مېخا راجاگوپالان: «بىز ئۈچۈن ئىشپىيونلۇق قىل، بولمىسا ئائىلەڭ بىلەن ئىككىنچىلەپ سۆزلىشەلمەيسەن» (2)
2018.07.10
بىز ئالدىنقى ئاڭلىتىشىمىزدا ئامېرىكىلىق ژۇرنالىست مېخا راجاگوپالان تەرىپىدىن يېزىلغان «بىز ئۈچۈن ئىشپىيونلۇق قىل، بولمىسا ئائىلەڭ بىلەن ئىككىنچىلەپ سۆزلىشەلمەيسەن» ماۋزۇلۇق ماقالىنىڭ دەسلەپكى قىسمىنى تونۇشتۇرغان ئىدۇق.
مۇخبىر بۇ ماقالىسىدە چەتئەللەردە ياشايدىغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ بۇ كىشىلەرگە ئۆزلىرىگە ئىشلەش ئۈچۈن قانداق يوسۇندا بېسىم ئىشلەتكەنلىكى، قانداق ۋاسىتىلەرنى قوللانغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن.
مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ دەپ بېرىشىچە، ئۇلار پاسپورت ئېلىپ چەتئەلگە چىقىشتىن ئاۋاللا دائىرىلەر ئۇلارنىڭ بارلىق ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ئادرېسى ۋە تېلېفون نومۇرلىرىنى سوراپ ئېلىۋالغان.
ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق چەتئەلگە چىقىپ كەتكەنلەرنىڭ يۇرتىدا قېلىپ قالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا بېسىم ئىشلىتىدىكەن. ئۆزىنىڭ ئىسمىنى «ك» دەپ تونۇشتۇرغان بىر ئۇيغۇرنىڭ مۇخبىرغا دەپ بېرىشىچە، ئۇ 2015-يىلى پاسپورت ئېلىپ چەتئەلگە چىقىش ئۈچۈن ئەينى چاغدا نۇرغۇن پارا بېرىشكە ھەم شۇنداقلا بارلىق ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، تېلېفون نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلىرىنى بېرىشكە مەجبۇر بولغان. ئەينى چاغدا ساقچىلار ئۇنىڭ ئاۋاز ئەۋرىشكىسىنى، 360 گرادۇس تارتىلغان رەسىمىنى ۋە يەنە بىر تال كىرپىكىنى ئېلىۋالغان. بۇ كىشى ئەينى چاغدا بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنمىگەن بولسىمۇ ئەمما چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن بۇنىڭ د ن ئا ئۇچۇرىنى يىغىش ئۈچۈنلىكىدىن خەۋەر تاپقان. ك ئىسىملىك بۇ كىشى مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ ھازىر ئىككى ئاكىسىنىڭ تەربىيەلەش لاگېرىغا ئەپ كېتىلگەنلىكىنى ئېيتىپ، «خىتاينىڭ كۈچى بەك زور. ئەگەر ئۇلار بىرىنى ئېلىپ كىرىپ كېتىپ، ئۇنىڭ ئۆلۈكىنى قايتۇرۇپ بەرسىمۇ سۈرۈشتە قىلالمايسىز. چۈنكى ئۇ يەردە ھۆكۈمەتنى نازارەت قىلىدىغان بىر ئورگان يوق. ئۇلار خۇددى بىر ئىمپېراتوردەك كۈچلۈك» دېگەن. «ك» نىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ ئامېرىكىغا كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا خىتايدىكى ساقچىلار ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلغان بىراق ئۇ جىق بىر نەرسە دەپ بېرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ساقچىلار ئاخىرى ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلمايدىغان بولغان.
ماقالىدە زىيارەت قىلىنغان ئۇيغۇرلاردىن نۆۋەتتە ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان تاھىر ئىمىنمۇ مۇخبىرغا خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قالغان قىزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى پەش قىلىپ تۇرۇپ ئۆزى بىلەن ئالاقە قىلغانلىقى ۋە ئۇنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ئىشلەشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. ئۇ مۇخبىرغا ئۆزى بىلەن ئالاقە قىلغان ئۇيغۇر ساقچىنىڭ ئۈندىداردا يوللىغان ئاۋاز خاتىرىسىنى ئاڭلاتقان. مۇخبىرنىڭ بايان قىلىشىچە، تاھىر ئىمىننىڭ ھازىر 7 ياشقا كىرگەن قىزى بۇ يىل 2-ئايدا تۇيۇقسىزلا ئۈندىداردا ئۇنىڭغا گەپ قىلىپ: «دادا، سىز بىزگە بەك كۆپ ئاۋارىچىلىك تېپىپ بەردىڭىز. سىز ياخشى ئادەم ئەمەسكەنسىز، ساقچىلار بەك ياخشىكەن. ئۇلار بىزگە ياردەم قىلىۋاتىدۇ. ئەمدى بىزگە گەپ قىلماڭ» دېگەن. تاھىر ئىمىننى 4-ئايدا ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۈندىداردىن ئۆچۈرۈۋەتكەندىن بېرى ئۇلار بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان.
ماقالە ئاپتورى مېخا خانىم ماقالىسىدە مۇلاھىزە قىلىپ: «مەن زىيارەت قىلغان كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقە قىلىپ، شۇ يەردىكى جامائەت ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى تەلەپ قىلىشى ناھايىتى كەڭ ئومۇملاشقانلىقتىن بۇ شۇ يەردىكى جامائەت ئارىسىدا ئۆز-ئارا ئىشەنچسىزلىك ۋە كىشىلەردە ھەر بىر ھەرىكىتى كۆزىتىپ تۇرۇلۇۋاتقاندەك بىر تۇيغۇ پەيدا قىلغان. سىدنېيدىكى بىر ئۇيغۇر ماڭا نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىمگە چۈشۈپ قېلىپ، ئاشكارىلىنىپ قېلىشتىن قورققانلىقتىن نامايىشلارغا چىقمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. گەرچە بۇ يەردە نۇرغۇن ئۇيغۇر گۇرۇپپىلىرى غەرب دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرىگە بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق خىتايدىكى لاگېرلارنى ۋە نازارەت سىستېمىسىنى بىتچىت قىلىشنى ئارزۇ قىلسىمۇ، ئەمما بۇ ئىشەنمەسلىك تۇيغۇسى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتلىرىگە بەلگىلىك دەرىجىدە سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەن» دەپ بايان قىلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۈگۈن بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتىنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنى قورقۇتۇپ بىر ئارىغا جەم بولالمايدىغان قىلىۋېتىش جۈملىدىن ئۇيغۇر مىللىي داۋاسىنى پارچىلاش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ بۇ ھەقتە «بازفىد» ژۇرنىلىغا قىلغان سۆزىدە، نۆۋەتتە چەتئەللەردىكى ئاز سانلىق مىللەت جامائىتى ئارىسىدىكى قورقۇنچ ۋە گۇمانخورلۇقنىڭ چەتئەللەردىكى خىتاي جامائىتىدىن ئېغىرلىقىنى بىلدۈرگەن.
ماقالىدىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلىۋاتقان بۇ تەدبىرلەرنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە ئىشقا ياراۋاتقانلىقىمۇ مەلۇم. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى بىر كۈنى تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق «س» ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرنىڭ يۇرتىدىكى ئائىلىسىنىڭ يېنىغا كىرىپ ئوغلىنىڭ ئۇزۇن بۇرۇتلۇق بىر رەسىمىنى كۆرسەتكەن. كېيىن «س» بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن بۇرۇتىنى قىسقارتىۋەتكەن. ئۇ مۇخبىرغا «مەن ئىشپىيونلاردىن بەكلا ئەنسىرەيمەن. ئەگەر باشقىلار ماڭا سىزنى ئىشەنچلىك دېمىگەن بولسا، مەن بۇ يەرگىمۇ كەلمەيتتىم» دېگەن.
ئاپتورنىڭ ئېيتىشىچە، شىۋېتسىيەدىكى «ئو» قاتارلىق مۇشۇ خىلدىكى تەھدىت تېلېفونلىرىنى تاپشۇرۇۋالغان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى ئىنتايىن چارىسىز ھېس قىلماقتىكەن. «ئو» ئۆزىنىڭ ھازىر شىۋېتسىيەدە سىياسىي پاناھلىق قوبۇل قىلىنىشىنى كۈتۈپ تۇرغان بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ خىتاي بىخەتەرلىك دائىرىلىرى بىلەن قىلىۋاتقان ئالاقىسىنىڭ ئەسلىدە خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۆزى بىر قانچە قېتىم ئەھۋالنى شىۋېتسىيە دائىرىلىرىگە يەتكۈزگەن بولسىمۇ ئەمما تېخى بىر جاۋاب ئالالمىغانلىقىنى ئېيتقان. ئاپتور مېخا بۇنىڭ بىلەن شىۋېتسىيە بىخەتەرلىك دائىرىلىرىنى زىيارەت قىلغان. بىخەتەرلىك دائىرىسى باياناتچىسى داگ ئېناندار مۇخبىرغا «بۇ خىلدىكى ۋەقەلەر ئادەتتە بىر قانچە دۆلەتلەرگە تۇتىشىدىغان بولغاچقا بۇنى تەكشۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى ئەمما شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شىۋېتسىيە زېمىنىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇنداق جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىگە ھەرگىز سەل قارىمايدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن.
ئاپتور مېخا ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا «ئو» نىڭ خىتاي بىخەتەرلىك خادىمى بىلەن ئۈندىداردا قىلىشقان گەپلىرىنىڭ ئاۋاز خاتىرىسىنى يېزىپ، ماقالىسىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرغان: «‹ئو› ئىسىملىك بۇ كىشى خىتاي دائىرىلىرى بىلەن ھەمكارلاشقاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى يېپىق تەربىيە لاگېرىدىن قويۇپ بېرىلىپتۇ. ئۇ ئوغلى بىلەن سۆزلىشىپ باقمىغىلى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ چىرايى تونۇغۇسىز بولۇپ قالغان. ئۇ خىتاي بىخەتەرلىك خادىمى ئۈندىداردا قىلغان سۆزىدە ‹ئوغلۇڭ چوڭ بوپ كەتتى. ئايالىڭ ئەمدى ئوغلۇمغا يېڭى كىيىم ئالىمەن دەيدۇ، ئۇلار ھازىر پويىز ئىستانسىسىدا› دېگەن. ‹ئو› ساقچىدىن ئوغلۇم بىلەن تېلېفوندا بىر سۆزلىشىۋالسام بولامدۇ؟، دەپ سورىغان. ئەمما ساقچى جاۋاب بېرىپ ‹ھازىرچە ئوغلۇڭغا تېلېفون قىلمىغىنىڭ ياخشى. ھازىر ئۇنى قاتتىق نازارەت قىلىۋاتىدۇ. ئۇلارغا ئاۋارىچىلىك تېپىپ بېرىشىڭ مۇمكىن. ئازراق ساقلىغىن. بىز ئۆز-ئارا ياردەملەشسەك بولىدىغۇ. خۇددى بىز ئىلگىرى دېيىشكەندەك، مەن ساڭا بۇ يەردە ياردەم قىلىمەن، سەن ماڭا ئۇ يەردە ياردەم قىلىسەن. شۇنداق ئەمەسمۇ؟ دېگەن›»
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بولسا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مەسىلىدە باشتىن-ئاخىر قەتئىي بولۇشى كېرەكلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلەپلىرىنىڭ ھەرگىز تۈگەپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.