قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىن قېچىپ چىققان ئىككى نەپەر قازاققا سىياسىي پاناھلىق بەرگەن

ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئويغان
2020-11-06
Share
qazaq-musapir-2020 قازاقىستاندا پاناھلىققا ئېرىشكەن قاستەر ۋە مۇراغىر ئۆزلىرىنىڭ قازاقىستانلىق ئادۋۇكاتى لەززەت ئەخەتوۋا بىلەن (2019-يىلى 25-نويابىر)
Bitter Winter

مەلۇمكى، بۇنىڭدىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىملىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قوشنا قازاقىستانغا قېچىپ چىققان ئىككى قازاق يىگىتى قاستېر مۇساخانۇلى بىلەن مۇراغېر ئالىمۇلىغا قازاقىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سىياسىي پاناھلىق بېرىلگەن ئىدى. كۆپ ۋاقىت ئۆتمەيلا ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە يەنە ئىككى ئادەمنىڭ، يەنى قايشا ئاقان بىلەن باغاشار مالىكۇلىنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئالغانلىقى ھەققىدە ماقالىلار ئېلان قىلىندى.

ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي زۇلۇمىدىن قېچىپ، قازاقىستانغا چىققان قازاقلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلىشىنى قازاقىستان ھۆكۈمىتى قوبۇل قىلماي، ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش خەۋپى تۇغۇلۇپ كەلگەنىكەن. شۇلارنىڭ ئىچىدىن، مەسىلەن، ئۆمەر بېكئالى، سايراگۈل ساۋۇتبايلار ئۈچىنچى بىر مەملىكەتكە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانىدى.

قازاقىستاندىكى ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قايشا ئاقان بىلەن باغاشار مالىكۇلىغا بىر يىللىق مۇددەت بىلەن سىياسىي پاناھلىق ھۆججىتى بېرىلگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە دەسلەپكى ئۇچۇرلارنى «ناغىز ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقاتقان ئىكەن.

بىز سىياسىي پاناھلىق ئالغانلارنىڭ بىرى، ھازىر ئالمۇتا شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان قايشا ئاقان بىلەن ئالاقىلەشتۇق.

قايشا ئاقان 1976-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىخو شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 1984-يىلى ئاتىسىنىڭ خىزمىتى سەۋەبى بىلەن توققۇزتارا ناھىيەسىگە كۆچۈپ كەلگەن ۋە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى 1999-يىلى تاماملىغان. ئۇ 2001-يىلدىن تارتىپ تەشكىلىي بۆلۈمدە ئىشلىگەن ۋە ئۇزۇن يىللار سودا بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە ئىش ئىش مۇناسىۋىتى بىلەن قوشنا قازاقىستانغا چىقىپ تۇرغان.

قايشا ئاقان خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئارقىسىغا چۈشۈپ، ئاخىر تەربىيەلەش لاگېرىغا ئېلىپ كېتىش خەۋپى تۇغۇلغاندا قازاقىستانغا قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى، بۇنىڭ ئالدىدا ساقچىلار تەرىپىدىن بىر نەچچە قېتىم سوراققا تارتىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئىككى يېرىم سائەتتە مەن كۆرگۈلۈكۈمنى كۆرۈپ بولدۇم ئۇ يەردە. ئىككى يېرىم سائەت ماڭا ھەممىنى چۈشەندۈرۈپ بولدى. ئۇنىڭ ئالدىدا مەن بىر تونۇشۇمنىڭ 25 ياشلىق قىزى بىلەن سۆزلەشكەن ئىدىم. ئۇ لاگېرغا كىرىپ كېتىپ، ئىككى ئاي 17 كۈن يېتىپ چىقتى. شۇ چاغلاردا لاگېرغا ئۈچ ئايلىق مۇددەتتە ھەم ھەر قانداق ئادەم كىرىدىكەن دېگەن پاراڭ بولغان. 2016-يىلدىن 2020-يىلغىچە لاگېرلارغا كىرىپ، ئۆگىنىپ چىقمىغان  مۇسۇلمانلار بولماسلىقى لازىم دېگەن. 2018-يىلى خىتاي قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئەل-يۇرتنىڭ يادلاۋېلىشى شەرت بولغاندى. بۇ ئەلۋەتتە، بىرىنچىدىن، ئۇيغۇر، قازاق، ئۆزبېك، قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن بىر بالا بولدى. ئۇنداق لاگېرلاردا، مەسىلەن، بىرەر ھۈنەرگە ئۆگىتىش مەقسەت قىلىنغانكەن. ئۇنداق ئۆگىنىشنىڭ كىمگە كېرىكى بار؟ مەسىلەن، ماڭا نېمە كېرىكى بار، مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ تىرىكچىلىكى بار تۇرسا. مېنىڭ ئىشىم، ئۆزۈم ئىشلەپ تاپقان خالتامدا پۇلۇم تۇرسا، ئاستىمدا ماشىنا تۇرسا، ماڭا يەنە قانداق ھۈنەر كېرەك؟ ماڭا ھۈنەر كېرەك بولسا، مەن ئۇنى ئۆزلۈكۈمدىن ئۆگىنىۋالىمەن ئەمەسمۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن مەجبۇرلاپ، لاگېرغا قاماشنىڭ ھاجىتى بولمىسا كېرەك. ھازىرغىچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى ئىقرار قىلمىدى. ئۇلار ئۇيغۇرغىمۇ، قازاققىمۇ ھۈنەر ئۆگىتىۋاتىمىز دەيدۇ. مەسىلەن، ئۇيغۇرلاردا ھۈنەر ئازمۇ؟ بىزنىڭ قازاققا قارىغاندا، ئۇيغۇر خەلقى ھۈنەر ئۆگىنىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، ناۋاي ناۋاينى، زەرگەر زەرگەرنى، موزدۇز موزدۇزنى تەربىيەلىگۈسى كېلىدۇ. ئۇلاردا شاگىرت ئۇستازنى ھۆرمەتلەيدۇ. مىللىي تىبابەتتىمۇ ئۇلار بىر-بىرىگە ئۆگىتىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇنى بىر-بىرىگە كۈچ بىلەن زورلاپ ئۆگىتىشنىڭ ھاژىتى يوق.»

قايشا ئاقان يەنە ساقچىلارنىڭ ئەر-ئايالنى لاگېرغا قاماپ قويۇپ، ئۇلارنى ھەر جەھەتتىن ھاقارەتلىگەن ئىشلارنىڭ پات-پات بولۇپ تۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يەنە مۇنداق دېدى: «ئادەملەرنىڭ چۆچۈپ كەتكىنى شۇنچىلىككى، ‹ئۆگىنىش› توغرىلىق ئاڭلاپ قالسىلا، ئادەم بالىسى قورقۇپ، چۆچۈپ، بېچارە ھالەتكە چۈشۈپ قالاتتى. بايىقى قىز ئۈچ ئايغا يېقىن لاگېردا يېتىپ چىقىپ، ئايىغى ئاغرىيدىغان بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بەزىلىرى پۇل تىقىپ، ئۆز جانلىرىنى ساقلاپ قالغانكەن. مەن بۇنى نەدىن بىلەي؟ سودا قىلىپ، تىرىكچىلىكىمنى قىلىپ يۈرۈۋەردىم. ئىشتىن چارچاپ كېلىپ، ئائىلىڭىز بىلەن بولۇسىز، ئۆي تازىلايسىز. ئۇ قىزنىڭ ئېيتقانلىرىنى مەن ھازىرمۇ ئەسلەپ تۇرىمەن. مەن ئۇنىڭدىن ئۆگىنىش دېگەن نېمە دەپ سورىسام، ئۇ مۇنداق دېگەن: ‹سەھەر 6 دە تۇرغۇزىدۇ، كەچقۇرۇن 10 دا ياتقۇزىدۇ. ياتقان بىلەن بۆلمىدە چىراق يېنىپ تۇرىدۇ. بىر كىچىككىنە ئۆيدە 24 ئادەم ياتتۇق. بۇلۇڭغا بىر بوچكا قويۇپ قويىدۇ. شۇنىڭغا بېرىپ ھەم كىچىك، ھەم چوڭ تەرەت قىلىمىز. ئارتۇق سۇ بەرمەيدۇ. ئۆينىڭ ئىچى ۋە بۇلۇڭلىرىدا كامېرا. بىر-بىرىمىزنى بايقاپ تۇرىمىز. تام تەرەپكە قاراپ يېتىشقا بولمايدۇ، بىر-بىرىگە قاراپ يېتىش شەرت. ئاغزىڭنى مىدىرلاتساڭ، يەنە بولمايدۇ. سەھەردە ئويغىنىپ، ئاندا-ساندا يۈزىمىزنى يۇيغان بولىمىز. ئاندىن گۈرۈچ قاينىتىلغان تۇزى يوق شىفەن دەيدۇ، شۇنى ۋە بىر موما بېرىدۇ. تونۇر نان ئېلىپ كەلسە خۇشال بولۇپ كېتىمىز. باشتا نورمال تاماق بەرگەن، كېيىن بولسا، ئۆزگىرىپ كەتتى. ھېچ كىم بىلەن ئىشى يوق، ئۆلۈۋاتسىمۇ قارىمايدۇ. 80 لەرگە كەلگەن چوڭ ئاياللارمۇ بولدى. ئۇلار يا ماڭالمايدۇ، يا تۇرالمايدۇ، زەمبىللەرگە سېلىۋېلىپ، سۆرەۋاتقان. مەن ئۇنىڭغا نېمىشقا ئەرز قىلمايسەن دېسەم، ئۇ ماڭا قاراپ ھەيران قالغان. كېيىن بىلسەم، ئەرز قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەسكەن. ئەرز قىلسا ئۇنىڭدىنمۇ بالدۇر ئۆلىدىكەن. ئەرز قىلغاننى كۆزدىن يوقىتىپ، تىنچ بولىدىكەن.»

قايشا ئاقان شۇ قىزنىڭ ھېكايىلىرىنىڭمۇ ئۆزىگە قاتتىق تەسىر قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ ھېكايىسىدىن كېيىن بىر نەچچە كۈن ھەتتا ئۇخلىميالمىغانلىقىنى، لاگېرغا قامىلىش خەۋپى تۇغۇلغاندا چېگرادىن قېچىپ ئۆتۈشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 38 ياشلىق باغاشار مالىكۇلى 2015-يىلى قازاقىستانغا چىقىپ، ۋاقىتلىق متۇرۇش ھۆججىتى ئالغان. ئاندىن 2016-يىلى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى يوقلاپ كېلىش ئۈچۈن يۇرتىغا بارغاندا ساقچىلار تەرپىدىن تۇتۇلۇپ، ھۆججەتلىرى تارتىۋېلىنىپ، بىر نەچچە قېتىم سوراق قىلىنغانكەن. 2017-يىلى ئۇ ئۆز ھاياتىغا خەۋپ تۇغۇلغاندا چېگرادىن يوشۇرۇنچە ئۆتۈپ، قازاقىستان ھۆكۈمىتىدىن سىياسىي پاناھلىق سورىغان.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «ناغىز ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى بېكزات مەخسۇتقان ئوغلى مۇنداق دېدى: «بىزدە ئاساسەن بەش پاناھلىغۇچى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ تۆتى، يەنى قاستېر مۇساخانۇلى بىلەن مۇراغېر ئالىمۇلى، قايشا ئاقان بىلەن باغاشار مالىكۇلى بىر ئاينىڭ ئىچىدە پاناھلىق ھوقۇقىنى ئالدى. بەشىنچىسىنىڭ قولىدا ھېچ قانداق ھۆججەت يوق. پاناھلىق ھوقۇقى ئالغانلارنىڭ ۋاقتى بىر يىلدىن كېيىن پۈتىدۇ. بىر يىلدىن كېيىن ئۇلارنىڭ تەقدىرى قانداق بولىدۇ، بۇ بىزگە نامەلۇم. بىز شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىغا، خەلقئارا پاناھلىق تىلىگۈچىلارنى قوغداش تەشكىلاتلىرىغا مۇراجىئەت قىلىۋاتىمىز. ئەنە شۇ بەش كىشىنىڭ تەقدىرىنى شۇ تەشكىلاتلار ئويلىسىكەن دەپ ئۈمىد قىلىۋاتىمىز. ئۇلارغا بۇ ئەلدە پۇقرالىق بېرىلمىسە، پۇقرالىق بېرىدىغان باشقا مەملىكەتلەر تېپىلارمۇ دېگەن ئەندىشىدە. ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇلسا، ئۇلارنى ئۆلۈم جازاسى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ياخشى بىلىمىز. ئەمدى خەلقئارا تەشكىلاتلار قازاقىستاننىڭ تۆت كىشىگە پاناھلىق بەرگەنلىكىنى ياخشى باھالاۋاتىدۇ، ئەلۋەتتە. بىزمۇ خۇشال. بىراق بۇنىڭ قانداق ئەھۋالدا بېرىلگەنلىكىنى بىلەلمەيۋاتىمىز. خىتايدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىقرار قىلىپ، بۇنىڭغا ھۆكۈمىتىمىز ئۆز قارشىلىقىنى رەسمىي بىلدۈرەلەمدۇ؟ يا بولمىسا، خەلقئارا بېسىمدىن چېكىنىپ، خەلقئارادا باشقا قوللايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈنلا مۇشۇلارنى تىنچلاندۇرۇپ تۇرايلى دېگەن ئوي بىلەن بەردىمۇ، بۇنى بىز بىلمەيمىز.»

بېكزات مەخسۇتقان ئوغلى ھازىر قازاقىستان پۇقرالىرى ئۆزلىرىنىڭ كۆپى ئىشسىز يۈرگەن بىر ۋاقىتتا سىياسىي پاناھلىق سوراۋاتقانلارنىڭ سۆزسىز ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۆي-ماكانسىز يۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. مۇشۇ جەھەتتىنمۇ ئۇلارنىڭ ياردەمگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت