تايلاندنىڭ نوڭكەي مۇساپىرلار مەركىزىدىن قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلار يەنە تۇتۇلۇپ قالغان
2016.09.21
سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن سەھەر سائەت 1-2 لەردە، تايلاندنىڭ شەرقىي-شىمالىدىكى نوڭكەي مۇساپىرلارنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدىكى 10 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىر يامغۇر يېغىۋاتقان ۋە توك كەتكەن پۇرسەتتىن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مۇساپىرلار مەركىزىدىن قېچىپ چىققان.
تايلاند ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئاشكارىلىشىچە، ئۇلار مۇساپىرلار مەركىزىنىڭ 2 قەۋەتلىك بىناسىنىڭ ئۆگزىسىنى ئېچىپ، شۇ يەردىن قېچىپ چىققان. ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان ساقچىلار نوڭكەي رايونىدا قاتتىق ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ئۇلاردىن 9 كىشىنى يەنە تۇتۇۋالغان. ئۇلار تۇتۇلۇپ قالغۇچىلىك بولغان بۇ ئارىدا ئازراق كەم 24 سائەت قېچىپ يۈرگەن.
تايلاند ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇلارنىڭ 9 نەپىرى تۇتۇلۇپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلاردىن بىرىنىڭ ھازىرغا قەدەر ئىز-دېرىكى يوق ئىكەن. تايلاند ھۆكۈمىتى بولسا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى بۇ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ سەپەر مەنزىلىگە دائىر ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلغان.
تايلاند كۆچمەنلەر ساقچىسىنىڭ مۇئاۋىن كومىسسارى چارتچاي تاڭ ئىيام تايلاند ئاخباراتلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، «ئۇلارنىڭ مەنزىلىگە دائىر دېتاللار دۆلەت بىخەتەرلىكى كىرىدۇ ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتكە ياتىدۇ» دېگەن.
ئەمما تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇشى ۋە ئۇلارغا ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلىشى د ئۇ ق نى قاتتىق بىئارام قىلغان. قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىت، تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خەتەرلىك ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تايلاند دائىرىلىرىنى ئۇلارنىڭ قېچىشىغا ئاڭلىق قاراشقا چاقىردى.
دىلشات رىشىت مۇنداق دېدى: «بۇلارنىڭ قېچىشىغا ئالدى بىلەن تايلاند ئىنسانپەرۋەرلىك بىلەن قاراش كېرەك. ئۇلارغا باشقا دۆلەتلەردىن قېچىپ كەلگەن قاچاقلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلسا خاتالىشىدۇ. بۇلارنىڭ تەقدىرى ناھايىتى خەتەرلىك، خىتاينىڭ بېسىمى ئېغىر. (تايلاند) ئۇنىڭ ئالدىدىمۇ بىر تۈركۈم (ئۇيغۇر)نى مەجبۇرى قايتۇرۇۋەتتى. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇلار ئۆزىنىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل يوللارغا مەجبۇر بولىدۇ. بۇنى رېئاللىق، دەپ قاراش كېرەك.»
تايلاند دائىرىلىرىنىڭ تايلاند ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بىلدۈرۈشىچە، تايلاند دائىرىلىرىنىڭ سەيشەنبە كۈنى نوڭكەي مۇساپىرلار تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدىن قاچقان بەزى ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانغا 2 يىلدەك بولغان.
ئۇلار بۇرۇن باڭكوك مەركىزى مۇساپىرلار تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە بولۇپ، بۇ ئورۇن مۇساپىرلار بىلەن توشۇپ كەتكەچكە دائىرىلەر بۇ 10 ئۇيغۇرنى بۇ يىل 6-ئايدا تايلاندنىڭ نوڭكەي رايونىدىكى مۇساپىرلار مەركىزىگە يۆتكەپ كەلگەن.
تايلاند شەرقىي-شىمال رايونلۇق كۆچمەنلەر ساقچى باشلىقى پاتىپات سۇبان نائايۇديا تايلاند ئاخباراتىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، باڭكوك ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرىگە ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارغا دائىر ھېچقانداق تەپسىلىي ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ئۇلار بۇ تۇتقۇنلارنى بىزگە ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ ئىسمىنىلا بەردى، خالاس» دېگەن.
ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، نوڭكەي مۇساپىرلار تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزى تۈرمىگە ئوخشاش سېلىنمىغاچقا، ئۇيغۇرلار مۇساپىرلار قاچقاندا ھېچقانداق ئەسۋاب ئىشلەتمىگەن. ئۇ، تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بىراق بىز كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلساق بولمايدۇ. ئۇلارغا كىشەن سېلىپ قويالمايمىز. چۈنكى، ئۇلار تۇتقۇن، جىنايەت گۇماندارى ئەمەس»دېگەن.
لېكىن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ نەزىرىدە، تايلاند مۇساپىرلارنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىنىڭ تەسىرى ئۇنچىلىك ياخشى ئەمەس. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ئىلگىرى تايلاند مۇساپىرلار مەركەزلىرىنىڭ شارائىتى، دائىرىلەرنىڭ مۇساپىرلارغا تۇتۇۋاتقان مۇئامىلىسى ۋە مۇساپىرلارنىڭ ئۇزۇن مەزگىل تۇتۇپ قېلىنىدىغانلىقىنى تەنقىدلىگەن.
د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇشقا ھېچقانداق سەۋەبى يوقلۇقىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇر مۇساپىرلار پەقەت خىتاينىڭ بېسىمىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، تايلاندنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى ئۇلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغان باشقا دۆلەتكە يولغا سېلىپ قويۇشنى تەلەپ قىلدى.
دىلشات رىشىت: «تايلاندنىڭ بۇ مەسىلىدە خەلقئارا ئۆلچەم بويىچە ئۇلارنى 3-بىر دۆلەتكە، ئۇلار ئىلتىماس قىلغان دۆلەتكە يوللاپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز. ئۇنىڭدىن سىرت، بۇ مەسىلىگە تايلاندنىڭ ئۆزىلا ئەمەس، خەلقئارانىڭ جىددىي ئارىلىشىپ، شۇ بالىلارنى خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇپ 3-بىر دۆلەتكە يۆتكىلىپ بېرىشىغا قۇرۇلتاي ئەلۋەتتە داۋاملىق جىددىي خىزمەت ئىشلەيدۇ. ھازىر ئۇلارنى پەقەت خىتاينىڭ بېسىمىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. خىتاي بېسىمى بولغاچقا تايلاند ھۆكۈمىتى بۇرۇن بىر ئاپىرىۋەتتى. ھازىر ئەمدى بۇ مەسىلە تايلاندقا ناھايىتى نازۇك بىر مەسىلە بولۇپ قېلىپ، ھەل بولماي تۇرۇۋاتىدۇ» دېدى.
تايلاند ھۆكۈمىتى 2015-يىلى 7-ئايدا ئاز دېگەندە 110 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىپ، ب د ت ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئۇ، بۇ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشتىن سەل ئاۋۋال، كۆپ قىسمى ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ 170-180 دەك ئۇيغۇر مۇساپىرنى تۈركىيەگە يولغا سالغان.
تايلاند ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ باڭكوك شەھەر مەركىزىدىكى بىر ئىبادەتخانا بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. ھۇجۇمدا 25 ئادەم ئۆلگەن، 125 ئادەم يارىلانغان.
تايلاند ھۆكۈمىتى ۋەقەنىڭ ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما تايلاند ۋە خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ھۇجۇمنىڭ ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
تايلاند ئاخباراتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، تايلاند شەرقىي-شىمال رايونلۇق كۆچمەنلەر ساقچى ئەمەلدارى پاتىپات نوڭكەي مۇساپىرلار مەركىزىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاچان تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدىن ئايرىلىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ قاچان ئايرىلىشى «بۇ ئۇلار بارىدىغان مەنزىل دۆلەتكە مۇناسىۋەتلىك.... ئەگەر ئۇلار بۇلارنى ئالمايمىز دېسە، بىز ئۇلارنى ئۇ يەرگە يولغا سالالمايمىز» دېگەن.