«ئالداپ سېتىلغان ئاياللار ۋە بالىلارنى سېتىۋېلىش جىنايىتىگە جازانى كۈچەيتىش» تەكلىپى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىغا يەتتى

0:00 / 0:00

تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئىككى يىغىن خەۋىرىگە قارىغاندا 12-مارتقىچە 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىغا قاتناشقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى يىغىنغا جەمئىي 216 پارچە تەكلىپ-تەۋسىيە سۇنغان. بۇنىڭ ئىچىدە «جىنايى ئىشلار قانۇنى» دىكى «ئالداپ سېتىلغان ئاياللار ۋە بالىلارنى سېتىۋېلىش جىنايىتىگە قاتتىق زەربە بېرىش»كە قارىتا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەۋسىيە ئۇيغۇر ئاممىسى نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلە.

خەۋەردە ئېنىقلىما بېرىلىشىچە، «جىنايى ئىشلار قانۇنى»دىكى «ئالداپ سېتىلغان ئاياللار ۋە بالىلارنى سېتىۋېلىش جىنايىتىگە قاتتىق زەربە بېرىش»كە قارىتا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدا تەۋسىيەدە ئاياللار ۋە بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايىتىنى قەتئىي توسۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان، بۇنىڭدا ئاساسلىق ئۈچ نۇقتا بار بولۇپ: بىرىنچى، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئالداپ سېتىلغان ئاياللار ۋە بالىلارنى سېتىۋېلىش جىنايىتىگە بولغان زەربىسىنى كۈچەيتىش؛ ئىككىنچى، «جىنايى ئىشلار قانۇنى»غا يەنىمۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئالداپ سېتىلغان ئاياللار ۋە بالىلارنى سېتىۋېلىش جىنايىتىگە بولغان جازانى يەنىمۇ كۈچەيتىش؛ ئۈچىنچى، كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەگە، بولۇپمۇ دېھقانلارغا «جىنايى ئىشلار قانۇنى»غا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى بىلدۈرۈش.

خىتاينىڭ «جىنايى ئىشلار قانۇنى» غا ئاساسەن، ئاياللار، بالىلار ئېلىپ ساتقانلارغا بەش يىلدىن 10 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئۈچتىن يۇقىرى ئادەمنى ئالداپ سېتىش قاتارلىق سەككىز ئەھۋالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسىدىن بىۋاسىتە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش، ئەھۋالى ئالاھىدە ئېغىر بولغانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش قاتارلىقلار.

خىتاي ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئېلان قىلغان تولۇق بولمىغان ستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، 2000-يىلىدىن بۇيان 16 دېلودىكى 25 ئادەمگە بالا ئالداپ سېتىش جىنايىتى بىلەن ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى باش جىنايەتچى جياڭ كەيجى باشچىلىق قىلغان يۈننەندىكى 36 كىشىلىك بوۋاقلارنى ئېلىپ سېتىش شايكىسى 223 بوۋاقنى ئېلىپ ساتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى سانى ئەڭ كۆپ ھېسابلىنىدىكەن. دېلودىكى ئالداپ سېتىۋېتىلگەن بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى جەنۇبىي خىتاي تەرەپتىكى ئۆلكىلەردىن بولۇپ،يەنە تېخى دۆلەت ھالقىغان ۋىيېتنامدىكى بوۋاقلارنى سېتىش قىلمىشىمۇ بار ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىقاتلىرىدا قاتتىق جازالاش ۋە ھەر تەرەپلىمە تۈزەش تەدبىرلىرىنىڭ تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈش نەتىجىسىدە بۇ تۈرلۈك جىنايەتلەرنىڭ سادىر بولۇش نىسبىتى تۆۋەنلىگەنلىكىنى كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، ئىنكاس ۋە ئۇچۇرلاردىن ئەكسىچە ئۇيغۇر ئېلىدا، بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايىتى دېلولىرىنىڭ سادىر بولۇش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئېشىپ بارماقتا، ھەتتا بالىلارنى ئالداش، ئوغرىلاشتىن تەرەققىي قىلىپ ئاشكارا ھالدا بۇلاش، گۆرۈگە ئېلىۋېلىش، بۇلاپ كېتىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن. ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا ئۈندىداردىكى دوستلار چەمبىرىكىدە «بالا ئېلىپ ساتىدىغانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش» نى قوللاش توغرىسىدىكى سۈرەتلىك خەۋەرلەر تېز سۈرئەت بىلەن تارقىلىپ، ئاممىنىڭ بالىلار ۋە ئاياللارنى ئالداپ سېتىش قىلمىشلىرىغا بولغان چوڭقۇر نارازىلىقى ۋە نەپرىتىنى تولۇق ئىپادىلەپ بەردى. ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «بالا ئوغرىلىغانلارغا قىلچە سالا سۈلىھ قىلماي ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىش كېرەك» دېگەن تەلەپ كۈچەيگەنلىكى مەلۇم.

ئۆز ئۆيىنىڭ ئىشىك ئالدىدا ئويناۋېتىپ يۆتۈپ كەتكەن قىزى سۈرىيەنبى ئىزدەشنى ئىككى يىلدىن بېرى بىر كۈنمۇ توختىتىپ قويمىغان دۆربېلجىندىكى ئېلنۇر، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئەنە شۇ تەكلىپ ئۈچۈن ئاۋاز توپلاش پائالىيىتىدە ئاكتىپ رول ئوينىغان، يىتكەن بالىلارنى ئىزدەش پىدائىيسىغا ئايلانغان بەختسىز ئانىلارنىڭ بىرى.

ئېلنۇر خانىم، خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ يىغىنغا «ئالداپ سېتىلغان ئاياللار ۋە بالىلارنى سېتىۋېلىش جىنايىتىگە قاتتىق زەربە بېرىش»كە قارىتا تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەكلىپى سۇنغانلىقىنى، ئاممىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىنكاسى ۋە ئاكتىپ پائالىيەتلىرىنىڭ نەتىجىسى دەپ قاريدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە پىكىر قوشۇپ مۇنداق دېدى: «ئاياللار ۋە بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايىتىنى قەتئىي توسۇش ئۈچۈن ئادەم بېدىكلىرىگە كەڭچلىك قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ، ئەمما ئۇلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش بىلەن ئۇلارنىڭ ئوغرىلىغان بالىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ئېھتىمالىمۇ يۇقىرىلىشى مۇمكىن، شۇڭا جىنايەتچىلەرنى ئۆزلۈكىدىن جىنايىتىنى ئىقرار قىلىدىغان، بالىلارنى ئاتا-ئانىسىغا قايتۇرۇپ تۆۋە قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان تەدبىرلەر ئۈستىدە ئويلىنىش كېرەك. بۇ خىل جىنايەتلەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنى ئالداپ سېتىش جىنايىتىگە زەربە بېرىش سالمىقىنىڭ ئاجىزلىقىدىنلا كۆرۈشكە بولمايدۇ، مېنىڭچە بالىلارنى سېتىۋالغۇچىلارمۇ بۇ خىل جىنايەتلەرنى توسۇشقا قىيىنلىق تۇغدۇرۇپ كېلىۋاتقان يەنە بىر مۇھىم ئامىل بالىلارنى سېتىۋالغۇچىلارغىمۇ ئوخاشلا ئېغىر جازا كۆرۈش زۆرۈر، بۇ خىل جىنايەتلەرنى پۈتۈنلەي توسۇش ئۈچۈن بۇلا كۇپايە قىلمايدۇ، دۆلەت پۈتكۈل جەمئىيەتتە بالىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىنى پۈتكۈل كۈچى بىلەن قوغدايدىغان، بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايەتچىلىرىنى ئورتاق پاش قىلىپ توسايدىغان بىر ئومۇمىي كەيپىيات يارىتىش كېرەك.»

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا جىنايەتچى ئۇنسۇرلار ئىزچىل تۈردە خېيىم-خەتىرى تۆۋەن، پايدىسى كۆپ بۇ جىنايەتنى كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىپ ئۆلكە، رايون ھەتتا دۆلەت ھالقىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتمەكتە. بۇ خىل جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش سالمىقى توغرىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «قابى» ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىدىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر ئادۋوكات، ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن بۇ خىلدىكى جىنايەتلەردە ئاياللارنى ئالداپ سېتىش ئاساسەن يوق دېيەرلىك بولسىمۇ، بىرقىسىم جىنايەت شايكىلىرى بالىلارنىڭ ئۆزىنى قوغدىيالماسلىقىدەك ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى بولغان بالىلارغا ئېلىپ كېلىۋاتقان زىيانكەشلىكىنىڭ كىشىنى ئويغا سالماي تۇرالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ئادۋوكاتنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، قانۇن بويىچە جىنايەت سادىر قىلغۇچى پەقەت سېتىش مەقسىتىدە ئالداش، تۇتۇپ كېتىش، سېتىۋېلىش، سېتىش، تاپشۇرۇۋېلىش، ئەۋەتىپ بېرىش، ئۆتكۈزۈپ بېرىش قىلمىشلىرىنىڭ بىرەرسىنى سادىر قىلسىلا ئاياللار، بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن بولىدىكەن. جازامۇ ئۇنىڭ قوللانغان ۋاسىتىلىرىنىڭ خىلى ۋە قەبىھلىك دەرىجىسىگە ئاساسەن بېكىتىلىدىكەن.

ئادەتتە ئاياللار، بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايىتىدىكى تاپشۇرۋىلىش، يوشۇرۇش، ئۆتكۈزۈپ بېرىش، سېتىۋېلىش قاتارلىق قىلمىشلار بىرلىكتە ئىلىپ بېرىلىدۇ. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى سىتىلغاندىن كىيىن جىنايەت ئاندىن ئاخىرلاشقان بولىدۇ

بۇ ئادۋوكات يەنە بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى بىر قانچە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ «قورۇمىغا يەتمىگەن بالىلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ خىل دېلولاردا ساتقان بولسىمۇ، سېتىۋالغان بولسىمۇ ئوخشاشلا بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايىتى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، جىنايەتچىلەر ئاممىنىڭ ئۆز ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئېڭىنىڭ تۆۋەنلىكى ۋە ساددىلىقى قاتارلىق قولايلىقلاردىن پايدىلىنىپ كەتمەكتە، ئاتا-ئانىلارمۇ بالىلارنى يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن قوغدىشى كېرەك. ھوشيار بولۇشى زۆرۈر،ئاممىغا بالىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىش ۋە قانۇن ئېڭى تەربىيىسىنى كۈچەيتىش كېرەك. بالىلارنى ئالداپ سېتىش قىىلمىشىغا ئورتاق زەربە بېرىش كېرەك.»