ئۇيغۇر ئېلىدا غايىب بالىلارنى ئىزدەش 48 سائەتتىن كېيىن باشلىنىدۇ

0:00 / 0:00

ھەر يىلى 25-ماي كۈنى «خەلقئارا يوقاپ كەتكەن بالىلار كۈنى» بولۇپ، مەخسۇس غايىب بالىلار ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن بۇ كۈن، ئامېرىكادا 1983-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى سابىق پرېزىدېنت رېگاننىڭ تەشەببۇسى بىلەن يولغا قويۇلغان.

بۇنداق بىر خاتىرە كۈنىدە، شۇ خىل قىسمەتلەر داۋاملىق يۈز بېرىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ۋەزىيىتىگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرماي تۇرالمايمىز ئەلۋەتتە. خىتاي گەرچە، غايىب بالىلارنىڭ تېپىلىشى 1% كە يەتمەيدىغان بىر دۆلەت بولسىمۇ، جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ يوقاپ كەتكەن بالىلارنىڭ ئۇچۇرىنى دەرھال ئېلان قىلىش سۇپىسى ئېچىلغانلىقىغا ئەمدى بىر يىل بولدى. ھالبۇكى ئىگىلەشلىرىمىزدىن مەلۇمكى، ئۇيغۇر ئېلىدا بۇ سىستېما، مۇقىملىقنى ساقلاشنى ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان جامائەت خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرىنىڭ غايىب بالىلار مەسىلىسىگە جىددىي قارىشىغا تۈرتكە بولالمىغان. سىستېمىنىڭ مۇكەممەلسىزلىكى، ئاتا-ئانىلارنىڭ بىخۇدلۇقى، ساقچىلارنىڭ پەرۋاسىزلىقىمۇ مەزكۇر مەسىلىنىڭ داۋاملىق ئېغىرلىشىدىكى ھالقىلىق سەۋەبلەر ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىماقتا.

خەلق تورىنىڭ 18-ماي خەۋىرىگە قارىغاندا، 17-ماي، خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى يوقاپ كەتكەن بالىلارنىڭ ئۇچۇرىنى دەرھال ئېلان قىلىش سۇپىسىنىڭ 3-قارارلىق ئىشلىتىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى يوقاپ كەتكەن بالىلارنىڭ ئۇچۇرىنى دەرھال ئېلان قىلىش سۇپىسىدىكى «جەم قىلىش» سىستېمىسى ئىشقا سېلىنغان بىر يىلدىن بۇيان، يوقاپ كەتكەن 1317 نەپەر بالىنىڭ ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى 1274 نەپەر بالىنى قۇتقۇزۇپ تېپىپ كەلگەنلىكىنى، تېپىلىش ياكى ئىز-دېرىكىنى قىلىش نىسبىتى 96.74% كە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. بەختكە قارشى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بالىلاردىن 29 نەپەرنىڭ ئىز-دېرىكى ئېلان قىلىنغان، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىچىدە مىللەت ئايرىمىسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.

خىتاي جەمئىيىتىدە بالىلارنىڭ يوقاپ كېتىشى ئۇزۇن يىللىق ۋە چوڭقۇر بىر ئىجتىمائىي مەسىلە. شۇنداقلا غايىب بالىلارنىڭ تېپىلىش نىسبىتىمۇ ئىزچىل 2% كىمۇ يەتمەي كەلمەكتە ئىدى. يېقىنقى يىللاردا بالىلىرىنى يوقىتىپ قويغان ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ يۈتكەن بالىلارنى ئائىلىسىگە قايتۇرۇپ كېلىشتە بىر ئاممىۋى ھەرىكەت باشلىنىپ مەزكۇر مەسىلە مەتبۇئات يۈزىدە ۋە خەلقئاراغا ئاشكارىلانغانلىقى شۇنداقلا بالىلارنى يامان نىيەتلىك كىشىلەردىن قوغداش ۋە بالىلارنى ئوغرىلاش سېتىش قىلمىشلىرىغا قانۇن ئارقىلىق قاتتىق زەربە بېرىش تەلىپى كۈچەيگەن ئىدى. جەمئىيەتتە بالىلار مەسىلىسىگە بولغان دىققەتنىڭ كۈچىيىشى بىلەن، يوقاپ كەتكەن بالىلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىدىغان نوپۇزلۇق ئورۇن تەسىس قىلىش ئاممىنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجىغا ئايلانغان ئىدى، بۇنىڭ بىلەن خىتاي دائىرىلىرىمۇ مەملىكەت مىقياسىدا غايىب بالىلارنى ئىزدەش سىستېمىسىغا بەزى ئىسلاھاتلارنى كىرگۈزۈپ يەنى بۇلتۇر بېيجىڭدا خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى يوقاپ كەتكەن بالىلارنىڭ ئۇچۇرىنى دەرھال ئېلان قىلىش سۇپىسىنى قوزغاتقان ئىدى. خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى ئالداپ سېتىشقا قارشى تۇرۇش كومىتېتى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى جىنايى ئىشلارنى تەھقىقلەش ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار ۋە تاراتقۇلار بىرلىشىپ، ئالىبابا شىركىتىنىڭ تېخنىكا ياردىمى بىلەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ يوقاپ كەتكەن بالىلارنىڭ ئۇچۇرىنى دەرھال ئېلان قىلىش سۇپىسى ئاچتى. بۇنىڭ خىتايدا مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئالداپ سېتىشقا زەربە بېرىش 1-سېپىدىكى ساقچىلارنىڭ جايلاردىكى يوقاپ كەتكەن بالىلارنىڭ ئۇچۇرىنى دەرھال مەلۇم قىلىشىغا ئىشلىتىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئالاقىدار ئۇچۇرلار ئالدى بىلەن «جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ يوقاپ كەتكەن بالىلارنىڭ ئۇچۇرىنى دەرھال ئېلان قىلىش» ھۆكۈمەت بلوگى قاتارلىق يېڭى تاراتقۇ، «گاۋدې» خەرىتىلىرىدە جامائەتكە ئېلان قىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇناسىپ يوللار ئارقىلىق بالىلار يوقاپ كەتكەن جاينىڭ ئەتراپىدىكى ئالاقىدار كىشىلەرگە ئاپتوماتىك يەتكۈزۈلۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ھۆكۈمەت تەرەپتىن توغرا ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ، ج خ ئورگانلىرىنىڭ ئالداپ سېتىش دېلولىرىنى تېز پاش قىلىپ، يوقاپ كەتكەن بالىلارنى بالدۇرراق تېپىشىغا ماسلىشىدۇ.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بالا ئىزدەش ئۇچۇرلىرى، يۈتكەن بالىلارنى تېپىش ئۈچۈن تەشكىللەنگەن ھەر خىل ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە توپلۇقلارنىڭ ئۇچۇرىدىن، ئۇيغۇر ئېلىدا بالىلارنىڭ يوقاپ كېتىشى ھېلىھەم ئېغىر بولۇۋاتقان بىر جاي ئىكەنلىكى مەلۇم. بىز نۆۋەتتە خىتاي بويىچە «جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ يوقاپ كەتكەن بالىلارنىڭ ئۇچۇرىنى دەرھال ئېلان قىلىش» سىستېمىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى ئىگىلەش مەقسىتىدە، بالىلارنىڭ يۈتۈشى ئېغىر بولۇپ كېلىۋاتقان ئورۇنلاردىن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىگە تېلېفون ئۇلىدۇق، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ساقچى، بىزنىڭ بالا يۈتكەنلىك دېلوسى مەلۇمات قىلىنغاندىن كېيىن جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى دەرھال ئىزدەشكە ھەرىكەت قىلامدۇ دېگەن سوئالىمىزغا «ياق، ئاتا ‏-ئانىلار بالا يۈتكەنلىك ئۇچۇرىنى بېرىپ 48 سائەتتىن كېيىن رەسمىي دېلو تۇرغۇزۇلۇپ ئىزدەشكە باشلايمىز» دەپ جاۋاب بەردى.

بىر يىل ئىلگىرى ئاقسۇدىكى بىر نەپەر ساقچى رايوندا جامائەت خەۋپسىزلىك ئاساسلىق كۈچىنىڭ مۇقىمسىزلىققا دائىر جىنايەتلەرگە زەربە بېرىشكە قارىتىلغانلىقى ئۈچۈن، بالىلارنىڭ يۈتۈپ كېتىش دېلولىرىغا جىددىي قارىيالمايدىغانلىقىنى ئىقرار قىلغان ئىدى. دېمەك قاتتىق باستۇرۇش داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىدا بالىلارنىڭ يۈتۈپ كېتىش دېلولىرىغا ساقچىلارنىڭ ئىنكاسى يەنىلا كونا سىستېما بويىچە داۋام قىلماقتا.

ئۇيغۇر دىيارىدا يېقىنقى يىللاردا بالا يۈتۈش ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىشى، تېپىلىشنىڭ تەس بولۇشى، دائىرىلەرنىڭ جىددىي قارىماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن پەرزەنتىنى يوقىتىپ قويغان ئاتا-ئانىلارنىڭ تەشەببۇسىدا، ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي ۋاسىتىلەردە يۈتكەن بالىلارنى تېپىپ ئائىلىلىرىگە قايتۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ نۇرغۇن پىدائىيلار ئەترەتلىرى قۇرۇلغان ئىدى. شۇ خىل پىدائىي ئەترەتلىرىنىڭ بىرىدە خالىس خىزمەت قىلىۋاتقان بىر ئۇيغۇر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلار قۇرغان بالىلارنى ئىزدەشكە خالىس خىزمەت قىلىۋاتقان پىدائىيلار بىرەر بالىنىڭ يۈتكەنلىك ئۇچۇرى ئېلىنغان ھامان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممە جايىدا تەڭلا ئۇچۇر تارقىتىپ ئىزدەپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە بالىلارنىڭ تېپىلىشىدا بۇ خىل ئەترەتلەرنىڭ زور رولى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى، ئەمما جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى ئۇلارنىڭ خالىس ھەرىكىتىگە ماسلىشىشنىڭ ئورنىغا ئورۇنسىز توسالغۇلار يارىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ پىدائىي، ئۆزىنىڭ بىر قانچە يىللىق يۈتكەنلەرنى ئىزدەش جەريانىدا ھازىر گەرچە يۈتكەنلەر ئارىسىدا ئىككى-ئۈچ ياشلىق، ئەقىلگە تولمىغان نارەسىدىلەرنىڭ يوقاپ كېتىشى بىر قەدەر ئازلىغان بولسىمۇ، ئاتا-ئانىنىڭ بالىلارغا مەسئۇل بولماسلىقى، بىخۇدلۇقى، ئائىلە ماجىراسى، خورلۇققا ئۇچراش دېگەندەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆيدىن چىقىپ يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ يۇقىرى سالماقنى ئىگىلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بالىلارنىڭ غايىب بولۇشىدا جەمئىيەت، ئائىلىنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا ئەڭ ئاۋۋال ئاتا-ئانىلارنىڭ مەسئۇل بولۇشىنى، تەربىيىدە سەۋرچان بولۇشىنى ئەسكەرتتى.

پۈتۈن خىتايدا ج خ ئورگانلىرى ئالداپ سېتىش جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، زەربە بېرىشىگە ماسلىشىپ، يوقاپ كەتكەن بالىلار ئائىلىسىنىڭ «جەم بولۇش» ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشقا سەپەرۋەر قىلىنىۋاتقان بولسا، شايار ناھىيىسىدىكى بىر قانچە ساقچىخانا ساقچىلىرىنىڭ بالا يۇتۇش دېلولىرىغا تۇتقان پەرۋاسىزلىقى ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆسمۈر بالىلارنىڭ غايىب بولۇپ كېتىش ۋەقەلىرىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتايدا بالا يوقاپ كېتىش ۋەقەسى كىشىنى چۆچۈتكۈدەك دەرىجىدە ئېغىر بولۇپ، يىلىغا غايىب بولىدىغان بالا سانى 200 مىڭدىن ئاشىدۇ. 7 ياشلىق سۈرىيەنىڭ بورتالادىكى ئۆز ئۆيىنىڭ ئىشىك ئالدىدا ئويناۋاتقان يېرىدىن غايىب بولۇش ۋەقەسى پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىنى زىلزىلىگە سالغان ۋە ئۇ، خىتايدا مەملىكەت دەرىجىدە ئورتاق ئىزدەش ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى ئۇيغۇر بالىسى ئىدى. ئەمما 3 يىلغا يېقىنلاشتى سۈرىيە ھېلىھەم غايىب، ئىزدەش ئۇچۇرلىرىدىن يۈتۈپ كەتكىنىگە 10، 20 يىل بولغان ئۇيغۇر بالىلارنىڭمۇ ئاز ئەمەسلىكى دىققەتنى چېكىدۇ.

ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يوقاپ كەتكەن بالىلارنىڭ ئالداپ سېتىۋېتىلگەن، ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن، يولدىن ئادىشىپ يوقاپ كەتكەندىن سىرت، يېقىنقى يىللاردا يەنە تېخىمۇ قورقۇنچلۇق بىر تەقدىرگە يولۇقۇش ئېھتىمالىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە، ئۇ بولسىمۇ ئادەم ئىچكى ئەزا ئەتكەستچىلىرىنىڭ تۇزىقىغا چۈشۈپ قېلىش.

يۈتكەن بالىلارنى ئىزدەش پىدائىيسى، ئۇيغۇر ئېلىدا يۈتكەن ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئىچىدە زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ئۆلگەن ياكى ئىچكى ئورگانلىرى ئوغرىلانغانلارنىڭ قانچىلىك نىسبەتنى ئىگىلەيدىغانلىقى نامەلۇم بولسىمۇ، تاراتقۇلاردا بۇ ھەقتە غۇلغۇلا قوزغىغان بالا ئوغرىلىرىنىڭ سىن كۆرۈنۈشلىرى، يوقاپ كەتكەن بالىلارنىڭ بۇ خىل بەختسىزلىككە ئۇچراش ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.