مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستاندىكى ئوقۇش قازاق، رۇس، ئۆزبېك، ئۇيغۇر ۋە تاجىك تىللىرىدا يۈرگۈزۈلىدىغان مەكتەپلەر يېقىندا 2019-2020-ئوقۇش يىلىنى تاماملاپ، 25-مايدا «ئاخىرقى قوڭغۇراق» مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. لېكىن دۇنياغا تارقىغان كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئەلدە پەۋقۇلئاددە ھالەت، ئاندىن كارانتىن تەرتىپى ئېلان قىلىنغاچقا، مەزكۇر مۇراسىم بۇ يىلى ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئۆتتى.
قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم ئالىدىغان مەكتەپلەر كارانتىن تەرتىپى ۋەزىيىتىدە ئوقۇش يىلىنى قانداق تاماملىدى؟
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىدىكى بىر قانچە مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرلىرىغا مۇراجىئەت قىلدۇق.
پانفىلوف ناھىيەسىگە قاراشلىق ياركەنت شەھىرىدە ئورۇنلاشقان بىلال نازىم نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنى 2011-يىلدىن بۇيان باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان شېرىناي ھەسانوۋا خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەكتەپ 1993-يىلى قوللىنىشقا بېرىلگەن. مەكتەپتە 100 ئۇستاز ئىشلەيدۇ، 1084 بالا بىلىم ئالماقتا. بۇ ئوقۇش يىلىنى 55 بالا تاماملاۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئىككى شاگىرت يۇقىرىقى ئوقۇش ئورۇنلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىسى. ئوقۇغۇچىلارنى بىرىنچى سىنىپقا توپلاش بويىچە بۇ يىلى ئۈچ سىنىپ ئېچىلىش ئالدىدا تۇرىدۇ. تۆتىنچى سىنىپىنى ئېچىشقا تەييارلىنىۋاتىمىز. ئېلىمىزدە پەۋقۇلئاددە ئەھۋال ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بارلىق بىلىم بېرىش مەھكىمىلىرى ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئوقۇتۇشقا كىرىشتى. بىزنىڭ مەكتىپىمىز 2009-2010-ئوقۇش يىلىدىن باشلاپ كۆپ تىللىق ئوقۇش سىستېمىسىغا كۆچكەن ئىدى».
شېرىناي ھەسانوۋا بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى پەنلىرى مۇئەللىمى راشىدەم ئىسائېۋا، بىئولوگىيە مۇئەللىمى ساجىدەم شاۋدۇنوۋا، مەكتەپنىڭ ئىلمىي مۇدىرى رۇستەم ھاشىموفقا ئوخشاش ئۇستازلارنىڭ ئۆز ئىشىدا ياخشى كۆرسەتكۈچلەرنى نامايىش قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ ئاقتام ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇش قازاق ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا يۈرگۈزۈلىدىغان بولۇپ، مەكتەپكە ھازىر ئۆكتەبىر ھېزماخۇنوف رەھبەرلىك قىلماقتا. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 1967-يىلى مەكتەپ ئۆزىنىڭ تۇنجى ئوقۇغۇچىلىرىنى ئوقۇش پۈتتۈرگۈزگەن بولۇپ، ھەر يىلى مەكتەپ پۈتتۈرگۈچىلەر ھەر خىل ئوقۇش ئورۇنلىرىغا ئوقۇشقا كىرىپ، بۈگۈنكىچە ھەر ساھەلەردە ئەمگەك قىلماقتىكەن.
ئۆكتەبىر ھېزماخۇنوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «مەكتىپىمىزدە 328 ئوقۇغۇچى بار. ئۇلار بۇ ئوقۇش يىلى تۆتىنچى چارەكنى ھازىرقى كورونا ۋىرۇسىغا باغلىق ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئوقۇتۇشقا كۆچتى. ئەلۋەتتە، باشتا ئىنتېرنېتقا باغلىق بىر ئاز قىيىنچىلىقلار بولدى. بىراق مۇئەللىملەرنىڭ تىرىشچانلىقى، ئاتا-ئانىلارنىڭ ياردىمى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىزدىنىشى ئارقىلىق بۇ ۋەزىيەتتىن ئۇتۇقلۇق چىقتۇق. ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئوقۇتۇشتا بالىلىرىمىز ھەر قانداق كۆۋرۈكلەرگە، بايقاشلارغا، مۇسابىقىلەرگە سىرتتىن قاتنىشىپ، 100دىن ئوشۇق ئوقۇغۇچىمىز ھەر خىل دەرىجىدىكى گۇۋاھنامىلەر، پەخرىي يارلىقلار بىلەن تەقدىرلەندى. بۇ ئوقۇش يىلىدا 95 ئوقۇغۇچى بارلىق پەنلەرنى ئەلا باھالار بىلەن پۈتتۈرگىنى ئۈچۈن تەشەككۈرنامە بىلەن تەقدىرلەندى. 8 ئوقۇغۇچىمىز ئاساسىي ئوقۇش كۇرسىنى قىزىل گۇۋاھنامە بىلەن پۈتتۈرۈۋاتىدۇ. بىر ئوقۇغۇچىمىز مەكتەپنى ‹ئالتۇن بەلگە› بىلەن تاماملاۋاتىدۇ.»
ئۆكتەبىر ھېزماخۇنوف يەنە مەكتەپ مۇئەللىملىرىنىڭ ناھىيە، ۋىلايەت دائىرىسىدە ئۆز ئىش-تەجرىبىلىرىنى نامايىش قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ساپالىق بىلىم بېرىۋاتقانلىقىنى، مەكتەپنىڭ ناھىيە بويىچە ئالدىنقى قاتارلىق مەكتەپلەر سېپىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ بايسېيىت يېزىسىدا ئورۇنلاشقان ئىسمائىل تايىروف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ مۇدىرى ئىليار ئابدۇخالىق ئوغلىنىڭ ئېيتىشىچە، مەكتەپ 1911-يىلى رۇس ۋە يەرلىكلەر مەكتىپى بولۇپ قۇرۇلغانىكەن. ئاندىن ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپ، يەتتە يىللىق مەكتەپ بولۇپ، 1963-يىلى ئۇنىڭغا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتى ئىسمائىل تايىروف نامى بېرىلىپ، 1969-يىلى ئوتتۇرا مەكتەپ ئاتالغانىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە مەكتەپتە 1-سىنىپتىن 11-سىنىپقىچە 615 ئوقۇغۇچى، مەكتەپ ئالدى تەييارلىق توپىدا 46 ئوقۇغۇچى، مەكتەپ يېنىدىكى بالىلار باغچىسىدا 50 گۆدەك تەربىيەلىنىۋاتىدۇ. ئۇلارغا 66 ئۇستاز ھارماي-تالماي بىلىم بېرىپ كەلمەكتە. تاجسىمان ۋىرۇسى ۋاقتىدا بىزنىڭ مەكتەپمۇ ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئوقۇتۇشقا ئۆتتى. بۈگۈنكى كۈندە 31 نەپەر قىز-يىگىتلىرىمىز مەكتەپ تاماملاش ئالدىدا تۇرىدۇ. 5 قىز-يىگىت ئەلا باھالار بىلەن، يەنى ئىككى قىزىمىز ‹ئالتۇن بەلگە› بىلەن تاماملاۋاتىدۇ. بۇ بىز ئۈچۈن چوڭ ئۇتۇقلارنىڭ بىرى. مۇشۇ ئۇتۇقلارغا يەتكۈزگەن ئۇستازلارغا چوڭ ئالقىشىمنى بىلدۈرمەكچىمەن.»
ئالمۇتا شەھىرىلا ئەمەس، بەلكى جۇمھۇرىيەت دائىرىسىدە ئەڭ ئالدىنقى قاتارلىق مەكتەپلەرنىڭ بىرى ئاتالغان ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيە مۇدىرى شاۋكەت ئۆمەروفنىڭ ئېيتىشىچە، مەكتەپنىڭ تارىخى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن باشلىنىدىكەن. ئۇ مەكتەپنىڭ 1964-يىلى تولۇق سەككىز يىللىق، 1967-يىلى تولۇق ئون يىللىق بولۇپ، 2001-يىلى ئۇنىڭ گىمنازىيەلىك دەرىجىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ھەم ئۈلگىلىك، ئىلغار مەكتەپلەر قاتارىغا كىرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ مەكتەپ شۇنداقلا يۇنېسكو (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ باشقارمىسى) قاتارىغا كىرگەن مەكتەپلەرنىڭ بىرى ھەم شۇنداقلا قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيەسىنىڭ، بىلىم مىنىستىرلىقىنىڭ ھەم ياۋروپا ھەمكارلىق ۋە بىخەتەرلىك تەشكىلاتىنىڭ كۆپ تىللىق بىلىم بېرىش بويىچە تەجرىبە مەكتەپلىرىنىڭ بىرى. تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىغا بىنائەن بىز ئىش شەكلىنى ئۆزگەرتتۇق. تۈنۈگۈنكى ئاخىرقى قوڭغۇراق پائالىيىتىنىمۇ بىز ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولدۇق. ئوقۇش يىلىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 1420 ئوقۇغۇچى بىلەن تاماملاۋاتىمىز. بىلىم ساپاسى 68 پىرسەنتكە يەتتى. ئۇنىڭ ئىچىدە 280گە يېقىن ئەلاچى، 300 زەربىدار ئوقۇغۇچىمىز مەكتەپنى پۈتتۈرۈۋاتىدۇ. 11-سىنىپىنى 38 ئۇچۇمكار تاماملاپ، ئۇلارنىڭ تۆتى ‹ئالتۇن بەلگە› بىلەن مەكتەپنى پۈتتۈرمەكتە.»
شاۋكەت ئۆمەروف ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارغا ھېنىپاخۇن باراتوف، ئابدۇللا روزىباقىيېف، ئىبراي ئالتىنسارىن، ساۋۇت كېبىروف نامىدىكى مۇكاپاتلارنىڭ كارانتىن سەۋەبىدىن يېڭى ئوقۇش يىلىدا تاپشۇرۇلىدىغانلىقىنى، مەكتەپتە ساپالىق بىلىم ئېلىش ئۈچۈن بارلىق مۇمكىنچىلەكلەرنىڭ يارىتىلغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە ئوقۇغۇچىلار ۋە مۇئەللىملەرنىڭ ھەر خىل ساھەلەر بويىچە ئۆتىدىغان مۇسابىقىلەردە ياخشى كۆرسەتكۈچلەرگە ئىگە بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ھازىر 110 ئەتراپىدا مۇئەللىم ئىشلەيدىغان مەزكۇر گىمنازىيەدە كېيىنكى ئوقۇش يىلىغا بالا توپلاش ئىشلىرى مېڭىۋاتقان بولۇپ، 1-سىنىپقا 150 بالىنىڭ كېلىشى كۈتۈلمەكتىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ھازىر قازاقىستان بويىچە 60 تىن ئوشۇق مەكتەپتە ئۇيغۇر بالىلىرى ئانا تىلىدا بىلىم ئېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي سانى 15 مىڭدىن ئاشىدىكەن. بۇ مەكتەپلەر ئاساسىي جەھەتتىن ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىدە ئورۇنلاشقان. مەكتەپلەر ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇش قوراللىرى بىلەن تەمىنلىنىپ، بۇنىڭغا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مەخسۇس خىراجەت ئاجرىتىلىپ تۇرىدىكەن.
0:00 / 0:00