شىۋېتسىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا چېتىلغان زور جاسۇسلۇق دېلوسى ۋە ئۇنىڭ باش - ئاخىرى (14)

0:00 / 0:00

14 - قىسىم: جاسۇس تاشلاپ كەتكەن سوئاللار

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى زىل - زىلگە كەلتۈرگەن شۇنداقلا شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا ئۇزاققىچە ۋەھىمە ۋە ساراسىمە ئېلىپ كەلگەن «جاسۇسلۇق دېلوسى» زامان ئىستېرىلكىسىدە تارىخقا ئايلاندى.

دەرۋەقە، جاسۇس تۇتۇلدى ۋە سوتلاندى. ئۇ بىر يىل ئون ئايلىق تۈرمە جازاسىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن سىكاندىناۋىيە يېرىم ئارىلىدىكى گۈزەل ۋە پاراۋان ئەل - شىۋېتسىيەدە ئەركىن بىر پۇقرا سۈپىتىدە ياشىماقتا.

شىۋېتسىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا چېتىلغان زور جاسۇسلۇق دېلوسى ۋاقىت ئېقىمىدا تارىخقا ئايلانغىنى بىلەن ئۇ قالدۇرغان جاۋابسىز سوئاللار مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى ھېلىھەم سوغۇققان پىكىر ۋە تەپەككۇرغا ئۈندىمەكتە…

جاسۇسلۇق دېلوسىنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە سىتوكھولم سوت مەھكىمىسىنىڭ 2010 - يىلى 8 - مارتتا بابۇر مەخسۇت دېلوسى ھەققىدە چىقارغان «ب 8976 - 09 نومۇرلۇق» سوت خاتىرىسى ئۇيغۇر جامائىتىگە تۆۋەندىكى سەككىز سوئالنى تاشلاپ كەتتى.

بىرىنچى سوئال: سوت خاتىرىسىنىڭ 23 - بېتىدە شىنجاڭ ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكى 2007 - يىلى كۈزدە شىۋېتسىيەنىڭ ئېسكىلىستۇنا شەھىرىدە ئويۇن قويغان ۋاقىتتا مەلۇم بىرسىنىڭ بابۇر مەخسۇتنى بىرىنچى قېتىم مۇخبىر قىياپىتىگە كىرىۋالغان خىتاي ئالاھىدە خادىمى لېي داغا تونۇشتۇرغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئۇنداقتا، بۇ كىشى زادى كىم؟

ئىككىنچى سوئال: بابۇر مەخسۇتنى ئەينى چاغدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنلىرىغا باشلاپ بارغان، ئۇنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ شىۋېتسىيەدىكى ئالاھىدە ۋەكىللىكىگە كۆرسەتكەن شۇنداقلا ئۇنى شىۋېتسىيەدىكى ئىككى ئۇيغۇر تەشكىلاتىنى بىرلەشتۈرۈپ رەئىس قىلىشقا كۈچىگەن ئىنسانلار «جاسۇسلۇق دېلوسى» پاش بولغاندىن كېيىن نېمە ئۈچۈن كىرپىدەك تۈگۈلۈۋالدى؟

ئۈچىنچى سوئال: بابۇرنىڭ سوت خاتىرىسىدە شىۋېتسىيەدىن قوغلانغان ئىككى نەپەر خىتاي جاسۇسى لېي دا بىلەن جوۋ لۇلۇنىڭ خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىدىكى «لاۋ ليۇ» ناملىق سىرلىق شەخس بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بارلىقىنى، راست ئىسمى نامەلۇم «لاۋ ليۇ» نىڭ جوۋ يوڭكاڭغا باغلىنىدىغانلىقى ئىما قىلىنغان. ئۇنداقتا، خىتايدىكى يۇقىرى دەرىجىلىكلەرگە چېتىلىدىغان بۇ دېلودا بابۇر مەخسۇت پەقەت بىر پېچكىمۇ؟ ئۇنىڭ كەينىدە كىملەر بار؟

تۆتىنچى سوئال: شىنجاڭ ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكى 2007 - يىلى نېمە ئۈچۈن شىۋېتسىيەدىكى بىرىنچى مەيدان تەشۋىقات ئويۇنىنى پايتەخت سىتوكھولمدا ئەمەس، بەلكى كىچىك شەھەر ئېسكىلىستۇنادا قويىدۇ؟ مەرھۇم كۈرەش كۈسەننىڭ سىرلىق ئۆلۈمىدىن كېيىن ئېسكىلىستۇنادىكى ئۇيغۇر جامائىتى نېمە ئۈچۈن تېرىقتەك چېچىلىپ كەتتى؟

بەشىنچى سوئال: بابۇر مەخسۇتنى 1980 - يىللاردا ۋەتەندىكى ۋاقتىدىلا تونۇيدىغان، 1990 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيادا بىللە تۇرغان، ھەتتا شىۋېتسىيە كەلگەندىن كېيىنمۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنلىرىغا بىللە بېرىپ - كېلىپ يۈرگەن ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ سىرلىق ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە ئىلگىرى ئېغىز ئاچمىدى؟ بابۇر تۇتۇلغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ «ئۇرۇشتىن كېيىنكى قەھرىمان» سۈپىتىدە بەرگەن كۈلكىلىك بايانلىرى نېمە ئۈچۈن چىگىت چاقمىدى؟

ئالتىنچى سوئال: ئۆز ۋاتىدا بابۇر ئېلىپ بەرگەن ئايروپىلان بېلىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىپ يۈرگەن «سىياسىي ئاكتىپلار» نېمە ئۈچۈن شىۋېتسىيەنىڭ سوتسىيال ياردەم پۇلىغا تايىنىپ ياشاۋاتقان بابۇردىن پۇلنىڭ كېلىش مەنبەسىنى سوراپ كۆرمىدى؟ بابۇر مەخسۇت ئۆز دەۋرىدە «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا 100 مىڭ ياۋرو بېرىمەن» دېگىنىدە نېمە ئۈچۈن ھېچكىم ئۇنىڭدىن «بۇ پۇلنى ساڭا كىم بەرگەن؟» دەپ سوراپ باقمىدى؟

يەتتىنچى سوئال: بابۇرنىڭ ئۆز دەۋرىدە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئىشەنچى ۋە ھۆرمىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەجگە بېرىشى، جامائەتكە قوشۇلۇپ ناماز ئوقۇشى، ئوغلىغا ساقال قويدۇرۇشى ۋە ياكى يۇقىرى سوممىدا ئىئانە بېرىشىدەك بىر قاتار تاكتىكىلىرى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كۆزىنى نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئۇزۇن مەزگىل غەلەت قىلالىدى؟

سەككىنچى سوئال: شىۋېتسىيە سوتى پولاتتەك پاكىتلار بىلەن بابۇرنىڭ جاسۇسلۇق قىلمىشىنى سوتلىغان تۇرۇقلۇق، بۈگۈنكى كۈندە يەنە نېمە ئۈچۈن بىر قىسىم كىشىلەر «بابۇر گۇناھسىز ئىدى، ئۇ خاتا سوتلانغان!» دەپ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياقا يىرتىپ چىقىدۇ؟ ئۇلارنى قۇترىتىۋاتقان ياكى سۇنى لېيىتىۋاتقان كۈچ زادى نېمە؟

(تۈگىدى)