قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» قۇربانلىرىنى خاتىرىلىدى

0:00 / 0:00

5-ئىيۇل كۈنى ئالمۇتا شەھىرىدىكى «ئاقجول» رېستورانىدا 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 14 يىللىقى خاتىرىلەندى. ئۇنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرى ئۇيۇشتۇردى. مۇراسىمغا ئالمۇتا شەھىرى ۋە يىراق-يېقىنقى ناھىيەلەردىن بولۇپ، 200دىن ئوشۇق ئادەم قاتناشتى.

خاتىرىلەش مۇراسىمىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەزاسى رەھىمجان مەنسۈروف رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئۇ ئېچىلىش سۆزىنى باشلاپ، مۇنداق دېدى: «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قانلىق ۋەقەسىنىڭ 14 يىللىقى يالغۇز قازاقىستاندىلا ئەمەس، بەلكى بارلىق ياۋروپا ئەللىرىدە ۋە ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان ھەر قايسى مەملىكەتلەردە ئەھۋالغا قاراپ نامايىشلار بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتىدۇ. قازاقىستان-بىزنىڭ ۋەتىنىمىز، بىز بۇ يەردە تۇغۇلۇپ، ئۆستۇق. بىز قازاقىستاننىڭ قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىپ، بۇ خاتىرە كۈنىدە شېھىتلارغا ئاتاپ خەتمە-قۇرئانلىرىمىزنى ئوقۇپ كېلىۋاتىمىز. بۇ يەرگە بىزنىڭ زىيالىيلىرىمىز، ‹بىز ئۇيغۇر› دېگەن قېرىنداشلىرىمىز ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ جان كۆيەرلىرى كېلىپ قاتنىشىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئېچىلىش مۇراسىمىنى دۇئا بىلەن باشلىساق.»

شۇنىڭدىن كېيىن دىنىي زات مەھەممەتجان ھاجىم قۇرئان تىلاۋەت قىلدى. ئاندىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 13 يىللىقىغا بېغىشلانغان فىلىمى كۆرسىتىلدى. پائالىيەت جەريانىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى، خەلقئارا ۋەزىيەت، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى پائالىيىتى» ماۋزۇسىدا دوكلات بەردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى گۈلىستان ھەمرايېۋا خانىم مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى بۇ خەتمە-قۇرئان پەقەت ئۈرۈمچى پاجىئەسىنىڭ قۇربانلىرىغىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر دەۋاسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرى ئۈچۈن قۇربان بولغانلارغا بېغىشلاندى، دەپ ئويلايمەن. ھازىر دۇنيا بەك ئۆزگىرىشچان بولۇپ قالدى. بىزنىڭ خەلقىمىزگە بۈگۈنكى كۈندە ھاۋادەك ھاجەت بولۇۋاتقان نەرسە دەل بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتتە سۆزلىگەنلەر بۇنى بىر نەچچە قېتىم تەكرارلىدى. قەھرىمان ئاكا ئۆز دوكلاتىدا ئۈرۈمچى پاجىئەسىنىڭ كېلىپ چىقىشى، ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرى ۋە قالدۇرغان ساۋاقلىرى ھەققىدە ناھايىتى تەپسىلىي ئېيتىپ ئۆتتى. ئۇ، دولقۇن ئەيسا رەھبەرلىكىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنى تولۇق يەتكۈزۈپ ئۆتتى. ئۇ يەنە بۇ بۇ پائالىيەتكە ھەر خىل جەمئىيەتلىك تەشكىلاتلار ۋەكىللىرىنىڭ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ، خەلقنى يەنە بىر قېتىم بىرلىككە چاقىردى.»

ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قاتار جەمئىيەتلىك تەشكىلاتلىرى بولۇپ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇلارنىڭ ئۆزئارا قوشۇلۇشى ۋە بىرلىشىپ ئىشلەشتەك تەشەببۇسلار كۆتۈرۈلمەكتە.

جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى يارمۇھەممەت كېبىروف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى بۇ نەزىر ۋە خاتىرىلەش پائالىيىتى ناھايىتى مەزمۇنلۇق ھەم تەسىرلىك ئۆتتى. بىرىنچى نۆۋەتتە مەن بۇ يەردە قەھرىمان ئاكىنىڭ دوكلاتىنى ئاتاپ ئۆتىمەن. بىز قەھرىمان ئاكا ۋە ئۇ ئارقىلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن خېلى يىللاردىن بۇيان ھەمكارلىشىپ كەلدۇق. مەن باش يىگىت بېشى بولۇپ ئىشلەۋاتقان چاغلىرىمدا كۆپلىگەن ئىشلارغا ئارىلاشتىم. بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى مەنىۋىي ۋە ماددىي قوللاپ كەلدۇق. بۈگۈنكى سورۇندا بىرلىك، ئىتتىپاقلىق توغرىلىقمۇ سۆز بولدى. كۆپچىلىكنىڭ ئارمىنىمۇ شۇ. بىراق بىز بىر تەشكىلاتتا بولمىساقمۇ، ھەممىمىزنىڭ مەقسىتى بىر دەپ ئويلايمەن. بىزمۇ قازاقىستاندا مۇشۇ ئەلدىكى بارلىق مۇمكىنچىلىكلەردىن پايدىلىنىپ، بىرلەشكەن ھالدا ئانا تىلىمىزنى، مىللىي مائارىپىمىزنى ۋە مەدەنىيىتىمىزنى ساقلاپ قېلىشتا كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك، دەپ ئويلايمەن.»

يارمۇھەممەت كېبىروفنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇرلار ياشايدىغان بارلىق يېزا-مەھەللە ۋە شەھەرلەردە يىگىت باشلىرىنىڭ ئۆز كېڭەشلىرى مەۋجۇت ئىكەن. ئۇلار ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركەزلىرى ھەم يەرلىك ھاكىمىيەت ئورۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەر خىل مەدەنىي ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرماقتىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى سەدىردىن ئايۇپوف ئەپەندىمۇ سۆز قىلىپ، يۈرىكىدە ھەقىقەتەنمۇ ئىمانى ۋە ۋىجدانى بار، ئۆز خەلقىگە ھەم ۋەتىنىگە ھەقىقىي مەنادا كۆيۈنىدىغان ئىنسانلارنىڭ 2009-يىل 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن ئىبرەت ئالالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىرىنچىدىن، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرى ۋە ئېغىر بېسىملىرىنى چۈشىنىپ يېتەلەيدۇ. ئۇنچىلىك بېسىم بولمىغان بولسا، 2009-يىلدا ئۇنچىلىكمۇ قىرغىنچىلىق بولۇپ كەتمەس ئىدى، مىللىتىمىزمۇ ئۇنچىلىك كۆتۈرۈلۈپ كەتمەس ئىدى. ئىككىنچىدىن، بۇ قىرغىنچىلىق ئۆز نۆۋىتىدە يەنە مىللىتىمىزنىڭ ھەقىقەتەنمۇ مۇستەقىللىققا، ئازادلىققا، شۇنداقلا ئۆز ئالدىمىزغا بىر دۆلەت قۇرۇپ ياشىيالايدىغانلىقىمىزغا بولغان ئارزۇيىمىزنى كۈچەيتىۋەتتى.»

ئالمۇتادا ئۆتكەن خاتىرىلەش مۇراسىمىدا سۆزگە چىققان ئاتاقلىق شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف، ئالمۇتا شەھەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئوسمانجان ئوبۇلوف، ئالمۇتا شەھەرلىك يىگىت باشلىرى ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى مەھمۇتجان مەنسۇروف ۋە باشقىلار ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرى، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ۋە مەدەنىيەت مەسىلىلىرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.