د ئۇ ق: «تەرجىمان مەسىلىسى تايلاندنىڭ 2 ئۇيغۇر گۇماندارنىڭ ئادىل سوتلىنىشىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ»

0:00 / 0:00

باڭكوك ئېراۋان بۇتخانىسىدىكى پارتلاش ۋەقەسىنىڭ 2 نەپەر ئۇيغۇر گۇماندارى مىرئەلى يۈسۈپ بىلەن ئادام قاراداغ ياكى بىلال مۇھەممەت 15‏-نويابىر پۇت، قولى كىشەنلەنگەن ھالدا باڭكوكتىكى تايلاند ھەربىي سوتىغا ئېلىپ كېلىنگەن.

بۇ، 2015‏-يىلى 17‏-ئاۋغۇست يۈز بەرگەن باڭكوك بۇددىست ئىبادەتخانىسى - ئېراۋان بۇتخانىسىدىكى پارتلاشقا چېتىشلىق دەپ قولغا ئېلىنغان بۇ ئىككى ئۇيغۇرنىڭ سوتىنىڭ تەرجىمان سەۋەبلىك 3 قېتىم كېچىكتۈرۈلگەندىن كېيىن قايتا ئەسلىگە كېلىشىدۇر.

ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ بۇرۇنقى ئۆزبېك تەرجىمانى سىراجىدىن باھادىروف بۇ يىل 6‏-ئاينىڭ باشلىرىدا تايلاند ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر تۇتقۇنلار تەرجىمانسىز قالغان.
بۇ ئارىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرجىمان بىلەن تەمىنلەشنى تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما تايلاند ھۆكۈمىتى بۇ تەكلىپنى رەت قىلغان ئىدى.

دائىرىلەر سەيشەنبە كۈنكى سوتتا خىتاينىڭ تايلاندتىكى ئەلچىخانىسى تەمىنلىگەن 2 كىشىنى گۇماندارلارغا تەرجىمان قىلىپ بېكىتكەن. بىلال مۇھەممەت ۋە مىرئەلى يۈسۈپ بۇنىڭغا دەرھال نارازىلىق بىلدۈرۈپ، تەرجىماننى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما سوتچىلار نارازىلىقنى رەت قىلغان ئىدى.

بۇ ئەھۋال دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدا سوتنىڭ ئادىل ھۆكۈم چىقىرىشىغا نىسبەتەن جىددىي ئەندىشە قوزغىدى. د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت چارشەنبە كۈنى مۇخبىرىمىزغا بەرگەن باياناتىدا، سوتنىڭ بۇ داۋاغا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىشىدا تەرجىمان ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تەرجىمانىنى ئىشلىتىش ئۇلار ئۈچۈن خەۋپلىك» دېدى.

دىلشات رىشىت مۇنداق دەيدۇ: «تەرجىمان سوتتا ناھايىتى مۇھىم رو ئوينايدۇ. بىر جۈملىنى قانداق شەكىلدە تەرجىمە قىلىش، ئوخشاش مەنىنى ئوخشىمىغان شەكىلدە تەرجىمە قىلسا، بۇ قانۇنى جەھەتتە باشقا مەنىنى بىلدۈرۈپ كېتىدۇ. شۇڭا، تەرجىمان مەسىلىسى ناھايىتى مۇھىم. شۇڭا، سوتنىڭ قانچىلىك ئادالەتلىك بولۇشىدا بىر سوئال بەلگىسى بار. ئەلچىخانا بەلگىلىگەن تەرجىماننى ئىشلەتكەن بولسا، دېمەك بۇنىڭ ناھايىتى خەتىرى بولۇشى مۇمكىن.
ئۇلارنىڭ (ئەسلى) تەرجىمان تاللاش ھوقۇقى بولۇشى كېرەك. ئەمما تايلاند ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ شۇنداق ھوقۇقىنى يوق قىلغان.»

بىز تايلاندنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، د ئۇ ق نىڭ پىكرىگە قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى سورىدۇق. لېكىن ئەلچىخانىنىڭ ئاخبارات ئەمەلدارى، ھازىر بۇ دېلونىڭ سوتلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇ ئەھۋالدا ئۆزلىرىنىڭ ئۇنىڭغا پىكىر بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەلچىخانا ئەمەلدارى: «تەرجىمان مەسىلىسىدە بىز ئۇنىڭغا پىكىر بىلدۈرەلەيدىغان ئەھۋالدا دەپ قارىمايمەن. چۈنكى، بۇ ئەدلىيە مەسىلە. شۇشا، بىز بۇنىڭغا پوزىتسىيە بىلدۈرسەك بولمايدۇ، كەچۈرىسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە تەرجىمانلىق مەسىلىسى بىزنىڭ ئەلچىخانىنىڭ دائىرىسىدىكى مەسىلە ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈن كەچۈرۈم سورايمەن. بۇ مەسىلىسىنى سوراپ بىرقانچەيلەن تېلېفون قىلغان، ئەمما بىز ھەممىسىنى رەت قىلدۇق» دېدى.

ئۇ يەنە «كەچۈرىسىز، مەن بۇنىڭدىن ئارتۇق بىر نەرسە دېيەلمەيمەن» دەپ كۆرسەتتى.

سەيشەنبە كۈنكى سوتتا، مىرئەلى يۈسۈپ بىلەن بىلال مۇھەممەت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ھۆرمەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما سوتچىلار تەرجىماننىڭ تەرەپدار ئىكەنلىكىگە ھېچقانداق دەلىل يوقلۇقىنى، ئىلگىرى ئۇلارغا خىتاي ئەلچىخانىسىدىن تەرجىمان چاقىرىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرجىمانلىقنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تۈركىيەدە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇقادىر تۈمتۈرك شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ياردەم قىلىپ كەلگەن شەخسلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئېراۋان بۇتخانىسىدىكى پارتلاشنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئارتىپ قويۇلۇشىنىڭ ئۆزى گۇمانلىق مەسىلە. ئۇ، تايلاند دائىرىلىرىنىڭ دەرھال تەرجىماننى ئالماشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئابدۇقادىر تۈمتۈرك مۇنداق دەيدۇ: «سىياسەتتىن مۇستەسنا، سىياسەتتىن ئايرىم بىر ھالەتتە سوتقا چىقىرىلىپ سوتلىنىشتىن ئىلگىرى، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ مەخسۇس خىتايدىن ئەكەلگەن ئىككى تەرجىمان ئارقىلىق سوت ئېلىپ بېرىلىشى چوڭ سوئال ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇ بولسىمۇ، بۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خىتايدا بىلىنىپ كەلگەن شەرقىي تۈركىستان زۇلۇمىدىن قېچىپ كەلگەن مۇھاجىرلار ئىكەنلىكى ئېنىق. ئەمما بۇلارغا تەرجىمانلىق قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسى ئارقىلىق نەتىجىسى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە ماڭىدىغان (بۇ ھەرىكىتى)، بۇ ئىككىيلەن بىلەنلا پۈتمەي، دۇنيادىكى پۈتۈن مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنى خەلقئارا تېررورچى، يامان كىشىلەر، دەپ كۆرسەتمەكچى بولغان بىر ئويۇن.

تايلاندتىكى يەرلىك ھۆكۈمەت ۋاقىتنى ئۆتكۈزمەي دەرھال خىتاي ئەلچىخانىسىدىن تەكلىپ قىلغان ئىككى تەرجىماننى رەت قىلىشى كېرەك.»

ئابدۇقادىر تۈمتۈرك يەنە، ئەگەر تايلاند ھۆكۈمىتىگە تەرجىمان كېرەك بولسا، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بىۋاسىتە ياكى ب د ت ئارقىلىق بىتەرەپ تەرجىمانلارنى تېپىپ بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئابدۇقادىر تۈمتۈرك: «تايلاند ھۆكۈمىتى بۇ ئىككى بالىنىڭ مەزلۇملىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، خىتاي ئەلچىخانىسىدىن كەلگەن مەقسەتلىك، ۋەزىپىلىك، ھېچبىر ئىنسان، ھېچبىر ئۇيغۇر تەشكىلاتى، ھەتتا خەلقئارا سوتتىمۇ قوبۇل قىلىنمايدىغان ھالەتتە ‹جىگەرنى مۈشۈكنىڭ ئالدىغا قويۇپ بەرمەسلىكى› كېرەك. چۈنكى، بۇ ئويۇن ئەمەس، ئىنسان ھاياتى. بۇ ئىككىيلەننى ئېلىپ كەتسە نېمە بولىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن، 60-65 كە يېتىپ قالغان نۇرغۇن تۈرمىلەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۈمىدى تۆۋەنلەيدۇ. خىتاي بۇرۇنقىغا ئوخشاش مەھكۇملارنى تۇتۇپ قوغدايدىغان ئادەملەرنى يەنە پۇلغا سېتىۋېلىپ، ئويۇن قىلىپ، ئۇلار تۇرغان زىندانغا قاراڭغۇدا بېسىپ كىرىپ، دەپسەندە، ھاقارەت قىلىپ، يەنە بۇلارغا زەخمە بېرىشى مۇمكىن. شۇڭا، خىتاي ئەلچىخانىسىدىن كەلگەن تەرجىماننى بىز ئېتىراپ قىلمايمىز. بولسا، بىز، ب د ت ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار بولۇپ ئۆزىمىز ماقۇل كۆرگەن 2-3 تەرجىماننى تاللايمىز، دېسە، مانا بۇنىڭغا بىز تەشنا. مانا بۇنىڭغا بىز لىللا سۆزلەپ، ھەم ئۇياقتىكى ئىشنىڭ ھېكايىسىنى، ھەم ئۇ بالىلارنىڭ بايانلىرىنى سوتقا ئوچۇق-ئاشكارا بايان قىلالايمىز» دېدى.

مىرئەلى يۈسۈپ بىلەن بىلال مۇھەممەت قوراللىق ھۇجۇم قىلىش، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش قاتارلىق 10 خىل جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن. لېكىن، ئىككىيلەن ئېراۋان بۇتخانىسىدىكى پارتلاش بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى رەت قىلىپ، ئىلگىرىكى ئىقرارلىرىنىڭ ئېغىر قىيىن-قىستاق ئاستىدا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.