قازاقىستان-خىتاي چېگراسىنى يەنە ئىككى ئادەم بۇزۇپ ئۆتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2019.10.15
uyghurda-qazaq-lager.jpg قازاقىستانلىق ئادىلغازى يېرغازى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرىغا سولانغان ئىككى ئىنىسىنىڭ سۈرىتىنى كۆتۈرۈپ، ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 8-دېكابىر، ئالمۇتا.
AP

يېقىندىن بۇيان قازاقىستان ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە قازاقىستان-خىتاي چېگراسىنى بۇزۇپ ئۆتكەن ئىككى قازاق توغرىلىق خەۋەرلەر تارقىلىشقا باشلىغانىدى.

«جاس ئالاش» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «خىتايدىن يەنە ئىككى قازاق قېچىپ چىقتى» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى قاستېر مۇساقانۇلى ۋە مۇراگېر ئەلىمۇلى بولۇپ، ئۇلار 6-ئۆكتەبىردە قازاقىستان چېگراسىدىن ئۆتكەن ئىكەن. ئۇلار يەرلىك مۇخبىرلارغا ۋە ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىغا بەرگەن مەلۇماتلىرىدا قازاقلارنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تەقىبلەش ۋە سۈرگۈنگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىپ، «سىياسىي تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا» قامىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇلارنىڭ بىرى مۇراگېر ئەلىمۇلى مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ يېشىم يىگىرمە بەشتە. تارباغاتاي ۋىلايىتى دۈربىلجىن ناھىيەسىدىن بولىمەن. ئىككى مەرتەم بىر سوتكىدىن قاماقتا بولدۇم. ئۇرۇپ-سوقتى، لاگېردىن بەش قازاقنى بوشاتسا، يىگىرمە قازاقنى قامايدۇ. جىنازىسىنى چۈشۈرۈش مەنئى قىلىنغان. قەبرىستانلىقتىكى يېرىم ئايلارنى يۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ. ساقىلى بار ئاقساقالنى كۆرمەيسەن. ئۇ ياقتا بەش ياشتىكى ئوغلۇم بىلەن ئاتا-ئانام قالدى. شۇلاردىن ئەندىشە قىلىمەن. قازاقىستان قاچاقلار ھوقۇقىنى بەرسە ئىكەن. قانۇنسىز چېگرا بۇزغىنىمنى ئىقرار قىلىمەن. سوتلىسا سوتلىسۇن. ئۇنىڭدىن قاچمايمەن. خىتاي تۈرمىسىدە ياتقاندىن ئاتا-ماكانىمنىڭ تۈرمىسىدە ياتاي.»

ئەمدى قاستېر مۇساقانۇلى بولسا، شەرقىي قازاقىستان ئوبلاستىنىڭ زايسان ناھىيەسى ئارقىلىق ئىككى دۆلەتنىڭ چېگراسىنى بۇزۇپ ئۆتكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۆزىنىڭ 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە بولغان نامايىشقا مۇناسىۋەتلىك سوتلانغانلىقىنى، 4 يىل 8 ئاي تەربىيەلەش ئورنىدا بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتايدا سىياسىي تەربىيەلەش لاگېرى 2009-يىلى ئېچىلدى. تەقىبلەشلەر شۇنىڭدىن بۇيان باشلاندى. ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان توقۇنۇشلارغا مېنىڭ ئالاقەم يوق. بىراق شۇنىڭغا باغلىدى. قاماقتا ئايىماي قىينىدى. ھازىرمۇ ئۇ ياقتا قانچىلىغان قېرىنداشلىرىم ئازاب تارتىۋاتماقتا. بىر ناھىيەدە توققۇز لاگېر بار. قازاقىستان ئاتايۇرتىمىز. قاچاقلار ھوقۇقىنى بېرىشىنى سورايمىز».

«ئازادلىق» رادىيوسىدا بېرىلگەن «خىتايدىن قېچىپ كېلىپ، قاچاقلار، ھوقۇقىنى سورىماقچى بولغان ئىككى قازاقنى مىللىي بىخەتەرلىك كومىتېتى ئېلىپ كەتتى» دېگەن ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئالمۇتا شەھەرلىك ساقچى باشقارمىسىنىڭ كۆچمەنلەر بۆلۈمىگە قاچاقلار، يەنى مۇساپىرلىق ھوقۇقىنى ئىلتىماس قىلىپ بارغان بۇ ئىككى كىشىنى مىللىي بىخەتەرلىك كومىتېتى تۇتۇپ كەتكەن ئىكەن.

ماقالىدە 14-ئۆكتەبىر كۈنى، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى بويىچە بيۇرونىڭ ئالمۇتا شەھىرىدىكى كېڭىشىدە ئىككى قاچاق ۋە ئۇلارنىڭ ئادۋوكاتى بائۇرجان ئازانوفنىڭ قاتنىشىشى بىلەن مۇخبىرلارغا سۆھبەت بېرىش يىغىنى بولغان.

بىز ئادۋوكات بائۇرجان ئازانوف بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭدىن بۇ ئىشنىڭ قانداق كېتىۋاتقانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: «تېرگاۋ ھەرىكەتلىرى بولۇۋاتىدۇ. قانۇنسىز چېگرادىن ئۆتتى دېگەن جىنائىي ئىشلار نىزامنامىسى، 392-ماددىسىنىڭ 1-بۆلۈمى بويىچە جىنائىي ئىشلار دېلوسى تۇرغۇزۇلدى. شۇنىڭ بويىچە تېرگاۋ ئىشلىرى يۈرگۈزۈلۈۋاتىدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ ئىككى يىگىتنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن. مەن ئادۋوكات بولغانلىقىمدىن ئۇلارنىڭ ئىشىنى يېنىكلەشتۈرۈش مېنىڭ ۋەزىپەم.»

بۇنىڭدىن تاشقىرى مەزكۇر، مۇخبىرلارغا سۆھبەت بېرىش يىغىنىدا خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى بويىچە باشقارمىنىڭ ئالمۇتا شەھىرىدىكى كېڭىشىنىڭ ۋەكىلى ئىنگا ئىمانباي بۇ ئىككى مۇساپىرغا ھوقۇق جەھەتتىن ياردەم كۆرسىتىدىغىنىنى بىلدۈرگەنىدى.

بىز ئىنگا ئىمانباي بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشىنى ئىگىلىدۇق. ئىنگا ئىمانباي مۇنداق دېدى: «ئۇلارنىڭ قازاقىستان چېگراسىنى قانۇنسىز بۇزدى دېگەن پاكىتلار بار. شۇ پاكىت بويىچە ھازىر جىنائىي قىلمىش تۇرغۇزۇلدى. ئۇلار كەلگەن ئەلدە ئۇلارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ بارلىقىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ بۇ ئەلدە سىياسىي قاچاق سۈپىتىدە ھوقۇققا ئېرىشىش خاھىشىنى قوللايمىز. چۈنكى خىتايدا ئۇلارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ تۇغۇلۇۋاتىدۇ دېگەن پاكىتنى دەلىللەشنىڭ ھاجىتى بولمىسا كېرەك، چۈنكى پۈتكۈل دۇنيا ئۇ يەردە لاگېرلارنىڭ بار ئىكەنلىكىنى، مىللىي، دىنىي سەۋەبلەر بىلەن ئۇ يەردىكى خەلقلەرنىڭ تەقىبلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇلارنىڭ سىياسىي قاچاق سۈپىتىدە ئۆزلىرىنى قوغداش ھوقۇقىنى ئېلىش ھەرىكىتىنى قوللايمىز.»

ئىنگا ئىمانباي قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مۇساپىرلىق ھوقۇقى بېرىش مەسىلىسىدە يەنە بىر قازاق پەرزەنتى سايراگۈل ساۋۇتباينىڭ قىلغان ھەرىكەتلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتسىز ئاياغلاشقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە سىياسىي ئامىللارمۇ بار. مەسىلەن، قازاقىستان ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ ئىقتىسادىي ئالاقىلەرنىڭ بولغانلىقىدىن سايراگۈل ئۆز ھوقۇقىنى ئالالمىدى. بىز ھۆكۈمەت ئۈچۈن جاۋاب بېرەلمەيمىز. ئۇلارنىڭ مۇنداق تەلىپىنى ھەل قىلىش ھوقۇقى بار، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. قاچاق، يەنى مۇساپىرلىق ھوقۇقىنى ئېلىش ئۈچۈن بىرىنچى نۆۋەتتە ئۇلار ئىلگىرى تۇرغان مەملىكەتتە بۇنىڭغا ئاساسلىق سەۋەب بولۇشى كېرەك. مەزكۇر ئىشتا ئۇلارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ تۇغۇلۇۋاتىدۇ دېگەن پاكىت بار. ئۇ ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغان پاكىتتۇر.»

ئىگىلىشىمىزچە، بۇ قېتىم ئىككى قازاق پۇقراسىنىڭ چېگرانى بۇزۇپ ئۆتۈش مەسىلىسىدە قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرچە رەسمىي بىلدۈرۈش ئېلان قىلمىغانلىقى ئاشكارىلانماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلنىڭ ماي ئېيىدا ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ قورغاس تاموژنىسىنى قانۇنسىز بۇزۇپ ئۆتتى دېگەن ئەيىب بىلەن سايراگۈل سائۇتباي جىنائىي ئىشلار نىزامنامىسىنىڭ 392-ماددىسى بويىچە ئەيىبلەنگەنىدى. ئۇنى خىتايغا قايتۇرۇش مەسىلىسىمۇ كۈن تەرتىپىگە چىققان بولۇپ، بۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا جىددىي غۇلغۇلا تۇغدۇردى. سايراگۈل سائۇتباي قازاقىستاننىڭ قاچاق ھوقۇقىنى ئالالماي، نەتىجىدە چەتئەلگە كېتىشكە مەجبۇر بولغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.