قازاقىستاننىڭ ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى قىسقىراپ كەتكەن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020.09.15
qazaqistan-uyghur-ektep-1.jpg

ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى. 2015-يىل ئالمۇتا. RFA/Oyghan

qazaqistan-uyghur-ektep-2.jpg

ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى. 2015-يىل ئالمۇتا. RFA/Oyghan

qazaqistan-uyghur-ektep-3.jpg

سابىرجان ماناشېف چايكوۋسكىي نامىدىكى ئالمۇتا مۇزىكا مەكتىپى ئۇيگۇر بۆلۈمى ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن. RFA/Oyghan

qazaqistan-uyghur-ektep-4.jpg

سابىرجان ماناشېف چايكوۋسكىي نامىدىكى ئالمۇتا مۇزىكا مەكتىپى ئۇيگۇر بۆلۈمى ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن. RFA/Oyghan

قازاقىستاندىكى كەسپىي ۋە ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ھەر ساھەلەر بويىچە ئۇيغۇر كادىرلىرىنى تەييارلاپ كەلگەنلىكى مەلۇم. ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرى ئۈچۈن مەخسۇس بۆلۈملەر ئەينى ۋاقىتلاردا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەركىبىدە بولغان قازاقىستاننىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارلىق بىلىم دەرگاھلىرىدا ئېچىلغان ئىدى. ھازىر ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئالمۇتا شەھىرىدە ئورۇنلاشقان ئاباي نامىدىكى مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، ئەل-فارابى نامىدىكى قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتى، جۈرگېنوف نامىدىكى قازاق مىللىي سەنئەت ئاكادېمىيەسى، شۇنداقلا چايكوۋسكىي نامىدىكى ئالمۇتا مۇزىكا مەكتىپى شۇلار جۈملىسىدىندۇر.

ئىگىلىنىشىچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن، يەنى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى جۇمھۇرىيەتلەر ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق ئالغاندىن بۇيان باشلانغان سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن مەزكۇر ئۇيغۇر بۆلۈملىرى كۆپلىگەن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن ئىكەن. بۇنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئۇلارنىڭ مەقسەت-ۋەزىپىلىرى ۋە شەرتلىرىمۇ ئۆزگىرىپ، ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنىدىغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ سانى جىددىي تۈردە قىسقىراپ كەتكەن. يېقىندا ئەنە شۇ يۇقىرىدا ئاتالغان بىر قاتار ئوقۇش ئورۇنلىرىغا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىزىملىكى رەھبەرلىك تەرىپىدىن تەستىقلەنگەن ئىدى. بىز ئەنە شۇ بىلىم دەرگاھلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنى زىيارەت قىلىپ، ھازىرقى ئەھۋالنى ئىگىلىدۇق.

ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چوڭ ئوقۇتقۇچىسى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى خالمىنەم مەسىموۋا خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئۇنىۋېرسىتېت سوۋېت دەۋرىدە ھەم كېيىنكى مۇستەقىللىق يىللىرى ئۇيغۇر كادىرلىرىنى ئەڭ كۆپ تەييارلىغان ئوقۇش ئورنى ئىكەن. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-90-يىللىرى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىگە ھەر يىلى 25-30 نەپەر ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرى قوبۇل قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي سانى 100 دىن، ئۇنىۋېرسىتېتتىكى باشقا ساھەلەر بويىچە 300 دىن ئاشاتتىكەن. ئەمما بولۇپمۇ 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ئۇلارنىڭ سانى بارا-بارا كېمىيىشكە باشلىغان. بۈگۈنكى كۈندە بۇ بۆلۈمدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 20 گىمۇ يەتمەيدىكەن.

خالمىنەم مەسىموۋا مۇنداق دېدى: «ئومۇمەن 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ مۇئەللىملىك ئوقۇشىغا كېلىۋاتقان ياشلارنىڭ، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ سانى كەسكىن قىسقىراشقا باشلىدى. بۇنىڭ بىر نەچچە سەۋەبلىرى بولدى. بىرىنچىدىن، ئىلگىرىكى ھۆكۈمەت ھېسابىغا ئوقۇش شەرتى قىسقىراپ، ھەر بىر بىلىم يۇرتىدا ھەقلىق ئوقۇش قائىدىسى قوبۇل قىلىنىپ، بۇ بولۇپمۇ تۇرمۇشى ناچار ئائىلىلەرگە ئېغىر كەلدى. ئىككىنچىدىن، 2000-يىلى ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى كافېدراسىنىڭ يېپىلىشى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ كېيىنكى ئىشىغا سەلبىي تەسىرىنى يەتكۈزدى. ئۈچىنچىدىن، ئومۇمەن ياشلارنىڭ مۇئەللىملىك كەسپىگە بولغان قىزىقىشى تۆۋەنلەپ كەتتى. يەنە بىر بىزنى تەشۋىشلەندۈرىدىغان سەۋەبمۇ بار، دەپ ئويلايمەن. بۇ ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان بالىلار سانىنىڭ قىسقىراپ كېتىشى. دېمەك رۇس تىلىنىڭ تەسىر كۈچى ھېلىغىچە ساقلىنىۋاتىدۇ دېگەن سۆز.»

ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ ۋە ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تەركىبىدە ئۇيغۇر بۆلۈمى تۇنجى قېتىم 1955-يىلى ئېچىلغانىدى. كېيىنىرەك مەزكۇر بۆلۈم يېپىلىپ، پەقەت 1980-يىلى فىلولوگىيە فاكۇلتېتىدا رۇس-ئۇيغۇر بۆلۈمى ئېچىلدى. بۆلۈم دەسلەپتە رۇس تىلى ۋە ئەدەبىياتى ھەم ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى مۇئەللىملىرىنى، ئاندىن كېيىن ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى مۇتەخەسسىسلىكى بىلەن بىر قاتاردا باشلانغۇچ ئوقۇتۇشىنىڭ پېداگوگىكىسى ۋە مېتودىكىسى، تارىخ، قازاق تىلى، ئىنگلىز تىلى ساھەلىرى بويىچە كادىرلارنىمۇ تەييارلىغان ئىدى.

ئالمۇتا شەھىرىدە ئورۇنلاشقان يەنە بىر چوڭ ئوقۇش ئورنى جۈرگېنوف نامىدىكى قازاق مىللىي سەنئەت ئاكادېمىيەسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى ئاكادېمىيەلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىنىڭ رېژىسسورى يالقۇنجان شەمىيېف ئەپەندى مەزكۇر ئوقۇش ئورنىدا تۇنجى قېتىم 1977-يىلى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بۇ گۇرۇپپىدا ئانچە جىق ئادەم بولمىغان. ئاندىن 1988-يىلى ئۇيغۇر گۇرۇپپىسىنى مەن قوبۇل قىلغان. 1993-يىلى ئۇلار ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن كۆپىنچىسى تىياتىردا ئىشلىيەلمەي قالدى. بىراق ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئۈچ-تۆتى تىياتىرىمىزدا ئىشلەۋاتىدۇ. 1997-يىلى 15 ئادەم ئالغان. كۆپىنچىسى تىياتىرىمىزدا ئىشلەۋاتىدۇ. كېيىن ئىككى گۇرۇپپا قوبۇل قىلدىم. بۇ يىلى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى بىزگە يەنە مۇمكىنچىلىك بەردى.»

ئالمۇتا شەھىرىدە سەنئەت كادىرلىرىنى تەربىيىلەپ چىقىدىغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوقۇش ئورۇنلىرىنىڭ بىرى چايكوۋسكىي نامىدىكى ئالمۇتا مۇزىكا مەكتىپىدە 1982-يىلى قازاقىستاننىڭ خەلق ئارتىسى، ئاتاقلىق كومپوزىتور قۇددۇس غوجامياروفنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۇيغۇر بۆلۈمى ئېچىلىپ، ئۇ بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ئىشلەۋاتماقتا. مەزكۇر بۆلۈمنىڭ ھازىرقى ئوقۇتقۇچىسى سابىرجان ماناشېف ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئۇ يىللىرى تۆت يىلدا بىر ئۇيغۇر بۆلۈمى ئېچىلغان ئىدى. 90-يىللاردىن باشلاپ ھەر يىلى ئالىدىغان قىلغان. بۇ يىلى مەكتەپنى ئۈچ بالا تاماملىدى. شۇ ئۈچ بالىنىڭ ئورنىغا يەنە ئۈچ بالا ئېلىندى. 2010-يىلى مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلاردىن قۇرۇلغان ‹دوستلۇق› ئانسامبىلى ئۆز ئىشىنى باشلىدى.»

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، سوۋېت دەۋرىدە قازاقىستاندا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپى، مەدەنىيىتى، مەتبۇئاتى، ئەدەبىياتى، ئىلىم-پەنى، بولۇپمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن كېيىن مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تەرەققىي ئەتكەن ئىدى. 1958-يىلى قازاق رادىيوسىدا ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش پروگراممىسىنىڭ، 1984-يىلى قازاقىستان تېلېۋىزىيەسىدە «ئالاتاغ» ئۇيغۇرچە پروگراممىسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى، 1986-يىلى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئېچىلىشى، شۇ ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار ھاياتىدا يۈز بەرگەن چوڭ ۋەقە بولغان ئىدى. ئەمما 1990-يىللارنىڭ باشلىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرلىگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ، مەتبۇئات ۋە باشقىمۇ ساھەلىرى چۆكۈشكە باشلىدى.

«تۇران» ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئابلەھەت كامالوف ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «1956-يىلى سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى كەسكىنلىشىشكە باشلاپ، ئىككى ئوتتۇرىدىكى سوغۇقچىلىق تا 80-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغىچە داۋاملىشىپ كەلدى. شۇ ئارىلىقتا سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ خىتايغا قارشى سىياسىتىدە ‹ئۇيغۇر كارتىسى› نى داۋاملىق ئويناپ كەلگەن ئىدى. مەسىلەن، ‹ئالاتاغ› ئۇيغۇرچە كۆرسىتىشلەر پروگراممىسىنىڭ ئېچىلىشىغا خىتاينىڭ ئۇيغۇر تىلىدا تارقىتىلىدىغان خەۋەرلىرى سەۋەب بولغان. شۇ ۋاقىتتا سوۋېت رەھبەرلىكى دۆلەت بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا يۇقىرىدا ئاتالغان پروگراممىنى ئېچىشنى مۇۋاپىق كۆرگەن ئىدى. ئەمدى 1986-يىلى ئېچىلغان ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئاساسىي تەتقىقات ئوبيېكتى خىتاي، شۇ جۈملىدىن شىنجاڭ-ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بولغان ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، قازاقىستان خىتاي بىلەن قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ئورناتقاندىن كېيىن، مەزكۇر ئۇيغۇرچە رادىيو ۋە تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنىڭ، شۇنداقلا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ قازاقىستان ئۈچۈن زۆرۈرىيىتى قالمىغانىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، دەسلەپكى مۇستەقىللىق يىللىرى پەيدا بولغان بەزى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارمۇ ئۇلارنىڭ يېپىلىشىغا ياكى جىددىي تۈردە قىسقىراپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى.»

ئىگىلىشىمىزچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدا ۋە كېيىنكى يىللاردا قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدا بىر نەچچە گېزىت-ژۇرناللار نەشر قىلىنىشقا باشلىغان ئىدى. «بىزنىڭ زامان»، «ئانا مەكتەپ»، «مەرىپەت»، «خۇش كەيپىيات» قاتارلىق گېزىتلەر، «پەرۋاز»، «ئارزۇ»، «دىدار» قاتارلىق ژۇرناللار ئۆزلىرىنى ئۆزى تەمىنلىگەنلىكتىن بىر ئاز ۋاقىت ئۆمۈر سۈرۈپ، كېيىنچە ئىقتىسادىي تاپچىلىق سەۋەبىدىن يېپىلىپ كەتكەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.