مۇھەممەت سالىھ داموللامنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.09.20
muhemmet-salih-damolla-hajim-01.jpg مەرھۇم مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم.
Social Media

ئاتاقلىق دىنىي ئالىم مەرھۇم مۇھەممەت سالىھ داموللامنىڭ پۈتۈن ئائىلە تاۋابىئات ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، تۈرمە ياكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بىز مۇھەممەت سالىھ داموللامنىڭ قاتارغا ئوقۇغان قىزى، نەزىرە مۇھەممەت سالىھ ۋە ئۇنىڭ يولدىشى ئاتاقلىق شائىر ئادىل تۇنىيازنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلىش جەريانىدا، ئۇنىڭ ئائىلىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىغا دائىر بەزى ئۇچۇرلارغا ئېرىشتۇق.

ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2017‏-يىلى 12‏-ئايدا مۇھەممەت سالىھ داموللام بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئۇنىڭ قىزلىرىنى، ئوغلىنى، نەۋرە ۋە جىيەنلىرىنى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى بىردەك تۇتقۇن قىلغان. نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ قايسى لاگېردا ياكى تۈرمىدە ئىكەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر يوقكەن.

مۇھەممەت سالىھ داموللام ۋە ئۇنىڭ قىزى نەزىرە مۇھەممەت سالىھ بىلەن 18 يىل قوشنا ئولتۇرغان ھازىر تۈركىيەدىكى بېلىقىز خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر داموللامنىڭ قىزى نەزىرە مۇھەممەت سالىھ بىلەن ئۇنىڭ يولدىشى ئادىل تۇنىيازنى تۇتقۇن قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارغا تېررورلۇق ۋە دىنىي ئاشقۇنلۇقنى تەرغىب قىلىش جىنايىتىنى ئارتقان. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ 19 ياشلاردىكى ئىمران ئىسىملىك چوڭ ئوغلىنى تۇتقۇن قىلىپ، قالغان ئوغۇللىرىنى بالىلار پاراۋانلىق ئورۇنلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.

بېلىقىز: «نەزىرە سالىھ بىر ئەۋلادنىڭ ئىزباسارى، ئالىم قىز بالا ئىدى، بالىلىرى بىلەن تۇتۇپ كەتتى. بىر ئوغلى بارتى ئىسمى ئىمران. ئۇمۇ بېيجىڭدا بىر مەكتەپكە ئەرەب تىلى ئۆرۈيدىغانغا ئۆتۈپتىكەن. ئۇنىمۇ بېيجىڭدىن تۇتۇپ كېتىشىپتۇ. ئۇنىڭ ئىز دېرىكى يوق. قالغان 3 ئوغلى يا تۈرمىدەمۇ ياكى يىغىۋېلىش ئورۇنلىرىدىمۇ ھېچكىم بىلمەيدىكەن. ئىمران، ئىقبال، ئېھسان، ئىلياس تۆتىلىسىنىڭكى ئىز-دېرىكى يوق. كىچىك ئىككىسىنى خىتاينىڭ بالىلارنى باقىدىغان يېرىدىكەن، دەپ ئاڭلىدۇق. لېكىن ئۇنى ھېچكىم رەسمىي كۆرگىنى يوق. ئېھسان، دېگەن ئوغلى 16 گە كىرگەن، ئوقۇيتتى. بۇ يىل 2‏-3-ئايلاردا ئۇنى ساقچىلار مەكتەپكە ئاپىرىپ-ئەكېلىۋېتىپتۇ، دەپ ئاڭلىغان. ئەمما ھازىرغىچە خەۋەر ئالالمىدۇق. ئەڭ كىچىكى ئىلياس 3 يېرىم، 4 ياشلارغا كىرگەن. ئۇ بەك تاتلىق بىر بالا ئىدى. ئۇنى شۇ خىتايلار ئۆزى بېقىۋېتىپتۇ، دەپ ئاڭلىدۇق، ئەمما نەدە بېقىۋاتقانلىقىنى ھېچكىم ئۇقمايدۇ. ھەتتا نەزىرەدىن ئۈمىد كۈتمەڭلار، دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىغىلى 7 ئاي بولدى ماڭا».
مۇخبىر: «نەزىرە مۇھەممەت سالىھنىڭ ئۆتكەندە مىچۈئەندە بىر يەردە ئىكەنلىكىدىن خەۋىرىمىز بار، دېگەندەك بىر گەپنى ئېيتقان ئىدىڭىز».

بېلىقىز: «ياق، نەزىرە ئەمەس، ھاممىسىنىڭ، ئەنىسە خېنىمنىڭ ئىدى. نەزىرەنى ئۇدۇللا تۈرمىگە ئېلىپ كېتىپتۇ، قايسى تۈرمىگە ئەكەتكەنلىكىنى بىلمەيمىز. لېكىن شۇ مىچۈئەندىكى بىر ساقچى يىغىۋېلىش ئورنىدىكى، نەزىرە، ئادىللاردىن ئۈمىد كۈتمەڭلار، دېگەننى بىرىگە دېگەن گەپ. بىزنىڭ ئاڭلىشىمىزچە خىتاي، ئەسەبىي دىن تارقاتقۇچى، تېررورچىلارنىڭ بېشى، دەپ بېكىتىپتۇ، دەپ ئاڭلىدۇق. . . . . . . . . . . بەلكىم ئۇلارنى ئېغىر كېسىۋېتىشى مۇمكىن ياكى ئۇلارنىڭ ئىزىنى يوقىتىۋېتىشى مۇمكىن، دەپ ھازىرغا قەدەر ئۆلۈك-تىرىكلىكىنى ئاڭلىمىدۇق».

«شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» خىتاي تىلى ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئاسىيە مۇھەممەت سالىھ داموللامنىڭ 3-بالىسى. نەجىپ مۇھەممەت سالىھ بولسا داموللامنىڭ ئاتۇشتىكى چوڭ ئوغلى بولۇپ، ئۇلارمۇ 2017‏-يىلى 12‏-ئايدا مۇھەممەت سالىھ داموللام تۇتقۇن قىلىنغاندا تەڭلا تۇتقۇن قىلىنغان. بېلىقىز خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاسىيا ۋە نەجىپ مۇھەممەت سالىھلارنىڭ ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئىز-دېرىكى يوق ئىكەن.

بېلىقىز: «ئاسىيا دادىسى بىلەن بىللە 2017‏-يىلى 12‏-ئاينىڭ 25-كۈنلىرى كېچىسى تۇتقۇن قىلىنىپتۇ. مەنچە ئاسىيا شۇ كېچە ياكى ئالدى-كەينىدە تۇتۇلدىغۇ، دەيمەن. ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىسى، داموللامنىڭ 3‏-بالىسى ئىدى. نەجىپ مۇھەممەت سالىھ دېھقان ئىدى. ئۇ مۇھەممەت سالىھ داموللامنىڭ تۇنجى بالىسى بولۇپ، ئاتۇش تەختىيۇندا ئولتۇراتتى. 4 قىزى بار ئىدى، بىر قىزى ئۈرۈمچىدە مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇيتتى. ئەنىسە سالىھ مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ بىردىن بىر سىڭلىسى، ئۈرۈمچىدە ئولتۇراتتى».

مۇخبىر: «مەسئۇد ئابلەي كىم بولىدۇ؟ ئۇ مۇھەممەت سالىھ داموللامنىڭكى نېمىسى بولىدۇ؟»

بېلىقىز: «مەسئۇد ھاجىم داموللامنىڭ ئاكىسىنىڭ ئوغلى. ئۇ ئادەممۇ 80 ياشلارغا كىرىپ قالغان، ئايالى ئايشەمقىز ھاجىم 75 ياشلارغا يېقىنلىشىپ قالغان. مەسئۇد ھاجىكاملار ئۈرۈمچىدە تۇراتتى، لېكىن بۇرۇن تۇرغان يېرى ئاتۇش بولغاچقا ھەممىسىنى نوپۇسى بۇرۇن تۇرغان يەرگە ئەكېتىپتۇ. ئوغلى نۇرمەمەت ھاجىم ئۈرۈمچىدە ئىسلام ئىنستىتۇتىنى ئوقۇغان. ئاندىن بۇ بالا يەمەن، مالايسىيا دېگەن يەرلەردە ئوقۇپ ئەرەب ئەدەبىياتى ۋە ھەدىسشۇناسلىقنى ئوقۇغان، 7-8 يىل بولغان بېيجىڭدا بىر ئەرەب كونسۇلخانىسىدا ئىشلەۋاتاتتى. 30 نەچچە ياشلاردىكى كىچىك بالا ئىدى، ئۇنىمۇ بېيجىڭدىن تۇتۇپ كېتىپتۇ، ئۇنىڭمۇ نەدىلىكى مەلۇم ئەمەس.»

بىز ئادىل تۇنياز، نەزىرە سالىھ ھاجىملارنىڭ ئىز-دېرىكىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار ئورگانلارغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، لېكىن ھېچكىم ئۇلارنىڭ ئۇچۇرىنى بېرىشنى خالىمىدى. ئۈرۈمچى 19‏-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىر كەچلىك نۆۋەتچىسى ئادىل تۇنىيازنىڭ پەرزەنتلىرىنى قايسى ئورۇن ئېلىپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا، بۇ مەسىلىنى ئۇلار تۇرۇشلۇق ئىجتىمائىي رايوندىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ چەتئەلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ ئاكىسىنىڭ نەۋرىسى نۇرمۇھەممەت ھاجىمنى بېيجىڭدا بىر ئەرەب ئەلچىخانىسىدىن ئىشلەۋاتقان يېرىدىن تۇتۇپ كەتكەندىن بېرى ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئىز-دېرىكى يوق ئىكەن.

مۇھەممەت سالىھ داموللام 2017‏-يىلى 12‏-ئايدا تۇتقۇن قىلىنىپ، يىغىۋېلىش لاگېرىغا قامالغان ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي يىغىۋېلىش لاگېرىدا ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ ۋاپاتى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاپ، خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ خەۋەر قىلىنغان. مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، يىغىۋېلىش لاگېرىغا قامىلىشى ئۇنىڭ قۇرئانى كەرىمىنى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىشى، خەلق ئىچىدە يۈكسەك ئابرۇيغا ئىگە بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.