خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە «قىشلىق ئوپېراتسىيە» ھەرىكىتى باشلاپ، چاغان ھارپىسىدىكى بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلماقچى بولغان
2025.01.08
خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى 2025-يىلىنىڭ كىرىشى ۋە خىتاينىڭ 29-يانۋار يېتىپ كېلىدىغان چاغان بايرىمى يېقىنلاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، پۈتكۈل رايون مىقياسىدا بىردەك «قىشلىق ئوپېراتسىيە» ھەرىكىتى باشلاپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلماقچى بولغان.
يېڭى يىلنىڭ كىرىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قومۇل، غۇلجا، يەركەن، ئالتاي، چەرچەن، مەكىت قاتارلىق ناھىيە-شەھەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن جايلىرىدا، ج خ تارماقلىرىنىڭ «قىشلىق ئوپېراتسىيە» سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغان. رايوندىكى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، «قىشلىق ئوپېراتسىيە» ھەرىكىتى رايوندىكى «بىخەتەرلىكى مۇرەككەپ جايلار» نى قارىتا باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنى، شۇنىڭدەك «زوراۋانلىق-تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى» گە قاتتىق زەربە بېرىشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشتەك مەخسۇس ھەرىكەتلەرنى ئۆز ئۆز ئىچىگە ئېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يوشۇرۇن خەۋپ ئامىللىرىنى ئالدىنئالا بايقاش ۋە ئۇنى بىخ ھالىتىدە بىر تەرەپ قىلىش، رايوننىڭ يېڭى يىل ۋە چاغان مەزگىلىدىكى مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىنماقتا ئىكەن.
قۇمۇل شەھەر ئېۋىرغول رايونلۇق ج خ ئىدارىسىنىڭ 4-يانۋار ئېلىپ بارغان سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا، «قىشلىق ئوپېراتسىيە» نىڭ «بىخەتەرلىكى مۇرەككەپ رايونلار» غا قارىتا «مەركەزلەشتۈرۈپ بىر تۇتاش تازىلاش ۋە تۈزەش» ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ھالبۇكى، مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئانالىزچىلار، ئۇيغۇر ئېلىدىكى «قىشلىق ئوپېراتسىيە» خىتاينىڭ مەملىكەت خاراكتېرلىك «قىشلىق ئوپېراتسىيە» ھەرىكىتىنىڭ بىر پارچىسى بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر رايونىدىكى «قىشلىق ئوپېراتسىيە» نىڭ خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىن پەرقلىق خاراكتېرلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلماقتا.
ئۇلارنىڭ قارىشىچە، «قىشلىق ئوپېراتسىيە» نىڭ رايوندىكى «بىخەتەرلىكى مۇرەككەپ جايلار» غا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ياشايدىغان جايلارنى نىشان قىلىدىكەن، شۇنىڭدەك 2017-يىلدىن بېرى لاگېرلارنىڭ ۋەھىمىسى ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا بولغان بېسىمنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىدىكەن. ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقات دىرېكتورى، دوكتور ھېنرىك شاجېۋىسكى (Henryk Szadziewsk)، خىتاينىڭ مەملىكەت خاراكتېرلىك «قىشلىق ئوپېراتسىيەسى» نىڭ باشقا جايلاردا مەلۇم كونكرېت بىر توپنى نىشان قىلمىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
ھېنرىك شاجېۋىسكى مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ھەرىكەتنىڭ خىتاينىڭ باشقا ئۆلكە ۋە رايونلاردىكى ھەرىكەت بىلەن بولغان پەرقىي شۇكى، بۇ شۇ رايونلاردىكى مەلۇم بىر كونكرېت ئاھالىلەر توپىنى نىشان قىلمايدۇ. ئەگەر سىز ‹تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك› دېگىنىڭىزدە، ئۇيغۇرلارنى كۆرسەتكەن بولىسىز.»
ھېنرىك شاجېۋىسكى يەنە مۇنداق دەيدۇ: «شۇڭا، (رايوندىكى) دائىرىلەر بۇ قېتىملىق قىشلىق باستۇرۇش ياكى ‹قىشلىق ئوپېراتسىيە› ھەققىدە سۆزلىگەندە، ئۇلار كونكرېت بىر توپنى كۆزدە تۇتىدۇ. بىراق بۇ خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا ئۇنداق ئەمەس. مانا بۇ مەزكۇر رايوندىكى ‹قىشلىق ئوپېراتسىيە›نىڭ باشقا ئۆلكىلەردىن پەرقلىنىدىغان ئاچقۇچلۇق نۇقتىسىدۇر».
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ج خ ئاپپاراتلىرىنىڭ «قىشلىق ئوپېراتسىيە» ھەرىكىتى، خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا ئوتتۇرىغا قويغان مەملىكەت خاراكتېرلىك «قىشلىق ئوپېراتسىيە» ھەرىكىتىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى خىتاي مەملىكەتلىك ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ ئارقىسىدىنلا رايوندىكى ھەر قايسى ج خ تارماقلىرىغا يىغىن ئېچىپ، «قىشلىق ئوپېراتسىيە» ھەرىكىتىنى باشلاشنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە، يىغىننىڭ «2024-يىلى قىش پەسلى ۋە 2025-يىللىق چاغان مەزگىلىدىكى جەمئىيەت بىخەتەرلىكىگە قەتئىي كاپالەتلىك قىلىش» نى تەلەپ قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.
بىز 8-يانۋار كۈنى قومۇل ئېۋىرغول رايونلۇق ج خ ئىدارىسىنىڭ ئىشخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇ قېتىملىق «قىشلىق ئوپېراتسىيە» ھەرىكىتىنىڭ زەربە بېرىش نىشانى ۋە كۆلىمىگە دائىر سوئاللارنى سورىغان ئىدۇق. لېكىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئىشخانا خادىمى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، سوئاللىرىمىزغا ئۇ جاۋاب بېرەلمەيدىكەن، ئۇنىڭغا پەقەت تاشقىي تەشۋىقات ئورۇنلىرىلا جاۋاب بېرەلەيدىكەن. بۇ خادىم «بۇنىڭغا مېنىڭ جاۋاب بېرىش ھوقۇقۇم يوق» دېدى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى چاقىرغان «قىشلىق ئوپېراتسىيە» نى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى، «يېڭى دەۋردىكى ‹فېڭچياۋ تەجرىبىسى›دە چىڭ تۇرۇپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ. . . ئۆز جايىدا باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى، كۆپ خىل ھەل قىلىش مېخانىزمنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق ئىچىدىكى مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ۋە ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش» نى تەلەپ قىلغان.
ھالبۇكى، «جېيمىس توۋىن فوندى» قارمىقىدىكى «خىتاي مەجمۇئاسى» نىڭ باش مۇھەررىرى، قوشۇمچە «خىتاي پىروگراممىسى» نىڭ مۇدىرى ئاران خوپې (Arran Hope )نىڭ «جېيمىس توۋىن فوندى» تورىدا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى قىشلىق ھەرىكىتى «تېخىمۇ كۆپ ئادەم كۈچىنى ھەم كۆلەملەشكەن تېخنولوگىيە كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىپ، كومپارتىيە دۆلىتى ئاپپاراتلىرىنىڭ ‹ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك باستۇرۇشى› ۋە مەسىلىلەرنى بىخ ھالىتىدە ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش» نى چىقىش قىلماقتا ئىكەن.
ئامېرىكادىكى جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، «خەلقئارا تەرەققىيات تەتقىقاتى پىروگراممىسى» نىڭ دىرېكتورى شون روبېرتس (Sean Roberts)، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا بىخەتەرلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە بىر بوشلۇق ياكى بىر مۇمكىنچىلىك قالمىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. شون روبېرتس 7-يانۋار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دىدى: «ئۇيغۇر رايونىدا ۋەزىيەتنى بۇنىڭدىنمۇ قاتتىق قىلىمەن دېيىش بەك مۈشكۈل. يەنە قانداق قوشۇمچە تەدبىرلەرنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمەن. چۈنكى، رايوندا بىخەتەرلىكنى ساقلاشنىڭ بارلىق تەدبىرلىرى ئېلىنىپ بولدى.»
شان روبېرتس، خەۋپسىزلەشتۈرۈشنىڭ بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ: «بۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ تەدبىرلەرگە يول ئېچىش-ئاچماسلىقىنى بىلمەيمەن، ئەمما بۇ رايوننىڭ خەۋپسىزلەشتۈرۈلۈشى بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق بولمايدۇ» دەيدۇ.
ھالبۇكى، يەنە بەزى ئانالىزچىلار «قىشلىق ئوپېراتسىيە» مەملىكەت خاراكتېرلىك ھەرىكەت بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلى ئۇنىڭ نۇقتىلىق رايونى بولغانلىقىنى قەيت قىلماقتا. «بېيجىڭ باھارى ژورنىلى» نىڭ ئالى مەسلىھەتچىسى، ئامېرىكادىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى خۇ پىڭ ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «بۇ قېتىملىق قىشلىق ھەرىكەت سۆزدە مەملىكەت خاراكتېرلىك دېيىلسىمۇ، ئەمما ھەر قايسى جايلاردا پەرقلىق ئېلىپ بېرىلماقتا. ناھايىتى ئېنىقكى، شىنجاڭ ئۇنىڭ نۇقتىلىق رايونى بولغان. شىنجاڭ رايونىدا بۇ ھەرىكەتكە دائىر خەۋەرلەردىن شىنجاڭ ج خ تارماقلىرىنىڭ بۇ ھەرىكەتنى تېخىمۇ قاتتىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم».
خۇپىڭ ئەپەندى يەنە بۇ ھەرىكەتنىڭ نېمە ئۈچۈن يېڭى يىل ۋە چاغان بايرىمى مەزگىلىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئېنىقكى، بۇ ھەرىكەت (شىنجاڭدا) ئۇيغۇر ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش يەرلىك مىللەتلەرنى نىشان قىلغان. دائىرىلەر ھەممە ئادەم بايرام بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتقان بىر پەيتتە، بۇ ھەرىكەت ئارقىلىق يەرلىك مىللەتلەرگە بولغان كونتروللۇقنى، شۇنداقلا بۇ مىللەتلەردە پەيدا قىلغان ۋەھىمىنىڭ ئۈنۈمىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكچى بولماقتا.»
خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ ھەرىكەتنىڭ ئەزەلدىنلا قاتتىق باستۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىشى، خەتەرلىك سىگنال بەرمەكتە ئىكەن. خۇ پىڭ مۇنداق دەيدۇ: «ھۆكۈمەت بۇ ھەرىكەت ئارقىلىق، ھېچقانداق مەسىلە بولمىسىمۇ مەسىلە پەيدا قىلماقچى. ئۇلار سىزنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ باھانىسىنى ئىزدەۋاتقاندەك قىلىدۇ. شۇڭا، بۇ تاشقىي دۇنيانىڭ دىققەت قىلىشىغا تېگىشلىك ئىنتايىن خەتەرلىك سىگنالدۇر».
بۇ قېتىملىق «قىشلىق ئوپېراتسىيە» ھەرىكىتى، خىتاينىڭ ئىقتىسادى كاساتلىشىپ، ئۆي-مۈلۈك بازىرى كىرىزىسكە پاتقان، ئىشسىزلىق كۈچىيىپ، خىتاي جەمئىيىتىدىكى مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى ئارتقان، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايونغا تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان، ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يەنە خىتاينىڭ داخۇا، خەيكاڭ شىركىتىگە ئوخشاش يۇقىرى تېخنىكالىق كارخانىلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەمكارلىق تۈرلىرىگە خاتىمە بەرگەن بىر پەيتتە قانات يايدۇرۇلماقتا.
ھالبۇكى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىدىكى ھېنرىك شاجىۋېسكى، دائىرىلەرنىڭ «قىشلىق ھەرىكەت» ئارقىلىق، كىشىلەرگە ‹بۇ رايون يەنىلا بىزنىڭ كونتروللۇقىمىزدا› دېگەن سىگنالنى بەرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ھېنرىك شاجېۋىسكى مۇنداق دەيدۇ: «بۇ يەردە يەنە باشقىلارغا، بولۇپمۇ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ۋە كىشىلەرنىڭ بۇ رايونغا كېلىشىگە قارىتا بۇ رايون يەنىلا دۆلەتنىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەنلىكىدەك سىگنالنى بەرمەكچى. بۇ يەنە مەزكۇر رايوندىكى ھەرقانداق ئۆزگىرىشتە يەنىلا بۇ رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە دۆلەت مەسئۇل، دېگەن سىگنالدۇر. بۇ سىگنال نوقۇل ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، بەلكى باشقىلارغىمۇ بېرىلمەكتە».
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى مەملىكەت خاراكتېرلىك «قىشلىق ئوپېراتسىيە» ھەرىكىتى، 11-ئاينىڭ باشلىرىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جۇخەي شەھىرىدە بىر كىشىنىڭ ئاپتوموبىل بىلەن ئاز دېگەندە 35 كىشىنى سوقۇپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىگە قارىتا بەرگەن كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن باشلانغان. شى جىنپىڭ شۇ قېتىملىق كۆرسەتمىسىدە، بارلىق رايونلار ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ «چوڭقۇر تەجرىبە-ساۋاق ئېلىپ خۇلاسە چىقىرىشى، خەتەرنى بىخ ھالىتىدە ئالدىنى ئېلىش ھەم كونترول قىلىش» نى تەلەپ قىلغان.
شى جىنپىڭ يەنە دائىرىلەرنىڭ «زىددىيەت ۋە ئىختىلاپلارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، ئاشقۇن ۋەقەلەرنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشنى، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش» نى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.