شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دىلمۇرات غوپۇر ۋە ئۇنىڭ تۇغقانلىرى تۇتقۇن قىلىنغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018.10.11
Dilmurat-Ghopur.jpg شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دىلمۇرات غوپۇر ئەپەندى.
RFA/Erkin Tarim

2017-يىلى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى تاشپولات تېيىپ تۇتقۇن قىلىنغاندا شۇ قاتاردا مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دىلمۇرات غوپۇرمۇ تۇتۇلغان. «خىتاي ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادى تورى»نىڭ 2017-يىلى، 7-ئاپرېل كۈنىدىكى خەۋىرىدە خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دىلمۇرات غوپۇرنى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن تەكشۈرۈش ئاستىغا ئالغانلىقى ئېيتىلغان ئىدى. دىلمۇرات غوپۇرنىڭ تۈركىيەدىكى سىڭلىسى رىزۋانگۈل غوپۇرنىڭ ئېيتىشىچە ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئەھۋالى نامەلۇم ئىكەن شۇنىڭدەك ئۇنىڭ بىر تۈركۈم قېرىنداشلىرىمۇ تۇتقۇنغا ئۇچرىغان.

تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن رىزۋانگۈل غوپۇر خانىم ئۇرۇق-تۇغقانلىرى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىپ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقاتتى. ئۇ، ئاكىسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى دىلمۇرات غوپۇرنىڭ 2017-يىلى 3-ئايدا، ئىككى ئاچىسىنىڭ 2017-يىلى 6-ئايلاردا تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بالا-چاقىلىرى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات ئىگىلىيەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، گۇۋاھلىق بەرگەندە ئالدى بىلەن ئاكىسى دىلمۇرات غوپۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:

«مېنىڭ ئاكام دىلمۇرات غوپۇر، ئۇ، 1963-يىلى 1-ئايدا تۇغۇلغان. ئۇ، بۇ يىل 55 ياشقا كىردى. ئاكام شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىدى. ئۇ، 2017-يىلى 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى تاشپولات تېيىپ تۇتقۇن قىلىنغاندا تۇتۇلۇپتۇ. مەن ئاكامنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى 2017-يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ئۈندىداردا تارقىتىلغان بىر خەۋەردىن بىلگەن ئىدىم. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە ئاكام ئىنتىزامغا قاتتىق خىلاپلىق قىلدى دەپ ئەيىبلىنىپتۇ».

رىزۋانگۈل غوپۇر خانىم ئۆزى ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلىنىپ، ئاكىسىنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلدى دەپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىدىغان بىر كىشى ئەمەسلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئاكام پرىنسىپچان، خىزمەتتە ئىنتايىن ئەستايىدىل، ھەققانىيەتنى ياقىلايدىغان، ھەقىقەتپەرۋەر، ئاق كۆڭۈل كىشى ئىدى. ئۇنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن. چۈنكى ئاكام بۇندىن 8 يىل بۇرۇن ئۆزىنىڭ ئوغلى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەن ۋاقىتتا. مەكتەپتە ئىشلەيدىغان بەزى كىشىلەر ئارقا ئىشىك ئارقىلىق مەكتەپكە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ يۈرگەندە، پرىنسىپقا بوي سۇنىمەن دەپ ئوغلىنى ئۇنىۋېرسىتېتقا قوبۇل قىلدۇرمىغان. ئۆزى چوڭ ئەمەل تۇتۇپ تۇرۇپ، ئەمىلىدىن پايدىلىنىپ بالىسىنى ئورۇنلاشتۇرمىغان بىر كىشى ئىدى. بۇنداق بىر كىشىنى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلدى دەپ تۇتۇپ كېتىشى بىر تۆھمەت».

تۈركىيە ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ، بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تۇتۇپ كېتىلگەن ياكى جازا لاگېرلىرىغا سولانغان. ئەمما تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۆز يېقىنلىرىنىڭ سولانغانلىقىنى بىلگەن تەقدىردىمۇ ئاشكارىلىمىغان ئىدى. ئەمما، ئۇيغۇر دىيارىدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ قاماق جازالىرىغا مەھكۇم قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر تارقىلىش بىلەن بىرگە كىشىلەر ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئاشكارىلاشقا باشلىدى. بۇلاردىن بىرى رىزۋانگۈل غوپۇردۇر. ئۇ، بۇندىن كېيىن ئاكىسىنىڭ دەۋاسىنى قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئاكامنىڭ دەۋاسىنى ئاخىرغىچە قىلىمەن. مەن بىر يېرىم يىلدىن بۇيان ئاكامنى قويۇۋېتىپ قالار دەپ سۈكۈت قىلغان ئىدىم. ئەمما ئاتالمىش شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى خالمۇرات غوپۇر بولسۇن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى تاشپولات تېيىپ بولسۇن، بۇلار ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش قارار قىلىنغاندىن كېيىن يەنە سۈكۈت قىلسام بولمايدىغانلىقىنى، ئائىلەمنىڭ بېشىغا يەنە بىر ئېغىر كۈنلەرنىڭ كېلىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلىپ گۇۋاھلىق بەردىم. مەن ئاخىرغىچە ئاكامنىڭ بۇ دەۋاسىنى قىلىمەن. ئاكام دىلمۇرات غوپۇرنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىمەن».

رىزۋانگۈل غوپۇرنىڭ ئاكىسى دىلمۇرات غوپۇردىن باشقا ئىككى ئاچىسى ۋە ئاچىسىنىڭ بىر قىزىمۇ تۇتۇپ كېتىلگەن، ئىككى ئاچىسىنىڭ كىچىك پەرزەنتلىرىنىڭ ئىز-دېرىكى يوق ئىكەن. ئۇ، بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسى ياپچان يېزىسىدا ئىككى ئاچام بار. بىرسىنىڭ ئىسمى سېلىمەگۈل، بۇ يىل 39 ياشتا، كىچىكىنىڭ ئىسمى ھېلىمەگۈل بۇ يىل 37 ياشتا. كىچىك ئاچامدىن ۋە ئۇنىڭ بالىلىرىدىن ھېچقانداق خەۋەر يوق. كىچىك ئاچامنىڭ چوڭ قىزىنىڭ ئىسمى ئارزۇگۈل ئابدۇمىجىت، ئۇ، تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇيتتى. 2017-يىلى 6-ئايدا تۇتۇپ كېتىلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىدىم. بۇ سىڭلىم بىلەن 2016-يىلى ئۈندىداردا كۆرۈشكەن، بەلكى شۇنى باھانە قىلىپ تۇتۇپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن.
بۇ سىڭلىمنىڭ ئابدۇللا ئابدۇمىجىت، پاتىمە ئابدۇمىجىت، ئابدۇزاھىر ئابدۇمىجىت ئىسىملىك ئىنە-سىڭىللىرى بار. بۇلاردىنمۇ پەقەت خەۋەر يوق. بۇلارنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلمەيمەن. ھېچقانداق ئالاقە قىلالمايۋاتىمەن. چوڭ ئاچام سەلىمەگۈل بۇلتۇر ئائىلە بويىچە تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىدىم. ئاچامنىڭ يولدىشىنىڭ ئىسمى تۇرسۇن مەخەت، بۇ يىل 42-43 ياشلاردا. چوڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى ئابدۇقادىر تۇرسۇن 23 ياشتا، ئابدۇقادىر ئۇكىمىزنىڭ 2 ياشلىق بىر ئوغلى بار، ئىسمى ئىلھام. بۇلاردىنمۇ خەۋەر يوق».

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بەزى جايلىرىدا بۇرۇنمۇ «ئوچۇق تەربىيەلەش» نامىدا كىشىلەرنى يىغىدىغان يەرلەر بولغان ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى گۇمانلىق دەپ قارىغان كىشىلەرنى كۈندۈزلىرى بۇ يەرلەردە ئۆگىنىشكە سالغان. رىزۋانگۈل غوپۇر خانىم خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىككى ئاچىسىنى پاسپورتقا ئىلتىماس قىلدىڭ، پىلانلىق تۇغۇتقا خىلاپلىق قىلدىڭ دەپ ئىككى يىلدەك كەنت مەركىزىدە ئۆگىنىشكە چاقىرغانلىقىنى، ئۇ يەردە ئۇلارنىڭ ھاقارەتكە ئۇچرىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «ئاچام 2014-يىلى پاسپورتقا ئىلتىماس قىلغانلىقتىن ۋە كىچىك بالىسىنى ئېغىر جەرىمانە تۆلەپ تۇغقانلىقتىن ئەتىگەن كەنتكە بېرىپ ئاخشام قايتىپ كېلىپ 2 يىل تەربىيەلەنگەن. ئەتىگەندىن كەچكىچە ئۆزىنىڭ پاسپورتقا ئىلتىماس قىلغان جىنايىتى، پىلاندىن سىرت بالىلىق بولغانلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ ئەتىگەندىن كەچكىچە توۋىنامە يېزىپ توۋا قىلىپ، ئىككى يىلنى ئۆتكۈزگەن ئىكەن. 2016-يىلىدىن بۇرۇن ئوچۇق تەربىيەلىنىش ئۈچۈن كەنتكە كىرگەندە تېلېفونىنى ئېتىۋېتىپ كىرىدىكەندۇق، ئەگەر تېلېفون كېلىپ قالسا ھاقارەتكە ئۇچرايدىكەندۇق، ئەمەلىيەتتە بۇلار كىشىلەرنىڭ ئەقەللىي بىر ھەققى».

بىز شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مۇئاۋىن مۇدىرى دىلمۇرات غوپۇرنىڭ تۇتۇلۇشى، ئەھۋالى ۋە سەۋەبلىرى ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلەش مەقسىتىدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىر ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق، تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان كىشى بىزنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى مۇخبىرى ئىكەنلىكىمىزنى ئاڭلاپ، دىلمۇرات غوپۇرنىڭ ئەھۋالىغا ئائىت سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىپ، تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

مەلۇمكى، 2017-يىلى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى تاشپولات تېيىپ تۇتقۇن قىلىنغاندا شۇ قاتاردا مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دىلمۇرات غوپۇرمۇ تۇتۇلغان. «خىتاي ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادى تورى»نىڭ 2017-يىلى، 7-ئاپرېل كۈنىدىكى خەۋىرىدە خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دىلمۇرات غوپۇرنى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن تەكشۈرۈش ئاستىغا ئالغانلىقى ئېيتىلغان ئىدى. دىلمۇرات غوپۇر 1984-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ، مەكتەپتە قالغان. كېيىن بىر مەزگىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغاندىن كېيىن فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، 2006-2007-يىلى فىزىكا-تېخنىكا ئىنستىتۇتى پارتىيە گۇرۇپپىسى سېكرېتارى بولغان. 2015-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. ئۇ، ئىلگىرى بىر يىل ياپونىيەدە بىلىم ئاشۇرغان ئىكەن. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بۇرۇن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىشلىگەن بىر كىشىنىڭ ئېيتىشىچە دىلمۇرات غوپۇر 1996-يىلى كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بولغان. ئۇ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر كىشى ئىكەن.

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ھازىرغىچە كۆپ ساندا ئۇيغۇر زىيالىيسى تۇتقۇن قىلىنغان. ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل باھانىلەر بىلەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى تۇتقۇن قىلىشىدىكى سەۋەب ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، مىللىي كىملىكى ۋە مائارىپىغا نىسبەتەن ئېغىر زەربە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.