ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىسى نارىمان قۇربانوف دۇنيا مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى

ئالمۇتادىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان تەييارلىدى
2024.02.29
nariman-qazaqistan-tenherket گىمناستىكىچى نارىمان قۇربانوف گېرمانىيەنىڭ كوتبۇس شەھىرىدە ئۆتكەن گىمناستىكا بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىدا ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. 2024-يىلى 25-فېۋرال.
RFA/Oyghan

داڭلىق گىمناستىكىچى نارىمان قۇربانوف 22 ۋە 25-فېۋرال ئارىلىقىدا گېرمانىيەنىڭ كوتبۇس شەھىرىدە ئۆتكەن گىمناستىكا بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىدا ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. ئۇ ياغاچ ئاتتا ئويۇن كۆرسىتىش تۈرى بويىچە بىرىنچىلىكنى ئىگىلىدى.

بۇ ھەقتە قازاقىستاننىڭ «قازاق ئاخبارات» خەلقئارا ئاخبارات ئاگېنتلىقى ۋە باشقىمۇ بىر قاتار ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، شۇنىڭدەك مەملىكەتنىڭ ساياھەت ۋە تەنھەرىكەت مىنىستىرلىقى ھەمدە ئولىمپىك كومىتېتى خەۋەر تارقاتقان. ئۇلاردا ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر مۇسابىقىگە 70 تىن ئوشۇق دۆلەتتىن 300 ئەتراپىدا تەنھەرىكەتچى قاتناشقان. قازاقىستانلىق نارىمان قۇربانوف بىرىنچىلىككە، ئىيوردانىيەلىك ۋە جەنۇبىي كورېيەلىك تەنھەرىكەتچىلەر ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئورۇنلارغا ئېرىشكەن.

مەزكۇر نەتىجىسى بىلەن نارىمان قۇربانوفنىڭ بۇ يىل فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا ئۆتىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىغا مۇمكىنچىلىكلەر تۇغۇلغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «كېنتاۋر» قابىلىيەتلىك تەنھەرىكەتچىلەرگە ياردەم قىلىش جەمئىيەتلىك فوندىنىڭ پرېزىدېنتى، قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ترېنېر، نارىمان قۇربانوفنىڭ ئۇستازى مەخمۇت ئىسكەندەروف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بىرىنچى كۈنى تاللاش بولدى. ئۇنىڭغا ھەر ئەللەردىن 50 كە يېقىن تەنھەرىكەتچى قاتناشتى. ئاخىرقى يەكمۇ-يەك مۇسابىقىگە پەقەت 8 ئادەم قېلىپ، نارىمان بىرىنچىلەردىن بولۇپ بىرىنچى نومۇر بىلەن شۇ سەككىزلىك قاتارىغا كىردى. بۇ ناھايىتى ياخشى. دېمەك ئۇ ئىشەنچلىك ھالدا مۇكاپات ئىگىلەشكە قاراپ ماڭدى دېگەن سۆز. ئىككىنچى كۈنى ئەنە شۇ 8 ئادەم كۈچ سىناشتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بولۇپمۇ كورېيە ۋە ئىيوردانىيەنىڭ، شۇنىڭدەك ياۋروپا ھەم ئامېرىكانىڭ ئەڭ كۈچلۈك تەنھەرىكەتچىلىرى بولدى. نارىمان ئۆز ۋەزىپىسىنى ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاپ چىقىپ، ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. راست، بۇ باسقۇچ ئۇنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە يوللانما ئېلىشىغا مۇمكىنچىلىك ياراتتى. ئەمما بۇ باسقۇچ تېخى ئاخىرقىسى ئەمەس. ئالدىمىزدا باكۇدا ئۆتىدىغان مۇسابىقە بار. نارىمان گېرمانىيەدىن شۇ ياققا ئۇچۇپ كەتتى. ھازىر ئۇ ئون كۈنلۈك تەييارلىق مەشىقلىرىگە كىرىشتى.»

ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن گىمناستىكىچى نارىمان قۇربانوف سەپداشلىرى بىلەن. 2024-يىلى 25-فېۋرال.
ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن گىمناستىكىچى نارىمان قۇربانوف سەپداشلىرى بىلەن. 2024-يىلى 25-فېۋرال.
RFA/Oyghan

مەخمۇت ئىسكەندەروف نارىمان قۇربانوفنىڭ ئالدىدا چوڭ ۋەزىپىلەر بارلىقىنى ئېيتىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «مۇبادا ئۇ يەنە بىر ئالتۇن مېدالغا ئېرىشسە، ئۇ چاغدا ئۇنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا يوللانما ئېلىشى ئۈچۈن كەڭ مۇمكىنچىلىك يارىتىلىدۇ. ئەگەردە بىزنىڭ بۇ يىگىتىمىز يوللانما ئېلىپ، ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشسا، بۇ بىز ئۈچۈن چوڭ تارىخىي ۋەقە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر مۇسابىقە بار بولۇپ، ئۇنىڭدىمۇ نارىمان بىرىنچىلەردىن بولۇشى لازىم. شەرتلەر ئىنتايىن مۇرەككەپ. لېكىن ئۇنىڭ يوللانما ئالىدىغىنىغا چوڭ ئۈمىد بار. چۈنكى ئاخىرقى ئىككى يىل ئىچىدە خەلقئارا گىمناستىكا بىرلەشمىسىنىڭ ھېسابى بويىچە نارىمان بىرىنچىلەرنىڭ تىزىمىغا كىردى. ھازىرچە باكۇدا ئۆتىدىغان مۇسابىقىدىن ئۈمىد كۈتۈۋاتىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز نارىمانغا چوڭ ئۇتۇق تىلەيمىز.»

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى بىرلىكىنىڭ ئەزاسى نوزۇگۇم تايىروۋا خانىم نارىمان قۇربانوف ھەققىدە مۇنداق دېدى: «ياشلىرىمىزنىڭ تەنھەرىكەتنىڭ ھەر خىل تۈرلىرىدىن ياخشى نەتىجىلەرنى كۆرسىتىۋاتقانلىقى بىزنى خۇشال قىلىدۇ، ئەلۋەتتە. شۇلارنىڭ بىرى نارىمان قۇربانوف يېقىندا گېرمانىيەدە ئۆتكەن گىمناستىكا بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىدە يەنە بىر مەرتەم ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى نارىماننىڭ دۇنيا مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ، قولغا كەلتۈرۈۋاتقان ئۇتۇقلىرى بىلەن يېقىندىن تونۇش. بۇ ھەقتە يەرلىك مەتبۇئاتلاردا، شۇنداقلا ئىجتىمائىي تورلاردا پات-پات خەۋەرلەر ئېلان قىلىنىپ تۇرىدۇ. نارىماننىڭ بىر ئاجايىپ خىسلىتى-ئۇنىڭ ئۆز ئالدىغا قويغان نىشان-مەقسىتىدىن ھەرگىز چېكىنمەسلىكى، بەك تىرىشچانلىقىدۇر. خەلقئارا دەرىجىلىك تەنھەرىكەت ماھىرى نارىماننىڭ پۈتكۈل قازاقىستان نامىدىن شۇنچىلىك يۇقىرى دەرىجىلىك مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك تەنھەرىكەتچىلىرى ئىچىدىن ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىشى ھەر كىمنىڭ قولىدىن كېلىۋەرمەيدۇ. ھازىر ئۇ نۆۋەتتىكى مۇسابىقىگە تەييارلىنىۋاتىدۇ. بىز قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ياشلىرى نامىدىن نارىمان قۇربانوفنىڭ شۇ ئالدىنقى سىناقلاردىن ئۆتۈپ، پارىژدا بولىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ھەم تىلەكداشمىز. بىز نارىمانغا ئىشىنىمىز!».

مەلۇماتلاردىن ئىگىلىشىمىزچە، بۇ يىل 26-ئىيۇلدىن 11-ئاۋغۇستقىچە فىرانسىيە پايتەختى پارىژ شەھىرىدە 33-نۆۋەتلىك ئولىمپىك مۇسابىقىسى بولىدۇ. ئەگەر نارىمان قۇربانوف گىمناستىكا بويىچە بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئىمكانىيىتى بولسا، بۇ، قازاقىستان ئۈچۈنمۇ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ زور شەرەپ ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.