ساقچىخانىلاردا ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ خورلاشقا ئۇچراۋاتقانلىقى مەلۇم

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2016.12.15
hijap-romal-yaghliq-reshatka-jaza.jpg تۆمۈر رېشاتكىلىق ھويلىغا سولانغان ھىجاپلانغان ئۇيغۇر ئاياللىرى.
RFA/Ruqiye

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبتىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا «دىنىي رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش» دېگەن ناملار بىلەن ئۇيغۇر ئاياللىرىغا مەجبۇرىي يوسۇندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇسۇلمانچە كىيىنىشنى، ھىجابلىنىشنى چەكلەش ھەرىكەتلىرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان مەسىلە. يېقىندىن بۇيان رادىيومىزغا بۇ ھەقتە كەلگەن ئىنكاسلاردىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «دىنىي رادىكاللىق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» تىكى ئەسەبىي چارىلىرىنى ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر قىز، ئاياللىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىپلا قالماي، ئۇلارنى دىنىي رادىكاللىق، ئەسەبىيلىككە باغلاپ تۇتۇپ سوراق قىلىش، سىياسىي-ئىدىيە خىزمىتى ئىشلەش جەريانىدا، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردە خورلاپ، ھەر تۈرلۈك زورلۇق-زومبۇلۇق قىلىۋاتقانلىقىمۇ مەلۇم بولماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش دېگەن نام بىلەن جەنۇبتىكى ھەرقايسى شەھەر، ناھىيە ۋە يېزىلاردا تۈرلۈك شەكىلدىكى باستۇرۇشلىرى سەۋەبلىك چەتئەللەرگە چىقىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس. دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش دېگەن شوئارلار ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ ھەرىكەتلەر خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىنمۇ ئورۇن ئېلىپ كەلدى ۋە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش دىنىي رادىكاللىق، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنىڭ ئۆزى چېكىدىن ئاشقان ئەسەبىيلىك دەپمۇ مۇلاھىزە قىلىنماقتا. دىنىي ئېتىقادى كۈچلۈك بىر ئائىلە بولغانلىقى، دادىسى ساقال قويۇپ، ئانىسى ھېسابلانغانلىقى سەۋەبلىك دائىرىلەرنىڭ توختىماستىن تەھدىت ۋە تەقىپلىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھاۋالىسى بىلەن يېقىندا ئوقۇش يولى بىلەن تۈركىيەگە كەلگەن بىر ئۇيغۇر ياش، رادىيومىز بىلەن ئالاقىلىشىپ، يۇرتىدا بولۇۋاتقان زۇلۇملارنى ئاڭلىتىش مەجبۇرىيىتىم بار دەپ بىلگەنلىكى ئۈچۈن، رادىيومىزغا تېلېفون قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ھازىر دىنىي جەھەتتىن تەقىپلەش تېخىمۇ ئېغىرلاشقان. دائىرىلەر ئىلگىرى ئۇيغۇر ھىجابلىق ئاياللارنىڭ يۈزىنى ئېچىشىنى بۇيرىغان بولسا، ئەمدى بويۇنلىرىنىڭمۇ ئېچىپ قويۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ قاتتىق ئىجرا قىلىۋاتقان ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېكىتكەن كىيىنىش ئۆلچىمىگە خىلاپ كىيىنگەنلەر بايقالغاندا، ئۇلار قاتتىق مۇئامىلە، تەھدىتكىلا ئەمەس، كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرى تۈرلۈك شەكىللەردە دەپسەندىچىلىككە ئۇچرىماقتا ئىكەن. بۇ ئىنكاس قىلغۇچى بالىنىڭ ساقچى ئاغىنىسىدىن ئاڭلىشىچە، تۈرمىلەردە ئۇيغۇر قىز-ئاياللارنىڭ خورلۇققا ئۇچرىشى تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، ئۇلار خىتاي ساقچىلار تەرىپىدىن بوزەك قىلىنغاندا، ھەتتا ئۇيغۇر ساقچىلارمۇ ئارىلىشالمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغان.

ئاياللارنىڭ ئادەتتىكى سولاقخانىلاردىمۇ بۇ خىل ئەھۋاللارغا دۇچار بولىدىغانلىقىغا شاھىت بولغان يەنە بىر ئۇيغۇرمۇ بىر قانچە كۈن ئالدىدا مالايشىيادىن رادىيومىز بىلەن ئالاقىلىشىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى تېخىمۇ قاتتىق چەكلەشكە ئۇرۇۋاتقانلىقىنى، ھەتتا قىز، ئاياللارنىڭ غۇرۇرىغا، نومۇسىغا تېگىدىغانلىقىنى، قاتتىق تەھدىت سېلىپ جىسمانىي جەھەتتىنمۇ قىيىن-قىستاقلارغا ئالىدىغانلىقىنى، ئۆز كۈزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ دېيىشىچە، 6 ئاي ئىلگىرى، تېلېفونىدا دىنىي مەزمۇندىكى بىر سۈرەت بايقالغانلىقى ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىكى يامالىق ساقچىخانىسىدا 3 كۈنچە قاماپ سوراققا تارتىلىش جەريانىدا، بۇ ئۇيغۇرمۇ نۇرغۇن ھىجابلىق ياش ئۇيغۇر قىز، ئاياللارنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن سۆرەپ سوراقخانىغا ئېلىپ كىرىپ كېتىلگەنلىكىنى، بىر قانچە سائەتلەرچە ئۇلارنىڭ قىيىن-قىستاقلارغا ئېلىنغان ئاۋازلىرىنىڭ ئاڭلىنىپ تۇرغانلىقىنى ۋە ئاخىرىدا بۇ بىگۇناھ قىزلارنىڭ چاچلىرى چۇۋۇلغان، قورقۇپ كەتكەن بىچارە قىياپەتلەردە چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرغان.

ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنسان ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ خىل چېكىدىن ئاشقان ھەرىكەتلەر گەرچە ئىنكاس قىلغۇچىلار ئېغزىدىن بىزگىچە يېتىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ خىل خورلۇققا بىۋاسىتە ئۇچرىغۇچىلار رېجىم ۋە قورقۇنچ ھەمدە نومۇس قىلغانلىقى قاتارلىق سەۋەبلەردىن دەردىنى ئاڭلىتالماي كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتە چەتئەللەرگە چىققان نۇرغۇن ئۇيغۇر ئاياللىرىمۇ بىزگە بۇ ھەقتىكى دەردىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرچە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئۆزىنىڭ يۈز ئابرۇيىنى غۇرۇرىنى ساقلاش ئۈچۈن ئاڭلاتماسلىقىمىزنى ئۆتۈنگەن ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، خىتاينىڭ دىنىي رادىكاللىققا قارشى تۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك چارە-تەدبىرلىرى ئاساسەن يەرلىك تەدبىرلەر بولۇپ، چەك-چېگراسى ئېنىق ئايرىلمىغانلىقى، ساقچى ياكى باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىمۇ ئېنىق بەلگىلەنمىگەنلىكى قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن ئەسلىدىنلا قانۇنىي ۋە كىشىلىك ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە بولمىغان بۇ رايوندا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنى تېخىمۇ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندىچىلىككە ئۇچراتماقتا. بۇ يەنە مۇشۇ يوسۇندا داۋاملاشسا، خىتاينىڭ باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلغۇچىلار بىلەن ئاۋام ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى كۈچەيتىدىغانلىقى ئېنىق.

گېرمانىيە «خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» يېقىندا ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاينىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئارقىلىق، سىياسىي رادىكاللىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئورنىغا، دىنىي ئېتىقادنى چەكلەپ، ئۇيغۇرلاردا كونسېرۋاتىپ دىنىي چۈشەنچىنىڭ، دىنىي ئاشقۇنلۇقنىڭ كۈچىيىشىگە ئىلھام بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

بۇ ھەقتە يەنە «خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» نىڭ ئاسىيا ئىشلار دىرېكتورى ئۇلرىخ دېلىۇس، قاتتىق دىنىي كونتروللۇق خىتاي جەمئىيىتىگە بىخەتەرلىك ئاتا قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.