قازاقىستاندا ئۆتكەن ياشلار مەشرىپى ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شائىر ئەلىشىر ناۋايىغا بېغىشلاندى

مەشرەپ ئۆز قائىدە-يوسۇنلىرى ئاساسىدا ئۆتۈپ، دەسلەپ ئەلىشىر ناۋايى ھەققىدە ئەتراپلىق ۋە تەپسىلىي دوكلات قىلىندى. ئاساسىي مەقسەت-بۈيۈك ئەللامىنىڭ بىباھا تۆھپىسىنى ئەۋلادقا سىڭدۈرۈش.

ئالمۇتا ۋىلايىتى ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ بايسېيىت يېزىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ياشلار مەشرىپىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى يانۋار، ئالمۇتا RFA/Oyghan

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، مىللىي ئەنئەنىلىرىنى قايتا تىكلەش ۋە يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى مەشرەپ ھەر خىل شەكىللەردە ۋە دەرىجىلەردە تەرەققىي ئېتىشكە باشلىدى. يېقىندا ئالمۇتا ۋىلايىتى ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ بايسېيىت يېزىسىدا ئۆتكەن ياشلار مەشرىپى شۇنىڭ يەنە بىر يارقىن مىسالىدۇر.

چېلەك رايونلۇق «ئۈمىد» ياشلار مەشرىپىنىڭ نۆۋەتتىكى ئولتۇرۇشىغا مالىۋاي يۇرت-جامائىتى ساھىبخانىلىق قىلغان. مەزكۇر مەشرەپ ئەھلى ھەر يىلى ئالدىنئالا بەلگىلەنگەن ماۋزۇ بويىچە ئوتتۇز ئوغۇلنىڭ بېشىنى قوشۇپ كەلگەن ئىدى. بۇ يىل بولسا، مەشرەپ بۈيۈك مۇتەپەككۇر شائىر ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىغا بېغىشلانغان.

مەشرەپتە «ئۈمىد» مەشرەپ ئەھلىنىڭ ئەزاسى دولقۇن يۈسۈپوف «بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىزنى دۇنياغا تونۇتقان» ماۋزۇسىدا دوكلات قىلدى. ئۇ مۇتەپەككۇر شائىر ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ھاياتى ۋە پائالىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان جۇمھۇرىيەتلىك ياشلار مەشرىپىنىڭ ئەزاسى رافىدىن سەۋىردىنوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئۆتكەن مەۋسۇمدا مەشرەپ خەلقىمىزنىڭ ئۆرپ-ئادەت ۋە رەسىم-قائىدىلىرىگە بېغىشلانغان بولسا، بۇ يىل داڭلىق ئۇيغۇر ئالىم ۋە شائىر-يازغۇچىلىرىغا ئاتايدىغان بولدۇق. شۇڭلاشقا مالىۋاي يۇرت-جامائىتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكەن مەزكۇر مەشرەپ ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر ۋە شائىر ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ھاياتى ۋە پائالىيىتىگە بېغىشلاندى. مەشرەپ رەسمىي ئېچىلىپ، باشتىلا مېھمانلارغا سۆز بېرىلدى. كۆزگە كۆرۈنگەن زىيالىيلىرىمىز، جەمئىيەتلىك ئىشلارنىڭ ئاكتىپلىرى بۈگۈنكى كۈندە ئېلىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر، خەلقىمىزنىڭ مىللىي قەدرىيەتلىرىنى ساقلاشتا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىشلار، ئالدىمىزدا تۇرغان مۇھىم مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز ئويلىرىنى ئېيتتى. ئاندىن ئۇلار مەدەنىيىتىمىز تەرەققىياتىغا زور تۆھپىلىرىنى قوشۇپ كېلىۋاتقان بىر قاتار مەشرەپ ۋەكىللىرىگە جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان «ساخاۋەت» ، «غەمخور» مېداللىرىنى ۋە قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى بىرلىكى تەرىپىدىن پەخرىي يارلىقلارنى تەنتەنىلىك تاپشۇردى» .

رافىدىن سەۋىردىنوف يەنە مۇنداق دېدى: «ئاندىن مەشرەپ ئۆز قائىدە-يوسۇنلىرى ئاساسىدا ئۆتۈپ، دەسلەپ ئەلىشىر ناۋايى ھەققىدە ئەتراپلىق ۋە تەپسىلىي دوكلات قىلىندى. ئاساسىي مەقسەت-بۈيۈك ئەللامىنىڭ بىباھا تۆھپىسىنى ئەۋلادقا سىڭدۈرۈش. مەشرەپتە ئادەتتىكىدەك ئەكۋەرجان نۇرخالىقوف بىلەن يالقۇنجان تايىروفلارنىڭ خۇش چاقچاقلىرى ئەۋجىگە چىقتى. بۇ كۈنى سەنئەتكارلار يۇرتى ئاتالغان مالىۋاي يېزىسىدىن چىققان قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئاكادېمىيەلىك ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىنىڭ ناخشىچىسى، ياش مۇقامچى مېھرات رەخمەتجان، ‹تەڭرىتاغ› مىللىي چالغۇ ئانسامبىلى، ‹شادلىق› ئانسامبىلى ۋە مالىۋاي ئوتتۇرا مەكتىپى سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ھەۋەسكارلىرى ئۆزلىرىنىڭ يېقىملىق ناخشا-سازلىرى بىلەن كۆپچىلىكنى قايىل قىلدى. مەشرەپ ياشلىرىمىزدا چوڭ تەسىرات قالدۇردى. خەلقىمىزنىڭ مەشرەپ ئوخشاش مەدەنىي مىراسلىرىنى ئۇنتۇماي، كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزغا قالدۇرۇش بىزنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىمىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» .

بايسېيىتتا ئۆتكەن مەزكۇر مەشرەپتە سۆزگە چىققان مالىۋاي يۇرتىنىڭ ئاقساقالى ئىمىنجان يۇنۇسوف قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن ئۆز مىللىي مەدەنىيىتىنى، سەنئىتىنى، مائارىپىنى، ئەدەبىياتىنى ساقلاپ قېلىشقا بارلىق شارائىتلارنىڭ يارىتىلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

جۇمھۇرىيەتلىك ياشلار مەشرىپىنىڭ بېگى رۇفات ئابلىزوف «ئۈمىد» ياشلار مەشرىپىگە تەكلىپ قىلىنغان مالىۋاي يېزىلىق رايونىنىڭ ھاكىمى سانات نارىمبايېفقا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي دوپپىسىنى كىيدۈردى. ئۇ مەشرەپنىڭ ئۇيغۇرلار ھاياتىدا تۇتقان ئورنىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىمۇ مۇھىملىقىنى يوقاتمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

جۇمھۇرىيەتلىك ياشلار مەشرىپىنىڭ بېگى رۇفات ئابلىزوف ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەشرىپىنى قۇرۇشتىن ئاۋۋال نۇرغۇن ياشلار بىلەن ئارىلاشتۇق. باشقا مەھەللىلەرگە بېرىپ تويلارغا قاتناشتۇق، بىر-بىرىمىزنى تونۇمىغانلىقتىن كۆپ يەرلەردە بىر-بىرىمىزنى خاپا قىلغان ئەھۋاللارمۇ بولدى. ئۇيغۇر ياشلىرى نېمىشقا بىرىكمەيمىز، نېمىشقا بىز ياشلارنىڭ مەشرىپىنى قۇرمايمىز دېگەن پىكىرلەر كەلدى. شۇ پىكىرلەرگە ئاساسلىنىپ، جۇمھۇرىيەتلىك ياشلىرىنىڭ مەشرىپىنى قۇرۇشقا كۈچ سالدۇق. بۇ مەشرەپنى قۇرۇشتىكى ئاساسىي مەقسەت-مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى ساقلاش، ئانا تىلىمىزنى ئۇنتۇماسلىق ۋە ئۇيغۇرلار زىچ ئورۇنلاشقان ھەر بىر مەھەللىدە بەش يىلنىڭ ئىچىدە ئۆزلىرىنىڭ كىچىك مەشرەپلىرىنى قۇرۇپ، بارلىق ئۇيغۇر ياشلىرىنى شۇ مەشرەپكە قوشۇپ، بېشىنى بىرىكتۈرۈش بولغان. »

رۇفات ئابلىزوف قازاقىستاندىكى بىر نەچچە مەشرەپلەرگە قاتنىشىپ، ياشلارنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئورنى ھەققىدە ئۆز پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە. ئۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان ئىشلارنى ئاتقۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «2007-يىلى ئۇيغۇرلار زىچ ئورۇنلاشقان بارلىق يۇرتلاردىكى ياشلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدا جۇمھۇرىيەتلىك ياشلارنىڭ مەشرىپىنى قۇردۇق. شۇ مەشرەپتىن كېيىن ھەر ئايدا ھەر بىر مەھەللە ئۆزلىرىنىڭ ياشلىرى بىلەن نۆۋەت-نۆۋەت ساھىبخان رېتىدە جۇمھۇرىيەتلىك ياشلارنىڭ مەشرىپىنى ئۇيۇشتۇردى. ھەر بىر مەشرەپ ئاتاقلىق ئادەملەرگە ئاتاپ ئۆتكۈزۈلدى. مۇشۇنداق مەشرەپلەردىن كېيىن ئۇيغۇرلار زىچ ئورۇنلاشقان مەھەللىلەردە كىچىك-كىچىك مەشرەپلەر قۇرۇلۇپ، بارلىق ياشلار مەشرەپكە قاتنىشىپ، بىرىكىشكە باشلىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن جۇمھۇرىيەتلىك ياشلارنىڭ مەشرىپىنى قۇرۇشتىكى ئاساسىي مەقسىتىمىزگە يەتتۇق دەپ ئىشەنچلىك ئېيتالايمىز. جۇمھۇرىيەتلىك ياشلارنىڭ مەشرىپى نامىدىن داۋاملىق تۈردە قولىمىزدىن كەلگۈچە ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە ياردەم قىلدۇق. ھازىرمۇ ھەر قانداق خەيرخاھلىق ئىشلاردىن چەتتە قالماي كېلىۋاتىمىز» .

رۇفات ئابلىزوف پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مۇشۇ ۋاقىت ئارىلىقىدا جۇمھۇرىيەتلىك ياشلارنىڭ مەشرىپىنى قۇرۇشقا كۆپ كۈچ چىقارغان، مۇشۇ كۈنگىچە بىللە ئىشلەپ كېلىۋاتقان ھەر بىر يېزا-مەھەللىنىڭ ئوتتۇز ئوغلىغا چىن كۆڭلىدىن ئۆز مىننەتدارلىقنى بىلدۈردى.

مەشرەپ ئاخىرىدا سۆز ئالغان رىشات جامالوف باشچىلىقىدىكى مەشرەپ ئەھلى نامىدىن مېھمانلارغا ۋە بارلىق ئوتتۇز ئوغۇلغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، نۆۋەتتىكى مەشرەپ تىزگىنىنى غەيرەت ئوتتۇز ئوغلىغا تاپشۇردى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئەنئەنىسى مەشرەپ بولۇپمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللارنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قاتتىق چەكلەنگەنىدى. بۇنىڭغا قارشى بولغان ئۇيغۇر ياشلىرى، مەسىلەن، 1997-يىلى 5-فېۋرالدا ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي ھەقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن غۇلجا شەھىرىدە تىنچلىق نامايىشقا چىققان. لېكىن نامايىش ئوققا تۇتۇلۇپ، ئۇنى تەشكىللىگۈچىلەر ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى، يۈزلىگەن، مىڭلىغان ياشلار تۈرمىلەرگە تاشلانغانىدى.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org