سابىق خىتاي ئەمەلدارى جۇ يۈڭكاڭ دېلوسىغا چېتىشلىق تېخىمۇ كۆپ جىنايى پاكىتلار ئاشكارىلانماقتا

0:00 / 0:00

بۇلتۇر 5-دېكابىر كۈنى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا خىتاي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق باشلىقى جۇ يۈڭكاڭنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالغاندىن بۇيان، جۇ يۈڭكاڭنىڭ دېلوسىغا چېتىلىپ قولغا ئېلىنغان خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە جۇ يۈڭكاڭنىڭ جىنايى پاكىتلىرىغا ئائىت يېڭى ئەھۋاللار چەتئەللەردىكى خىتاي تور بېكەتلىرىدە كۆپەيدى. يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيان جۇ يۈڭكاڭ بىلەن چېتىشلىقى بار يەنە بىر قىسىم ئەمەلدارلار قولغا ئېلىنغانلىقى مەلۇم بولدى. ئۇندىن باشقا جۇ يۈڭكاڭنىڭ نۆۋەتتىكى خىتاي رەئىسى شى جىڭپىڭنى قەستلەش دېلوسىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى ئۇچۇرلار شۇنداقلا جۇ يۈڭكاڭ بىلەن ئالدىنقى نۆۋەتلىك خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن 19-مارت بېيجىڭ توقۇنۇشى، بو شىلەي-ۋاڭ لىجۈن دېلوسىغا ئائىت بىر قىسىم يېڭى ئەھۋاللار ئاشكارىلاندى.

2014-يىلىنىڭ 1-ھەپتىسىدە خىتاي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق باشلىقى جۇ يۈڭكاڭنىڭ يېقىنلىرى دەپ قارالغان يەنە بىر قانچە نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار تۇتقۇن قىلىندى. خەۋەرلەردە يەنە، 2012-يىلى 19-مارت بېيجىڭدا يۈز بەرگەن خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرى بىلەن 38-ئارمىيە ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ جۇ يۈڭكاڭ تەرىپىدىن پىلانلانغانلىقىغا ئائىت يېڭى ئەھۋاللار ئاشكارىلاندى.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى 2-يانۋار كۈنى، سىچۈەن ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ باشلىقى لى زۇڭشىنىڭ «ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. چەتئەللەردىكى خىتايچە خەۋەر مەنبەلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، لى زۇڭشىڭ، جۇ يۈڭكاڭنىڭ ئۆزى تەربىيىلەپ ئۆستۈرگەن يەنە بىر يېقىنى بولۇپ، جۇ يۈڭكاڭ 1999-يىلدىن 2002-يىلىغىچە سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ تۇرغان مەزگىلىدە لى زۇڭشىنى ئۆستۈرگەن. لى زۇڭشىڭ سىچۈەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ باش كاتىپى، سىچۈەن ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى، سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ 6-يانىۋاردىكى خەۋەرلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2-يانۋار كۈنى قولغا ئېلىنغان لى زوڭشىڭ بۇلتۇردىن بۇيان «پارىخورلۇق، چىرىكلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ ئەمەلىدىن ئېلىپ تاشلانغان 17-نەپەر ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمەلدار بولۇپ، بۇلتۇر بىر يىل ئىچىدە خىتايدا «ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغان ئەمەلدارلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى جۇ يۈڭكاڭنىڭ يېقىنلىرى دەپ قارالغان ئەمەلدارلار ئىكەن.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان ئالما گېزىتى 5-يانىۋاردىكى خەۋىرىدە يەنە، خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرىنىڭ ئىدارە دەرىجىلىك ئالاھىدە خادىمى كۇڭ شۇشياڭنىڭ 2013-يىلى 29-دېكابىر قولغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. خەۋەردە دېيىلىشىچە، سابىق ئەمەلدار جۇ يۈڭكاڭنىڭ بېقىۋالغان ئوغلى دەپ قارالغان كۇڭ شۇشياڭنىڭ ئاشكارا سالاھىيىتى بېيجىڭ ئاسىيا مېھمانسارىيىنىڭ خوجايىنى، خىتاي مەملىكەتلىك مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ چەتئەل ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى بولۇپ، خەۋەردە ئۇنىڭ 2012-يىلى 2-ئايدا يۈز بەرگەن سابىق ساقچى باشلىقى ۋاڭ لىجۈننى سۆھبەت بىلەن قايىل قىلىپ، ۋاڭ لىجۈننى بېيجىڭغا ئېلىپ كەتكەن ئەمەلدارنىڭ دەل ئۆزى ئىكەنلىكى قاتارلىق ئەھۋاللارمۇ بايان قىلىندى. بۇلتۇر 9-ئايدىن باشلاپ خىتاي نېفىتلىكىدىكى تۆت چوڭ ئەمەلدارنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، جۇ يۈڭكاڭ بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان ئەمەلدارلار ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالغان ئىدى. بولۇپمۇ بۇلتۇر 12-ئاي ئىچىدە خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لى دۇڭشېڭ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى ياڭ گاڭ قاتارلىقلارنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش سەۋەبلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ، تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، مەتبۇئاتلاردا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2014-يىلى چاغاندىن ئىلگىرى جۇ يۈڭكاڭنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى رەسمىي جاكارلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىمۇ ئۇچۇرلار تارقالدى.

3-يانۋار كۈنى خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرى ۋە فىرانسىيە رادىئوسىنىڭ خىتايچە تورىدا يەنە، سابىق ئەمەلدار جۇ يۈڭكاڭنىڭ يېقىنى دەپ قارالغان لى دۇڭشېڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈشكە ماسلىشىش ئۈچۈن ئېلىپ كېتىلگەن خىتايدىكى داڭلىق كىنو سودىگىرى لى مىڭنىڭ 2-يانۋار كۈنى سوراق جەريانىدا تۇيۇقسىز يىقىلىپ چۈشۈپ ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى. بۇ خەۋەرنىڭ تارقىلىشى بىلەن ئىككى كۈندىن بۇيانقى خەلقئارا مەتبۇئات خەۋەرلىرىدە ۋە چەتئەللەردىكى خىتاي تور بېكەتلىرىدە كىنو سودىگىرى لى مىڭنىڭ سىرلىق ئۆلۈمى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر كۆپەيدى. بۇ مۇنازىرىلەردە لى مىڭنىڭ ئۆلۈمىنىڭ جۇ يۈڭكاڭ تەرەپدارلىرى پىلانلىغان يەنە بىر سۇيىقەست بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى پەرەزلەرمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

5-، 6-يانۋار كۈنىدىكى خەۋەرلەردە يەنە، 2012-يىلى 6-فېۋرال يۈز بەرگەن چېڭدۇدىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا كىرىۋالغان سابىق ساقچى باشلىقى ۋاڭ لىجۈننى جۇ يۈڭكاڭنىڭ بېقىۋالغان ئوغلى كۇڭ شۇشياڭنىڭ چېڭدۇدىن ئېلىپ كېتىش جەريانى ۋە چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى بو شىلەينىڭ «مالىيە مىنىستىرى» شۈ مىڭنى تالىشىش سەۋەبىدىن خىتاينىڭ سابىق باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن جۇ يۈڭكاڭ ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىش ۋە 2012-يىلى 19-مارت كۈنى بېيجىڭدا يۈز بەرگەن جۇ يۇڭكاڭنىڭ قوراللىق قىسىم ئەسكەرلىرى بىلەن خىتاينىڭ سابىق رەئىسى خۇ جىنتاۋ بېيجىڭغا يۆتكەپ كەلگەن 38-ئارمىيە ئوتتۇرىسىدا قوراللىق ئېتىشىش يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدىمۇ يېڭى تەپسىلاتلار ئاشكارىلاندى.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان ئالما گېزىتىنىڭ 6-يانىۋاردىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، 2012-يىلى 6-فېۋرال ۋاڭ لىجۈن چېڭدۇدىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا كىرىۋالغاندىن كېيىن تۇنجى تېلېفوننى جۇ يۈڭكاڭنىڭ بېقىۋالغان ئوغلى كۇڭ شۇشياڭغا قىلغان بولۇپ، كۇڭ شۇشياڭ ئەينى چاغدا چېڭدۇغا بېرىپ ۋاڭ لىجۈن بىلەن بىر سائەت سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، ۋاڭ لىجۈننىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەت بېرىپ، ئۇنى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدىن ئېلىپ چىققان. ئەمما ۋاڭ لىجۈن بېيجىڭغا ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن، كۇڭ شۇشياڭ ۋاڭ لىجۈننى مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى رەت قىلىپ، ۋاڭ لىجۈننى جۇ يۈڭكاڭنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىدىكى سىياسىي قانۇن كومىتېتى قارمىقىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگىنى ئۈچۈن، ئەينى چاغدىكى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن جۇ يۈڭكاڭ ئوتتۇرىسىدا بىر مەزگىل تالاش-تارتىش يۈز بەرگەن.

ئالما گېزىتىنىڭ 6-يانىۋاردىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە،جۇ يۈڭكاڭ يەنە بو شىلەينىڭ «مالىيە مىنىستىرى» دەپ قارالغان، داليەن شىدې شىركىتىنىڭ خوجايىنى شۈ مىڭنىمۇ مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن،«19-مارت بېيجىڭ توقۇنۇشى» يۈز بەرگەن. 2012-يىلى 19-مارت كۈنى كەچقۇرۇن جۇ يۈڭكاڭنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىدىكى قوراللىق قىسىم ساقچى ئەسكەرلىرى چاڭئەن كوچىسى ۋە بېيجىڭ ئايرودرومىنى قامال قىلىپ، بو شىلەي دېلوسىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بېيجىڭغا ئېلىپ كېلىنگەن شۈ مىڭنى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ باشقۇرۇشىدىكى مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى خادىملىرى قولىدىن تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنغان. كېيىن خىتاي رەئىسى خىتاي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى باشلىقى خۇ جىنتاۋنىڭ بېيجىڭ ئەتراپىدىكى 38-ئارمىيىنى يۆتكەپ كېلىپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئاسمانغا ئوق ئېتىپ ئاگاھلاندۇرۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەندىن كېيىنلا، ئاندىن قوراللىق قىسىم ئەسكەرلىرى چېكىنگەن.

خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ 2014-يىلى كىرگەندىن بۇيانقى مۇلاھىزىلىرىدە يەنە،خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ جۇ يۈڭكاڭنىڭ جىنايەتلىرى ئۈستىدىكى تەكشۈرۈشنى قانداق بېكىتىش ئۈستىدە جىددىي باش قاتۇرۇۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، جۇ يۈڭكاڭنىڭ ئىلگىرىكى خوتۇنىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش، نۆۋەتتىكى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى ئىككى قېتىم قەستلەش، دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش، ئېغىر دەرىجىدىكى پارىخورلۇق قىلمىشلىرىغا ئەگەر 2012-يىلىدىكى19-مارت بېيجىڭدىكى ئېتىشىش ۋەقەسىنى پىلانلىغۇچى ئىكەنلىكى قوشۇلسا، جۇ يۈڭكاڭ دېلوسىغا قوشۇلۇپ يەنىمۇ كۆپلىگەن ئەمەلدارلارنىڭ موللاق ئېتىشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.