غۇلجا ناھىيەسىنىڭ قاش يېزىسىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ۋە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىققاندا كۇيتۇڭ شەھىرىگە يەرلەشكەن ئورالباي قېرىنداشلار ئارىدىن 20 نەچچە يىل ئۆتكەندە كۆزگە كۆرۈنمەس بىر بوراننىڭ زەربىسىدە تىنچ ئىشخانىلىرىدىن، باس-باس دۇكانلىرىدىن ۋە ئىللىق ئائىلىلىرىدىن ئايرىلىپ، 3 نەپىرى قاراڭغۇ كامىرىغا تاشلانغان، 4 نەپىرى ياقا يۇرتلارغا ۋە چەتئەلگە سەپەر قىلغان. نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان گۈلئايشە ئورالباينىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى تۇرمۇشىنى مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەر بويىچە داۋاملاشتۇرغاندىن باشقا خىتاينىڭ زىتىغا تېگىدىغان ھېچقانداق بىر ئىشنى قىلمىغان. شۇنداق تۇرۇقلۇق 160 مىڭ نوپۇسلۇق كۇيتۇڭ شەھىرىگە بۇ ئائىلە سىغمىغان.
«بەيدۇ» ئۇچۇر ئامبىرىدا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئىلى ئوبلاستىغا قاراشلىق كۇيتۇڭ شەھىرىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ ئاران 6.8 پىرسەنتىنى قازاق، ئۇيغۇر ۋە موڭغۇل قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەر تەشكىل قىلىدۇ. كۇيتۇڭدىكى خىتاي بولمىغان مىللەتلەر ئارىسىدا قازاقلارنىڭ نوپۇسى ئالدىنقى ئورۇندا. ئەمما ئۇيغۇر رايونىدا 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرگە نىشانلىق ھالدا ئېلىپ بېرىلغان سىياسىي بوران-چاپقۇندا يەنە قانچىلىغان قازاق ئائىلىلەرنىڭ ئۇۋىسىدىن ئايرىلغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس. ئورالبايلار ئائىلىسىدىكى بىر تۇغقان قېرىنداشلارنىڭ ئېچغىنىشلىق قىسمەتلىرى ئەنە ئاشۇ ئۇۋىسىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇر ۋە قازاق قېرىنداشلارنىڭ پاجىئەلىك ھېكايىلىرىنىڭ بىرىدۇر.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىش ئارقىلىق بۇ قىسمەتنى گۈلئايشە ئورالباينىڭ ئۆز ئېغىزىدىن ئاڭلايسىلەر.
0:00 / 0:00