2016‏-يىلى سىچۈەندە ئاز دېگەندە 3 ئۇيغۇر «تور تېررورلۇقى» بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.12.22
terror-qarshi-maniwer-beyjing.jpg ئۇيغۇر رايونىدا ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن ھۇجۇم ۋە قارشىلىقلار تۈپەيلى، ئېلىپ بېرىلغان خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ تېررورغا قارشى مانېۋىرى. 2014-يىلى 8-ماي، بېيجىڭ.
AFP

خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى يېقىندا 2016‏-يىل ئىچىدە پاش قىلىنغان «تېررورلۇققا» ئائىت 9 تىپىك دېلونى ئېلان قىلغان. بۇ 9 دېلونىڭ يەتتىسى تور تېررورلۇقىغا ئالاقىدار بولۇپ، ئۇلاردىن 3 كىشىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىش مۈشكۈل ئەمەس.

خىتاي ھۆكۈمىتى ياكى خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە، بۇ ئۈچەيلەننىڭ تولۇق ئىسمى، سالاھىيىتى، كىملىكى، سىچۈەنگە كېلىشتىكى مەقسىتى، كەسپىي ۋە باشقا جەھەتتىكى ئەھۋاللىرىغا دائىر ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن.
ئۇلارنىڭ كىملىكىگە دائىر بىردىن -بىر يىپ ئۇچى ئۇلارنىڭ «شىنجاڭلىق» ئىكەنلىكى ۋە ئىسمىنىڭ باش ھەرىپنىڭ خىتايچىدىكى ئۇيغۇر ئىسىملىرىغا خاس تەلەپپۇزىدۇر. خىتاي «جۇڭگو خەۋەرلەر تورى»نىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ ئۈچەيلەن، 2016‏-يىلى 2‏-ئايدا سىچۈەننىڭ لياڭشەن ۋە گۇاڭيۈەن شەھەرلىرىدە قولغا ئېلىنغان.

بىز سىچۈەننىڭ گۇاڭيۈەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىگە تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، لېكىن كەچلىك نۆۋەتچىلەر ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلدى. بىر كەچلىك نۆۋەتچى خادىم، قايسى ئايدىكى «تور تېررورلۇقى» غا ئائىت ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئەھۋالىنى سوراۋاتقانلىقىمىزنى سورىدى.

ساقچى خادىمى مۇنداق دېدى: «ۋەي! شۇنداق، بۇ گۇاڭيۈەن ساقچى ئىدارىسى. سىز قايسى ئورۇندىن. سىز بۇ ئىشنى ئەتە كۈندۈزى تېلېفون قىلىپ سورىسىڭىز بولامدۇ. بۇ سانلىق ئۇچۇرلارغا كۈندۈزى تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ.بۇنى كۈندۈزى سوراڭ بولامدۇ، بىز بۇنى ھازىر بىلمەيمىز. مەندە ھازىر ئۇچۇرلار يوق، بۇنى كۈندۈزى سوراڭ. سىز )شىنجاڭلىقلار(نىڭ قايسى ئايدىكىسىنى سوراۋاتىسىز. سىز نىمىنى سورىماقچى. سىز سورىغان بۇ ئىشلارنى ساقچى پونكىتى بىر تەرەپ قىلىدۇ. بىز بىلمەيمىز. ئۆز ۋاقتىدا قايسى ساقچى پونكىتىغا دېلو مەلۇم قىلىنغان بولسا، شۇ ساقچى پونكىتى بىر تەرەپ قىلىدۇ.»

خىتاي«جۇڭگو خەۋەرلەر تورى»نىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۈچەيلەننىڭ بىرى تېررورلۇققا ئائىت بىر سىن كۆرۈنۈشىنى باشقىلارغا يوللىغانلىقى سەۋەبلىك قولغا ئېلىنغان. قالغان ئىككىيلەن ئاكا-ئۇكا بولۇپ، تېررورلۇققا دائىر باشقا بىر سىن كۆرۈنۈشىنى چۈشۈرگەنلىكى، كۆرگەنلىكى ۋە باشقىلار بىلەن شېرىكلەشكەنلىكى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغان.

خىتاينىڭ ئانتى-تېرورلۇق قانۇنى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن. ئامېرىكىدا ئولتۇرۇشلۇق تور ئەركىنلىك پائالىيەتچىسى لى خوڭكۇان ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ قانۇن ناھايىتى مۈجمەل ۋە ئىلاستىكىلىق بولۇپ، بۇ ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ ئۇنى سۈيىىستىمال قىلىشىغا يول ئاچىدىكەن.

لى خوڭكۇەن مۇنداق دەيدۇ: خىتياي ھۆكۈمىتى 60 نەچچە يىلدىن بېرى (سۆز ئەركىنلىكىگە) ناھايىتى قوپال توسقۇنلۇق قىلىپ كەلدى. سەددىچىن توسمىسى بۇنىڭ تىپىك مىسالى. سەددىچىن توسمىسى ئاساسى قانۇنغا خىلاپ. بىراق سىز بۇنى قانداق سۈرۈشتۈرىسىز. چۈنكى، خىتايدا بۇنى سۈرۈشتۈرىدىغان مۇستەقىل مېخانىزم يوق. ھېچقانداق بىر سوت سەددىچىن توسمىسىنى بىكار قىلالمايدۇ. بۇ ئەھۋالدا سىز تېررورلۇقنى تەشۋىق قىلمىسىڭىزمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرقانداق باھانە سەۋەبنى كۆرسىتىپ، ئۆز ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەملەرنى، خۇسۇسەن ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇققا باغلاپ جازالىيالايدۇ.‏»

لى خوڭكۇەن يەنە، نورمال تور پائالىيىتى بىلەن تور تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ پەرقلىق ئىككى خىل ئۇقۇم ئىكەنلىكىنى، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كەلگەندە بۇ ئىككى خىل ئۇقۇمنى ئارلاشتۇرىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

لى خوڭكۈەن مۇنداق دەيدۇ: «تور تېررورلۇقىنىڭ ئېنىقلىمىسى ناھايىتى قاتتىق. مەسىلەن، سىز جوڭنەنخەيگە، دۆلەت ئورگانلىرىغا ياكى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ تورىغا ھۇجۇم قىلىپ، بۇ تورنى بۇزۇۋەتتىڭىز، نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى ئوغرىلاپ كېتىپ، بۇ تورنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدىڭىز دەيلى، مانا بۇ تور تېرورلۇقى، مانا بۇ تور بۇزغۇنچىلىقىدۇر. مانا بۇنى تور تېررورلۇقى دېسە بىر گەپ. قارشى تەرەپكە ئەمىلى بۇزغۇنچىلىق كەلتۈرۈپ چىقارسا، قارشى تەرەپنىڭ نۇرغۇن مەخپىي ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلاپ كەتسە، بۇنى تور تېرورلۇقى دېسەك بولىدۇ.»

ئەمما لى خوڭكۈەننىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇق، دەۋاتقان نۇرغۇن نەرسىلەر تېررورلۇق ئەمەس. ئۇ، بۇنى خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ كۆپلەپ مۇقۇملىق پۇلى ئېلىش ئۈچۈن ئويدۇرۇپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

لى خوڭكۈەن: « ئۇنىڭ مۇقۇملىققا ئاجراتقان پۇلى ناھايىتى كۆپ. خىتاينىڭ مۇقىملىق پۇلى ئۇنىڭ ھەربىي خام چوتىدىنمۇ جىق. ساقچى ئورگانلىرى بۇ پۇلدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن شىنجاڭ مەسىلىسىنى كۆپتۈرۈپ كۆرسىتىۋاتىدۇ. قەيەردە ئۇيغۇر كۆرسە، شۇ يەردە تېررورلۇق بار، ماڭا پۇل كېرەك، دەۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ تېررورلۇق ئەمەسلىكىنى ئۇلارمۇ بىلىدۇ. ئۇلار ئۇيغۇرلارغا ئۇۋال قىلىۋاتىدۇ»دەپ كۆرسەتتى.

سىچۈەن ئۆلكىلىك ج خ نازارىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر ئۆلكىدە بۇ يىل پاش قىلىنغان 9 تېررورلۇق دېلوسى ئىچىدىكى 7 تىپىك تور تېررورلۇق دىلوسىنىڭ قالغان 5 ئى، خىتاي پۇقرالىرىغا چېتىشلىقكەن.

«جۇڭگو خەۋەرلەر تورىنىڭ ئۇچۇرىدا، تور تېررورلۇقىغا ئائىت بۇ 5 دېلونىڭ ئوخشاشلا چەتئەل تېررورلۇق سىن كۆرۈنۈشلىرىنى، ھۆججەت، ماتېرىياللىرىنى چۈشۈرۈش، تارقىتىش، كۆرۈشكە دائىر ۋەقەلەر رىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىققا تارتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.