قازاقىستاندا نامەلۇم كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان پاناھلانغۇچى قاستەر مۇساقاننى تەكشۈرگەن دوختۇر توخۇش قويچىباينىڭ رادىيومىزغا مەلۇم قىلىشىچە، شۇ كۈنىدىكى ھۇجۇمدا قاستەر مۇساقاننىڭ بىر تال چىشى پۇچىلانغان ۋە ئاز دېگەندە بىر تال قوۋۇرغىسى سۇنغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇنىڭ بۆرىكىمۇ زەخىملەنگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چېگرادىن قېچىپ چىققان پاناھلانغۇچىلاردىن مۇراگىر بىلەن قايشەمۇ ئۆتكەن يىلى ئوخشاش كۈندە ئايرىم-ئايرىم ئىككى ئورۇندا ھۇجۇمغا ئۇچراپ زەخىملەنگەن.
«ئاتاجۇرت» (ئاتا يۇرت) تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئەربول دۆلەتبەكنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قازاقىستاندىكى قازاق پاناھلانغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قوللىرىدا ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيەتلەر بولمىغاندىن باشقا، نامەلۇم كۈچلەرنىڭ نۇقتىلىق ھۇجۇم نىشانى بولۇپ قالغان. ئۆتكەن ھەپتە قاستەر مۇساقان ئالمۇتادىكى دارخان قەھۋەخانىسىدا نامەلۇم كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئېغىر زەخىملەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇنىڭ بىلەن بىللە 2019-يىلى چېگرادىن قېچىپ چىققان مۇراگىر ئالىم ۋە قايشە ئاقانمۇ ئىلگىرى پىچاقلىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ زەخىملەنگەن. ئەربول دۆلەتبەكنىڭ دېيىشىچە، بۇ دېلولارنىڭ ھەممىسى نەق شۇ كۈنلۈكتە ساقچىغا مەلۇم قىلىنغان بولسىمۇ، ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ كىملىكلىرى تا ھازىرغىچە ئايدىڭلاشمىغان.

ئالمۇتادا مەلۇم بىر دوختۇرخانىدا خىزمەت قىلىۋاتقان دوختۇر توخۇش قويچىباي، شۇ كۈنى «ئاتاجۇرت» نىڭ مەسئۇللىرىدىن بەگزات ۋە گۇلجاماللار بىلەن بىرلىكتە نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، قاستەر مۇساقاننىڭ يارىسىنى تاڭغان ۋە ئۇنى ئالمۇتا شەھەرلىك جىددىي قۇتقۇزۇش دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بارغان. ئۇ نەق مەيداندا قاستەرنىڭ يۈز-كۆزى ۋە چىشىنىڭ زەخىملەنگەنلىكىگە شاھىت بولغان. مەزكۇر دوختۇرخانا رېنتىگېندە تەكشۈرۈش ئارقىلىق قاستەرنىڭ 6-قوۋۇرغىسىنىڭ سۇنغانلىقى ھەققىدە دىياگنوز قويغان. دوختۇرخانا ئۇنىڭ بۆرىكىنىڭ ساق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما رېنتىگېندىن تارتىلغان زەخىملىك سۈرەتنى بېرىشنى رەت قىلغان. ئاغرىق ئازابى ۋە دائىرىسىگە قاراپ 4 قوۋۇرغىسىنىڭ سۇنغانلىقىنى ھېس قىلغان قاستەر ۋە دوستلىرى دوختۇرخانىنىڭ بۇ دىياگنوزىغا گۇمان بىلەن قارىغان.
دوختۇر توخۇش قويچىباي، رادىيومىزغا بىلدۈرگەن سۆزىدە دوختۇرخانىنىڭ دىياگنوزىنىمۇ، قاستەرنىڭ گۇمانىنىمۇ چەتكە قاقمىدى ۋە قاستەرنىڭ ئاز دېگەندە بىر تال قوۋۇرغىسىنىڭ سۇنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
قاستەر مۇساقان، ئالمۇتاكى تۈركلەر تەرىپىدىن ئېچىلغان «سېما» دوختۇرخانىسىغا بېرىپ قايتا تەكشۈرۈلگىنىدە ئۇنىڭ بۆرىكىنىڭمۇ ئېغىر زەخىملەنگەنلىكىگە دىياگنوز قويۇلغان.
ئەربول دۆلەتبەكنىڭ دېيىشىچە، خىتاي بىلەن قازاقىستان ئارىسىدا بىر ئايلىق ۋىزاسىز زىيارەت يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، قازاقىستاندا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ سانىدا پەۋقۇلئاددە ئېشىش بولغان. بۇ تەبىئىي ھالدا پاناھلانغۇچىلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ھەر تەرەپتىن خەۋپنى كۈچەيتكەن. ئۇ، قاستەر ئۇچرىغان ھۇجۇم پاناھلانغۇچىلار ئۈچۈن تۇنجى قېتىملىق ئىش بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇنىڭ ئېنىق ھالدا خىتاي تەرەپنىڭ پەردە ئارقىسىدا قولى بارلىقىنى، يەنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق شاھىتلىرىنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرۈش ھۇجۇمى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
دوختۇر توخۇش قويچىباي، پاناھلانغۇچى مۇراگىر ئالىم بىلەن قايشە ئاقاننىڭ 2021-يىلى 21-يانۋار كۈنى بىرسى ئالمۇتادا، يەنە بىرسى ئاستانادا ئوخشاش كۈندە ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ھۇجۇمنىڭ «سىرلىق» لىقىنى ئىشارەت قىلىدۇ. ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ۋەزىيەتتىن خەۋەردار قازاق مۇھاجىرلاردىن بىرى، خىتاينىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچىگە تايىنىپ، قازاقىستاننى ئومۇميۈزلۈك تەسىرى ئاستىغا ئالغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
يۇقىرىدا قازاقىستاندىكى پاناھلانغۇچىلارنىڭ قازاقىستاندا ھاياتىي بىخەتەرلىكىنىڭ ئېغىر خەۋپ ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.