرېتارىنىڭ ۋەدىسىگە ئاساسەن، كۆپچىلىك جەسەتنى ئۈرۈمچىگە ئەكىرىپ نامايىش قىلىشتىن ۋاز كەچكەن بولسىمۇ، ئەتىسى جەسەتنى يەرلىككە قويىدىغان چاغدا جامائەتنىڭ غەزىپى قايتىدىن قوزغالغان. ئۇلار تۇتۇلغان ياشلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ تاۋۇتنى زاراتگاھلىققا ئېلىپ مېڭىشنى رەت قىلغان. بۇ ئارىلىقتا 20-30 نەپەر ياش ساقچىخانا ئالدىغا بېرىپ، بالىلارنىڭ تۇتۇلۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئۇلار ساقچىلار ۋە ساقچى باشلىقلىرى بىلەن تاكاللىشىپ، ساقچىلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىگەن. ئۇلار سۆزىدە «خىتاي ئۇيغۇرنى ئۆلتۈرسە، قاماقتا ئۇيغۇر ياتامدۇ؟» دېگەندەك سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مۇسىبەتلىك ئائىلىگە ئەتىگەن سائەت 6 دە توپلانغان جامائەت تاۋۇتنى ئېلىپ مېڭىشنى ئىزچىل رەت قىلغاندىن كېيىن، دائىرىلەر چارىسىز، قاماقتىكى بالىلارنى قويۇپ بېرىشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەن، قويۇپ بېرىلگەن بالىلار، ساقچىلارنىڭ ئۆزلىرىگە زوراۋانلىق قىلغانلىقىنى ئېيتىپ، ساقچىخانا باشلىقىنىڭ ئۆزلىرىدىن ئەپۇ سورىشىنى تەلەپ قىلغان. ئابدۇللا نۇراجى ئارىغا چۈشۈپ ياشلارغا ھېسسىياتقا بېرىلمەسلىك، غەزىپىنى تۇتۇۋېلىش ھەققىدە پەننىي-نەسىھەت قىلغان، دائىرىلەر ئابدۇللا نۇراجىنىڭ پەننىي-نەسىھەتلىرى كارغا كەلمىگەندىن كېيىن، لۈكچۈندىكى بىر دىنىي زاتنى ئىشقا سالغان، ئۇ زاتنىڭ پەننىي‏-نەسىھەتلىرىدىن كېيىن قاماقخانىدىن قويۇپ بېرىلگەن ياشلار، جامائەتكە قوشۇلغان ۋە جامائەتمۇ تاۋۇتنى ئېلىپ مېڭىشقا ماقۇل بولغان. نەتىجىدە 4 سائەتلىك تالاش-تارتىش ۋە «سودىلىشىش» تىن كېيىن مېيىت زاراتگاھلىققا ئاچىقىلغان.

ئابدۇللا نۇراجىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇ كۈندە دىغار يېزىسىنىڭ پۈتۈن يوللىرىدا ھەر يۈز مېتىرىدا 2-3 تىن ساقچى ۋە ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىگەن. دىغار يېزىسىنىڭ قوشنا يېزىلار بىلەن تۇتۇشىدىغان غول يوللىرىدا ساقچى ۋە ھەربىيلەر نۆۋەتتە تۇرۇپ يېزىدىكىلەرنى سىرتقا چىقارمىغان، سىرتتىكىلەرنى يېزىغا كىرگۈزمىگەن. دىغار، لۈكچۈن ۋە دالانكارىز يېزىسىدا 2 كۈن تېلېفون ۋە ئىنتېرنېت مۇلازىمىتى توختىتىپ قويۇلغان. يەنە ئاشكارىلىنىشىچە، يېزا ۋە ناھىيىنىڭ خىتاي ئەمەلدار ۋە كادىرلىرى ۋەقە يۈز بەرگەن مەيدانغا، بولۇپمۇ جامائەت توپلاشقان جايغا يېقىن كېلەلمىگەن؛ ئۇلار ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىن بىر كىلومېتىر يىراقلىقتا قوماندانلىق شتابى قۇرۇپ يىراقتىن نازارەت ۋە كونترول قىلغان.

مېيىت يەرلىكىدە قويۇلغاندىن كېيىن بىخەتەرلىك كۈچلىرى ۋەزىپىسىنى ئوخشاشلا داۋاملاشتۇرغان. ۋىلايەت ۋە ئاپتونوم رايوندىكى خىتاينىڭ بىر قىسىم ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرى نەق مەيدانغا كېلىپ ۋەزىيەتنى باشتىن-ئاخىر كۆزىتىپ تۇرغان. شۇ كۈنى ۋەقە بېسىققاندىن كېيىن، ناھىيىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىككى خىتاي ئەمەلدارى دىنىي زات ئابدۇللا نۇراجىنى مەخسۇس زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتقان ۋە ئۇنىڭ ئىنتايىن چوڭ بىر ۋەقەنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىنى ئېيتقان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنىڭ بۇ تۆھپىسىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ مەدھىيىلەردىن ئۇ چەكسىز مەمنۇن بولغان.

1971-يىلدىن باشلاپ ئىماملىق قىلىۋاتقان ئابدۇللا نۇراجى ناھىيىلىك ۋە يېزىلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، شۇنداقلا ناھىيىلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.