پەرھات غوپۇر: ئۆزۈمنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۇتقۇن قىلىنغىنىمغىمۇ تېخى جاۋاب ئالالمىدىم

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019.03.04
Perhat-ghopur-turkiye-tutqun.jpg كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن قويۇپ بېرىلگەن پەرھات غوپۇر ئەپەندى. 2019-يىلى مارت، تۈركىيە.
Perhat Ghopur teminligen

ۇيغۇرلارنىڭ بىگۇناھ لاگېرلارغا قامىلىشىغا ئىككى يىلدىن بۇيان سۈكۈتتە تۇرغان تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە ئارقا-ئارقىدىن 3 قېتىم كەسكىن ئىپادە بىلدۈرۈپ خىتاينى ئەيىبلىشى ئۇيغۇرلاردا قايتا ئۈمىد پەيدا قىلماقتا.

دەل مۇشۇ مەزگىلدە يەنە تۈركىيەدە ھەر تۈرلۈك گۇمانلار بىلەن تۇتقۇنغا ئۇچرىغان بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشكە باشلىغانلىقى مەلۇم. 2017‏-يىلىنىڭ يېڭى يىل كېچىسى يۈز بەرگەن «رېينا تېررورلۇق ۋەقەسى» گە چېتىشلىق دېگەن گۇمان بىلەن قولغا ئېلىنغان 19 كىشى يېقىندا قويۇپ بېرىلگەن ئىدى. مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ ئىگىلىشىگە قارىغاندا، ئىستانبۇلدا 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى تېررور گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان پەرھاتجان غوپۇرمۇ-1 مارت كۈنى قويۇپ بېرىلىپ، ئائىلىسى بىلەن جەم بولغان.

يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدە يۈز بەرگەن «تېررورلۇق ۋەقەلىرى» ۋە ياكى سۈرىيەدىكى «دائىېشقا چېتىشلىق» دېگەن گۇمان بىلەن قولغا ئېلىنىش ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىيىشى، تۈركىيەنى ئەزەلدىن ئۆزلىرىنىڭ «ئىككىنچى دۆلىتى، بىخەتەر ماكان» دەپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردا بەلگىلىك ئەندىشە ۋە خاتىرجەمسىزلىك پەيدا قىلماقتا.

ئۇيغۇرلار ئېلىدە يۈز بەرگەن مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە ساياھەتكە بېرىشىمۇ گۇناھ ھېسابلىنىپ، ئەنە شۇ سەۋەبلەر بىلەنمۇ كۆپ ساندا ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا سولانغانلىقى ئاشكارىلانغان بىر مەزگىلدە، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدىمۇ ھېلىھەم ھەر تۈرلۈك گۇمانلار بىلەن تۇتۇلۇشى ئۇلارنى بىئارام قىلىپ كەلمەكتە ئىدى.

بۇ ھەقتە بىز ئىلگىرى، تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرى سافاكوي رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق 38 ياشلىق ئۇيغۇر پەرھاتجان غوپۇرنىڭ، بۇلتۇر 26-دېكابىر كۈنى ئىستانبۇلدا تېررورلۇق گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ، كېيىن چاناققەلئەدىكى چېگرادىن ھەيدەپ چىقىرىلىدىغان كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا يۆتكەلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدۇق. پەرھاتجان غوپۇرنىڭ ئايالى سانىيە ئېرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ۋە خىتايغا قايتۇرماسلىقى ھەققىدە ئىككى تۈرلۈك ئەرز سۇنغان ئىدى. دەسلەپتە ئۇنىڭ ئادۋوكاتى ئارقىلىق، تۈركىيە ئاساسى قانۇن مەھكىمىسىنىڭ 10-يانۋار كۈنى پەرھاتجاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيەتتە خىتايغا قايتۇرۇلغان تەقدىردە ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرايدىغانلىقى ۋە ئائىلىسىگە ئېلىپ كېلىدىغان زەربىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، ھازىرچە ئۇنى خىتايغا قايتۇرۇلماسلىق قارارى ئالغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

سانىيە خانىم بۈگۈن رادىيومىز بىلەن ئالاقىلىشىپ، بىگۇناھ ئېرىنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشى ھەققىدىكى ئەرزىنىڭمۇ قوبۇل بولۇپ ئېرى پەرھاتجاننىڭ ئۆتكەن جۈمە كۈنى، يەنى-1 مارت ئۆيگە ساق سالامەت قايتىپ، بالىلىرىنى قۇچاققا ئالغانلىقىنى ھاياجان بىلەن يەتكۈزدى.

مەلۇم بولۇشىچە، سانىيەنىڭ ئادۋوكاتى مەلەك خانىم تەمىنلىگەن ئىستانبۇل 2-سۈلىھ جازا مەھكىمىسىنىڭ 28-فېۋرالدىكى سوت ھۆكۈمنامىسىدە ئېيتىلغان «تېررورلۇق گۇمانى بىلەن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان پەرھاتجاننىڭ ئېنىق ئادرېسى بولغان شارائىتتا، ئۇنىڭ داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلۇشىنىڭ ھاجىتى يوق» دېگەندەكلەر كۆزدە تۇتۇلۇپ قويۇپ بېرىلىش قارا قىلىنغانكەن.

پەرھاتجاننىڭ ئادۋوكاتى مەلەك خانىم 9-يانۋار، تۈركىيە ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىگە پەرھاتجاننىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقى ۋە دەرھال قويۇپ بېرىلىشى ھەققىدىكى ئىككىنچى ئەرزىنى سۇنغان. 10-يانۋارغىچە پەرھاتجاننىڭ خىتايغا قايتۇرۇلمايدىغانلىقى ھەققىدە قارار چىققان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ھەققىدىكى تەلەپ رەت قىلىنغان ۋە قانۇن بويىچە تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىنغانغا قەدەر پەرھاتجاننىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇشى مۇۋاپىق كۆرۈلگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پەرھاتجاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئايالى سانىيەنىڭ ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىدىن باشقا يەنە پەرھاتجان ئۆزىمۇ ئۆزىنىڭ بىگۇناھ ھالدا پەقەت گۇمان بىلەن تۇتقۇن قىلىنىشىغا قارشى ئىزچىل نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۆز مەسىلىسىنىڭ تېز ئېنىقلاپ بىر تەرەپ قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ چاناققەلئەدىكى كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا ئۆزىگە ئوخشاش نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن شىكايەت قىلىنىپ تۇيۇقسىز تۇتقۇنغا ئۇچرىغان يەنە 3 ئۇيغۇر بىلەن بىللە تۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

تېررورلۇق گۇمانى بىلەن تۇيۇقسىز ئايالى ۋە 2 بالىسى ئالدىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن پەرھاتجان، گەرچە ئۆزىنىڭ 50 كۈندەك قامالغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلىپ ئۆيىگە سالامەت قايتقان بولسىمۇ، بىراق بۇ جەرياندا ئائىلىسى نۇرغۇن قۇربانلارنى بەرگەنلىكى، ھېچقانداق بىر جىنايەت ئۆتكۈزمەي، تۈركىيە جەمئىيىتىگە قىلچە تەھدىت ياكى زىيان ئېلىپ كەلمىگەن ئۆزىگە ئوخشاش ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنداق مۇئامىلىگە ئۇچرىشىنىڭ ئادالەتسىزلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەيلى چاناققەلئەدىكى قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى بولسۇن ياكى ئۇنى دەسلەپ تۇتقان ساقچى ئورۇنلىرى بولسۇن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنىڭ زادى قانداق شىكايەت ياكى پاكىتقا ئاساسەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئېيتىپ بەرمىگەن. ئۇ، ئۆزىگە ئوخشاش گۇماندارلارغا «G 87» دېگەن بەلگە قويۇلىدىغانلىقىنى بىلگەن. ئۇ ئۆزىگە ئوخشاش گۇمان بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلاردىن خىتايغا قايتۇرۇلغانلارنى ئاڭلاپ باقمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل بەلگە ئۇلارنىڭ ئۆز ئىشلىرىنى بېجىرىشىدا بەلگىلىك توسالغۇلارنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەمەلىيەتتە، پەرھاتجاننىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۇنىڭ پۈتۈنلەي گۇناھسىز دەپ ئاقلانغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىكەن، دېلو ئېنىقلاش ۋە تەكشۈرۈش داۋامىدا ئۇنىڭ يەنە ئاۋارىچىلىكلەرگە يولۇقىدىغانلىقى ئېھتىمالىمۇ يوق ئەمەس ئىكەن.

پەرھاتجان، گەرچە جىددىي ھالەت يۈرگۈزۈلۈۋاتقان تۈركىيەدە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداش ئۈچۈن كۆچمەنلەرنى تەكشۈرۈشلەر داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەگەر ئۇيغۇرلار ھېچقانداق قانۇنسىز ھەرىكەتلەرگە قاتناشمىغان ھالدا تۇتقۇنغا ئۇچرىسا، ئۆزلىرىنىڭ قانۇنى ھوقۇقلىرىنى قوغدىشى ھەقلىق دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇيۇقسىز ۋە سەۋەبسىز تۇتقۇنغا ئۇچرىغان ئەھۋالدا، قەتئىي جىددىيلەشمەسلىكى ۋە ئالدىغا ئېلىپ كېلىنگەن ھەر قانداق ھۆججەتكە چۈشەنمەي تۇتۇپ ئالدىراپ قول قويماسلىقى، ئەڭ ئالدى بىلەن ئادۋوكات تۇتۇپ قانۇنىي يوللار ئارقىلىق ئۆزىنى ئاقلاشقا تىرىشىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

پەرھاتجان ۋە ئۇنىڭ ئايالى سانىيە ئىككىلىسى ئىلگىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن ئالىي مەلۇماتلىق ئۇيغۇرلار بولۇپ، ئۇلار ھېچقاچان تۈركىيە قانۇنىغا خىلاپ ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ باقمىغان ئىكەن. ئىستانبۇلدا بەختلىك ئائىلە قۇرۇپ، 4 ياش ۋە 2 يېرىم ياشلىق ئىككى بالىسى بىلەن خاتىرجەم ياشاۋاتقان پەرھاتجاننىڭ ھاياتى «تېررورلۇق گۇمانى» بىلەن بىر كېچىدە قارا باسقاندەك ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىلگەن. گەرچە پەرھاتجان كېپىللىككە قويۇپ بېرىلىپ ئائىلىسىگە قايتقان بولسىمۇ، لېكىن تۈركىيەدە يەنە قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ ئەنە شۇنداق گۇمانلار بىلەن ھېلىھەم تۇتقۇندا ئىكەنلىكى نامەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.