قاراقۇرۇم بۈركۈتى: نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ھاياتى (25)

0:00 / 0:00

يىگىرمە بەشىنچى قىسىم: «مېنى بېيجىڭدا سەيپىدىن ئەزىزى تۇتقۇزۇۋەتتى»

1965-يىلىنىڭ باشلىرىدا نىزامىدىن ھۈسەيىن خىتاينىڭ شەرقىي-شىمال ئۆلكىلىرىگە قېچىپ بېرىپ، خاربىندىكى بىر كالا فېرمىسىغا يەرلىشىدۇ. ھالبۇكى، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن خاربىنغا ئېكسكۇرسىيە ئۈچۈن بارغان بىر ئۆمەك تەرىپىدىن بايقىلىپ قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ بالا-چاقىلىرىنى ئېلىپ خىتاي چېگراسىدىن ئۆتۈپ، سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ يىراق شەرق ئۆلكىلىرىگە چىقىپ كەتمەكچى بولىدۇ. ئەمما خىتاي چېگرا پونكىتىدا يەنە تۇتۇلۇپ، ئائىلىسى بويىچە بېيجىڭغا يالاپ ئېلىپ بېرىلىدۇ.

بۇ جەرياندىكى ۋەقەلەرنى كىچىكىدە ئاتا-ئانىسىنىڭ ئېغىزىدىن كۆپ قېتىم ئاڭلىغان جۈرئەت نىزامىدىن پۈتۈن ئائىلىسىدىكى ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل بالىلارنىڭ بۇ قىسمەتلەرنى تەڭ كۆرۈپ چوڭ بولغانلىقىنى، ئۆزىنىڭمۇ شۇ يىللىرى ئەمدىلا 2 ياشقا كىرگەن قۇچاقتىكى بىر بوۋاق ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىنىڭ قېشىدا بولغان شاگىرتلىرىدىن ئىزچى ھەبىبۇللا خالىق نۆۋەتتە گېرمانىيەدە پاناھلانماقتا. ئۇ ئاشۇ يىللاردا نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلىغان قاچقۇنلۇق ھېكايىلىرى ئىچىدە ئۇلارنىڭ بېيجىڭدىكى كەچمىشلىرى بايان قىلىنغان دېتاللارنىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە مىقتەك تۇرغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىنىڭ شۇ قېتىم بېيجىڭدىكى «شىنجاڭ ئىش بېجىرىش باشقارمىسى» دا تۇتقۇن قىلىنىشىدا سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ بىۋاسىتە قولى بار ئىكەن.

مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى ئاشۇ مۇدھىش زاماندا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان قاچقۇنلۇق ۋە رىيازەتلىرى ھەققىدە ئۆز ئەسلىمىسىدە زادى نېمە دەيدۇ؟

جۈرئەت نىزامىدىن ئۇزۇندىن بۇيان ئۆز قېشىدا ساقلاپ كەلگەن دادىسىنىڭ تۈرمە خاتىرىلىرىنى بەتمۇ-بەت ۋاراقلاپ، دادىسىنىڭ بېيجىڭدا تۇتقۇن قىلىنىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى جەريانلارنى ئوقۇپ ئۆتتى. خاتىرىدە يېزىلىشىچە، نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ بېيجىڭدا تۇتۇلۇپ قېلىشىغا ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى سەيپىدىن ئەزىزى بىلەن بېيجىڭدىكى «شىنجاڭ ئىش بېجىرىش باشقارمىسى» ئۇچرىشىپ قېلىشى پىلتا بولغان ئىكەن.

نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ئەسلىمىسىدە بايان قىلىنىشىچە، 1965-يىلى 2-ئايدا سەيپىدىن ئەزىزى خىتاي ئۆلكىلىرىدە قېچىپ يۈرۈپ جان ساقلاۋاتقان نىزامىدىن ھۈسەيىننى بېيجىڭدا تاسادىپىي ئۇچرىتىپ قالىدۇ ۋە قاتتىق چېچىلىدۇ. ئۇ نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ دېلوسىغا قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى كەسكىنلىك بىلەن رەت قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: «سەندەك تۈزۈلمەس ئەشەددىي يەرلىك مىللەتچىنى پارتىيە-ھۆكۈمىتىمىز تۇرماق، ھەتتا ياراتقان خۇدايىڭلارمۇ كەچۈرمەيدۇ!»

سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ساقچى چاقىرتىشى بىلەن بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىدىن ئەۋەتىلگەن 3 لاتا پىكاپ بېيجىڭدىكى شىنجاڭ ئىش بېجىرىش باشقارمىسىغا دەرھال يېتىپ كېلىدۇ. نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ خانىمى قۇچىقىدىكى ئىككى ياشلىق جۈرئەتنى يولدىشىنىڭ قۇچىقىغا تاشلاپ بېرىپ، «ئەگەر بىزنى ئايرىۋېتىپ يولدىشىمنى ئېلىپ كېتىدىغان بولساڭلار، پىكاپنىڭ ئاستىغا ئۆزۈمنى تاشلاپ ئۆلۈۋالىمەن» دەپ يىغا-زارە قىلىدۇ. 5 بالا تەرەپ-تەرەپتىن يىغلاپ ئەتراپنى بېشىغا كىيىدۇ. نىزامىدىن ئەپەندىنى ئايرىپ ئالالمىغان ساقچىلار، ئۇلارنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىنى 3 پىكاپقا سېلىپ بىللە ئېلىپ مېڭىشقا مەجبۇر بولىدۇ.

نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ تۈرمىدە يېزىپ قالدۇرغان ئەسلىمىسىدە ئاشۇ قېتىمقى بېيجىڭدا تۇتقۇن قىلىنىش جەريانى ھەققىدىكى ۋەقەلەرنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: «ئۇلار مېنى بېيجىڭدىكى شىنجاڭ ئىش بېجىرىش باشقارمىسىدا قولغا ئالدى. ساقچىلار ئەر-ئايال ئىككىمىز ۋە چۆچۈرىدەك 5 بالىمىزنى 3 لاتا پىكاپقا سېلىپ، بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ 13-باشقارمىسى بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان لۇگوچياۋ تۈرمىسىگە ئېلىپ بېرىشتى. شۇنداق قىلىپ، سەيپىدىن ئەپەندى مېنى بېيجىڭدا تۇتقۇزۇۋەتتى…»

1980-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن 1990-يىللارنىڭ باشلىرىغىچە مەرھۇم نىزامىدىن ئەپەندى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئۇنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان دولقۇن ئەيسا ئۇستازى نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ 20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدا كەم تېپىلىدىغان بىر ئۈلگە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ 20 يىللىق تۈرمە ھاياتىدا 11 قېتىمدەك تۈرمىدىن قاچقانلىقىنى ۋە ھېچقاچان خىتاينىڭ رېجىمىغا بوي بەرمىگەن بىر كىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

(داۋامى بار)