خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 29-ئىيۇل كۈنى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى»نى ماقۇللىغانلىقى خەۋەر قىلىندى. چەتئەللەردىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن نيۇيورك شەھىرىدىكى پروفېسسور شىيا مىڭ ئەپەندى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىلەر ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ «غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە تېررورلۇققا قارشى كەيپىيات كۈچەيگەن بىر مەزگىلىدە، خىتايدا 2016-يىل يېڭى يىل ھارپىسىدا ماقۇللىنىپ بولغان «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»نىڭ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەمەلىي ئىجرا لايىھەسىنىڭ ئېلان قىلىنىشى ، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى تېررورلۇق قالپىقى بىلەن باستۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىق» دەپ تەكىتلىدى.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن جۇڭگو خەۋەرلەر تورى، شىنجاڭ خەۋەرلىرى ۋە تەڭرىتاغ تورىنىڭ 29-30-ئىيۇلدىكى ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە ،«تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى»نىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ئومۇمىي يىغىندا ماقۇللانغانلىقى ئېلان قىلىنغان.
تەڭرى تاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەزكۇر قانۇن چارىسىنى قوبۇل قىلىش مۇزاكىرە يىغىندا قۇرۇلتاينىڭ مەلۇم بىر ۋەكىلى سۆز قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئومۇمىي يۈزلۈكى ھالدا مەزكۇر قانۇن چارىسىنىڭ تەييارلىنىش جەريانىدا دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى ۋە ھەر تەرەپنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلغانلىقى، ئۇنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ تېررورچىلىققا قارشى ۋە مۇقىملىق خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىر قەدەر ياخشى بىرلەشتۈرۈلگەنلىكى ھەم ئۇيغۇر رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى تېررورلۇققا قارشى خىزمەتلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كەلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر «قانۇن چارىسى» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، دائىرىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن مەزكۇر قارار لايىھەسىنى خەلقئارادا تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا قارىتا ئەيىبلەش كەيپىياتى كۈچەيگەن مەزگىلدە ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باشتۇرۇش سىياسىتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىشى دىققەت قوزغىدى.
ئامېرىكىدىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن نيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى دوكتور شىيا مىڭ ئەپەندى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىلەر بۇ ھەقتە ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
شىيا مىڭ ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىدا مەزكۇر قانۇننىڭ ئىجرا لايىھەسىنى ئېلان قىلىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ،«بۇ يىل يېڭى يىل ھارپىسىدا خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى ئېلان قىلغاندىلا ، خەلقئارادا بۇ قانۇن خىتايدىكى غەرب كارخانىلىرىنىڭ تېخنىكا ۋە سودا مەخپىيەتلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىدۇ دەپ تەنقىدلەنگەن ئىدى. مەزكۇر قانۇننىڭ ئىجرا لايىھەسىنىڭ ئۇيغۇر رايونى دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقى سەۋەبىدىن قوزغالغان ھەرقانداق قارشىلىقىنى تېررورلۇق قالپىقى بىلەن باستۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقىنىڭ بېشارىتى دېيىشكە بولىدۇ» دېدى.
شىيا مىڭ ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل يېڭى يىل ھارپىسىدا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» قانۇنىنى ئېلان قىلغاندىلا چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە بەزى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:«مەزكۇر قانۇننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقى خەلقئارادا تەكىتلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. خەلقئارادا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى نىشان قىلغان مەزكۇر قانۇن لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھەتتا پۈتۈنلەي بىكار قىلىش تەلەپ قىلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت نامىدا مەزكۇر قانۇننىڭ ئەمەلىي ئىجرا لايىھەسىنىڭ ئېلان قىلىنىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەرب دۆلەتلىرىدە يېقىندىن بۇيان كۆپىيىۋاتقان تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ۋە بۇنىڭغا بولغان نارازىلىق كەيپىياتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىگە بولغان ھەرقانداق نارازىلىق ھەرىكىتى، ھەتتا ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىگە نىسبەتەن نارازىلىق پىكىر ئېقىملىرىنىمۇ تېررور كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈپ باستۇرۇشنى قانۇنلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.»
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى قاراردىن ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى»دىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ كونكرېت مەزمۇنلىرى ھازىرچە خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەرنىڭ خىتايدا بۇلتۇر 12-ئاينىڭ ئاخىرى ماقۇللانغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئەمەلىي ئىجرا قىلىش لايىھەسىنى ئېلان قىلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقى سەۋەبىدىن قوزغالغان قارشىلىق ھەرىكەتلەردىن باشقا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي سىياسىتىگە بولغان نارازىلىق پىكىر ئېقىمى، ھەتتا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مۇسۇلمان تائىپىسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىنىمۇ دىنىي ئەسەبىيلىك، تېررورلۇق ئىدىيىلىرى دېگەندەك يوغان قالپاقلارنى كىيدۈرۈپ ، ئۇيغۇرلارنى نىشانلىق باستۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئېلشات ئەپەندى يەنە، نۆۋەتتە خىتايدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا كەمسىتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، بىرنەچچە كۈندىن بۇيان ئۈندىدار، فېيسبوك، تۋىتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان «خاڭجۇدا 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلىش ھارپىسىدا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنىپ، مەزكۇر ئېلاندا خىتاي پۇقرالىرىدىن ئۇيغۇرلارنى كۆرگەن ھامان ساقچى ئورۇنلىرىغا خەۋەر قىلسا، شۇ كىشىنىڭ ئۇيغۇرلۇقى دەلىللەنسە پاش قىلغۇچىغا 500 سوم مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقى» ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشنى نەقىل ئېلىپ، مەزكۇر ئۇقتۇرۇش مەزمۇنىنىڭ 30-40-يىللاردىكى گېتلېر گېرمانىيەسىنىڭ يەھۇدىلارغا قاراتقان ئىرقىي كەمسىتىش ۋە باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەسلىتىدىغابنلىقىنى بىلدۈردى.
ئېلشات ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئىلگىرى «مىللىي بۆلگۈنچى»، «ئۈچ خىل كۈچلەر» قاتارلىق قالپاقلارنى كىيدۈرۈپ باستۇرۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىق پىكىر ئېقىمىنى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئاتالمىش«تېررورلۇق» قالپىقى بىلەن باستۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشلىرى غەرب دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن «تېررور باھانىسىدە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش» دەپ تەنقىدلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىم خەلقئارادىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرى كۆپەيگەن ۋە تېررورلۇققا قارشى كەيپىيات كۈچەيگەن مەزگىلدە ئېلان قىلغان ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى»نى ئۇيغۇر دىيارى ھۆكۈمىتى نامىدا ئېلان قىلىشىنىڭمۇ ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
زىيارىتىمىز ئاخىرىدا ئېلشات ئەپەندى يەنە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى غەرب دۇنياسىغا ئېچىپ بېرىشىنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە جىددىي قارىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.