بىل بروۋدېر لاگېر مەسىلىسىدە مەسئۇلىيىتى بار خىتاي ئەمەلدارلىرىنى «ماگنىتسكىي» قانۇنى بويىچە جازالاشنى تەلەپ قىلدى

0:00 / 0:00

«يەر شارى ماگنىتسكىي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» مىلياردېر بىل بروۋدېر تەرىپىدىن تەشەببۇس قىلىنغان بولۇپ، ئۇ رۇسىيە تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئادۋوكات ماگنېتىسكىينىڭ نامىدىكى مەزكۇر قانۇننى ئەڭ دەسلەپ 2012-يىلى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە قاراردىن ئۆتكۈزۈلۈشتە مۇھىم رول ئوينىغان. ئامېرىكىدا ئوباما ھۆكۈمىتى دەۋرىدە ئىمزالانغان «يەر شارى ماگنېتسكىي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» غا ئاساسەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە رول ئالغان، ئۆزىنىڭ ھوقۇقى ۋە خىزمەت ئىمتىيازىدىن پايدىلىنىپ بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ ئۆلۈشىگە، تەن جازاسىغا ئۇچرىشىغا سەۋەب بولغان كىشىلەرنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلەش، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدىكى مال-مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلىش، ئەگەر ئامېرىكىغا كەلگەن تەقدىردە قانۇنىي جازاغا تارتىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2017-يىلى دېكابىردا بېرمادىكى روھىنگا مۇسۇلمانلىرىغا قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن بىر قىسىم گېنېراللارغا بۇ قانۇن بويىچە جازا تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغانلىقى ئۈچۈن بىر قىسىم خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ يۇقىرىقى قانۇن بىلەن جازالىنىشى مۇمكىنلىكى بۇندىن ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن ياردەمچى دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى لاۋرا ئىستون تەرىپىدىن ئۆتكەن يىلى 4-ئايدا تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. لاۋرا ئىستون خانىم شۇ قېتىملىق سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئامېرىكىنى جىددىي ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ «يەر شارى ماگنېتسكىي قانۇنى» غا ئاساسەن قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن «يەر شارى ماگنېتسكى قانۇنى» نى ئىشقا سېلىپ جازالاشنى تەلەپ قىلىۋاتقان بىرىنچى نومۇرلۇق شەخس دەل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگودۇر.

بىل بروۋدېر ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىز داۋامىدا ئۇنىڭدىن خىتاي ئەمەلدارلىرىغا «ماگنېتىسكىي قانۇنى» بويىچە ئېمبارگو قويۇشنىڭ ئۇلارنى قانداق ئاقىۋەتلەرگە ئۇچرىتالايدىغانلىقىنى سورىدۇق. بىل بروۋدېر ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ‹يەر شارى ماگنېتسكىي تىزىملىكى› گە كىرگۈزۈشىنىڭ ئەھمىيىتىنى مۇنداق ئىككى تەرەپتىن رول ئوينايدۇ دېيىشكە بولىدۇ. بۇ قانۇن ئەمەلدارلارغا قارىتا ئىجرا قىلىنغان ھامان ئۇلارنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بانكا ھېساباتى توڭلىتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار چەتئەللەردە سودا-سېتىق قىلالمايدۇ، خالىغانچە ئۆي-مۈلۈك سېتىۋالالمايدۇ. دۆلەت ئاتلاپ ساياھەت قىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى بۇ قانۇن جازاغا ئۇچرىغان ئەمەلدارلاردىن باشقا يەنە ئۆزىنىڭ جازالىنىشىدىن ئەنسىرەۋاتقان، تېخى جازالانمىغان ۋەھىمە ئىچىدىكى ئەمەلدارلارغىمۇ ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىدۇ. مەسىلەن، ئامېرىكا بىلەن كانادا مەسئۇلىيىتى بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلداردىن 15 گە جازا يۈرگۈزدى دەيلى، ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ يەنە مىڭلىغان قوللىغۇچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ گۇرۇھىدىكى ئەمەلدارلارمۇ ئۆزىنىڭ جازالىنىشىدىن قورقۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرىكى ئېغىر قىلمىشلىرىنى تىزگىنلىشىگە سەۋەب بولىدۇ. بۇنىڭ تەسىرىدە ئۇلارنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقان خەلقنىڭ ۋەزىيىتى ئىجابىي يۆنىلىشكە سىلجىشى مۇمكىن.»

مۇخبىر: مەيلى لاگېرنىڭ ئىچىدە ياكى سىرتىدا بولسۇن، ئۇيغۇرلار ئىنسانى ھەق-ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم ھالدا ياشىماقتا. خەلقئارا جەمئىيەت ھاياتى تەھدىت ئاستىدا قالغان ئۇيۇرلارغا ۋە لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا قانداق ئۇسۇلدا ياردەم قىلالايدۇ؟

بىل ئەپەندى: مەن ئۇيغۇرلاردىن چىققان داڭلىق سەنئەتكارلارنىڭمۇ لاگېرلاردا ئۆلگەنلىكىگە دائىر ناھايىتى ئېچىنىشلىق خەۋەرلەرنى كۆردۈم، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش شەخسلەرنىڭ ھېكايىلىرى دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. بۇ يەردە مۇھىمى سانلىق مەلۇمات ئەمەس، بەلكى تەسىر قىلارلىق رىيال شەخسلەرنىڭ قىسمەتلىرىدۇر. مەن ئۆزۈم ئەڭ ياخشى بىلىدىغان، ۋە ئەڭ كۆپ شۇغۇللىنىدىغان «يەر شارى ماگنېتسكي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، بۇ مەسىلىدە مەسئۇلىيىتى ئېغىر، جاۋابكارلىققا تارتىلىشقا تېگىشلىك كىشىلەر ھەققىدە ئۇلارنى جازالاشقا يېتەرلىك ئىسپات بارمۇ؟ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى بولسا دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغاش، خىتاي يامان تەسىر پەيدا قىلىشتىن قاچىدىغان بىر دۆلەت، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۇنى پايدا-زىياننى ئويلىشىپ ئىش قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ. شۇڭا قانچە كۆپ كىشى بىلسە، خىتايغا شۇنچە كۈچلۈك ئەكس تەسىر پەيدا قىلغىلى بولىدۇ. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، قانۇنلاشتۇرۇلغان كەمسىتىش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى ھېچقاچان سۈكۈتتە تۇرمىغان، ئۇ مەيلى جەنۇبىي ئافرىقادىكى ئىرقىي ئايرىمىچىلىق سىياسىتى، مەيلى رىۋاندا قىرغىنچىلىقى ۋە مەيلى كامبودژادىكى قىرغىنچىلىق بولمىسۇن، شۇنداق قارشىلىققا دۇچ كەلگەن بۇ خىتايغا كەلگەن چاغدىمۇ ئوخشاش بولۇشى كېرەك.

مۇخبىر: ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ھۆكۈمەتلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا سولىنىش مەسىلىسىدە رەسمىي ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشتە زادى نېمىلەر تۈرتكە بولالايدۇ؟

‏بىل ئەپەندى: مېنىڭچە، ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار شۇ دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە سىياسىي ئەربابلار بىلەن ئاكتىپ كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى جازا لاگېرلىرىغا ئائىت ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىشى كېرەك. قانچىكى كۆپ ساندا كىشىلەر بۇ مەسىلىنى بىلگەندە، چۈشەنگەندە، قانچە كۈپ دىققەت قوزغىغاندا، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئېغىر ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلارمۇ، ئۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىدىغانلارمۇ بارغانچە كۆپىيىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ ھەقىقەتەنمۇ ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا تېگىشلىك پەۋقۇلئاددە جىددىي مەسىلە.

مۇخبىر: بىل ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىۋاتقىنىغا 2 يىل بولۇپ قالدى، سىزمۇ مەزكۇر مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقىڭىزنى قەيت قىلدىڭىز، لاگېر مەسىلىسىدە سىزنىڭ ئەڭ زور ئەندىشىڭىز نېمە؟

بىل ئەپەندى: دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئېنىق بولمايۋاتقىنى يەنىلا لاگېرلارنىڭ ئىچكى يۈزىگە دائىر ئۇچۇرلارنىڭ كەم بولۇشى، غەرب دۇنياسى پەقەت كۆرگەنلىرىگە قارىتا ئىنكاس قايتۇرىدۇ، ئەپسۇس، بۇنىڭدا لاگېرلار ھەققىدە ھەقىقىي ۋە ئەمەلىي ئۇچۇرلارغا ئىگە بولالماسلىق چوڭ رىقابەت يارىتىۋاتقان مەسىلە دەپ قارايمەن.

مۇخبىر: خەلقئارالىق مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئورۇنلىرى بۇنىڭدا قانداق مۇھىم رول ئوينايدۇ دەپ قارايسىز؟

بىل ئەپەندى: خىتاي ئۇلارنى يالغان ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ، لاگېرلار مەسىلىسىنى يالغانغا چىقىرىشقا تىرىشىدۇ، بۇ ۋەزىيەتتە بۇ ئۇچۇر تېخنىكا ئۇرۇشى شۇنداقلا ئەمەلىي ئۇرۇش، بۇ ئەھۋالدا قانچە چىن مەلۇماتلارنى ئىگىلەش ۋە تارقىتىش بىلەن كىشىلەرنىڭ قارشى ئىنكاسىنى قوزغاش ئارقىلىق يېڭىپ چىققىلى بولىدۇ. ئەگەردە ئۇ جايدا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن دورا سىناق قىلىنىۋاتقان بولسۇن، ھەر قانداق تەن جازاسى ياكى خورلاش ئەھۋاللارغا ئائىت ئىگىلىگىلى بولىدىغانلا ئۇچۇر مەلۇماتلارنى يىغىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشمىز لازىم. لاگېرغا ئائىت ھەر خىل ئۇچۇر، ئاۋاز، سىن ۋە ياكى گۇۋاھلىققا ئوخشاش ھەر تەرەپلىمە ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى بۇ جايدىكى يوشۇرۇنغان خەۋپنى ئېچىشتا رول ئوينايدۇ. شۇنداقلا دۇنيانىڭ خەۋپ ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارغا بولغان ئەندىشىسىنى قوزغىيالايدۇ.

ئۇيغۇرلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىردەك ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەر سولىۋېلىنغان لاگېرلارنىڭ خەلقئارالىق مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئورۇنلىرى تەرىپىدىن چوقۇم قاتتىق ۋە نىشانلىق تەكشۈرۈلۈشى شۇنداقلا خەلقئارالىق ئىنكاسقا ئېرىشىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلىپ كەلدى. ئۇلار يەنە ئامېرىكا باشلىق ھۆكۈمەتلەرگە چېن چۇەنگو قاتارلىق ئەمەلدارلارغا «يەر شارى ماگنېتسكىي قانۇنى» بويىچە جازا قوللىنىش لازىملىقىنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە لاگېرلارنى قۇرۇش ۋە ئۇيغۇر ھەمدە باشقا مىللەتلەرنى جازا لاگېرلىرىغا سولاشتا بىۋاسىتە مەسئۇلىيىتى بار دەپ قارالغان بىرمۇ خىتاي ئەمەلدارىغا قارىتا بۇ قانۇن تېخى ئىجرا قىلىنمىدى. بىل براۋدېر ئەپەندى قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىگە قارىغاندا، «ماگنېتسكىي قانۇنى» نىڭ ئىجرا بولۇشى ئاقساراي، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقلىرىنىڭ ھەمكارلىقى ئاساسىدا ئوتتۇرىغا چىقىدىكەن.