قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئەدەبىيات فېستىۋالى ئۆتكۈزدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020-05-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى مۇئەللىملىرىنىڭ 2-رايونلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى قاتناشقۇچىلار خاتىرە سۈرەتتە. 2014-يىلى 26-ئاپرېل، ئالماتا.
ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى مۇئەللىملىرىنىڭ 2-رايونلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى قاتناشقۇچىلار خاتىرە سۈرەتتە. 2014-يىلى 26-ئاپرېل، ئالماتا.
RFA/Oyghan

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرى، سەنئىتى، مەدەنىيىتى، ئەدەبىياتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۇلارنى تەرغىب قىلىشتا ئانا تىلىنىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ جەھەتتە مەملىكەتنىڭ ئاساسەن ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىگە جايلاشقان ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەر، شۇنداقلا ھەر خىل ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ كەلگەنىدى.

بۇ يىلى دۇنياغا تارىغان كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازاقىستاندا پەۋقۇلئاددە ھالەت ھەمدە كارانتىن تەرتىپى ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار بار مۇمكىنچىلىكلەردىن پايدىلىنىپ، ئەھۋالى ئېغىر ئائىلىلەرگە، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى، يەنى سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشى قاتناشقۇچىلىرىغا، تەبىئىي ئاپەت يۈز بەرگەن يەرلەرگە ماددىي ياردەم بېرىشكە ئوخشاش پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. يېقىندا بولسا، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا ئاتاقلىق شائىر ئابدۇمېجىت دۆلەتوفنىڭ خاتىرىسىگە بېغىشلانغان جۇمھۇرىيەتلىك «باھار قايتىدۇ» ئەدەبىيات فېستىۋالى بولۇپ ئۆتتى.

فېستىۋالنى تەشكىللىگەن «ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى قوللاش فوندى» نىڭ مۇدىرى، دوكتور ئالىمجان ھەمرايېف ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، بولۇپمۇ 2000-يىللاردىن باشلاپ قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مىللىي مائارىپى، ئەدەبىياتى كۆپلىگەن ئۆزگىرىشلەرگە خىرىسلارغا دۇچ كەلگەن ئىكەن. ئۇ بۇ يۆنىلىشلەردە پەيدا بولغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە «ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى قوللاش فوندى» نى تەشكىللىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «مەقسەت ئىككى يۆنىلىشتە ئېلىپ بېرىلدى. بىرىنچىسى، مىللىي ئەدەبىياتىمىزنى جانلاندۇرۇش. ئىككىنچى، مىللىي مائارىپتىكى مەسىلىلەر، خىرىسلار، ئۇلارنىڭ يېشىش يوللىرى. مۇشۇ ئىككى يۆنىلىشتە جانلىق پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقىنىمىزغا 10 يىل بولدى. بۇ يىلى 7 يىل بولدى ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسى ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى بىلەن ھەمكارلىقتا كۆرۈنەرلىك شائىرىمىز ئابدۇمېجىت دۆلەتوف نامىدىكى ‹باھار قايتىدۇ› فېستىۋالىنى تەشكىل قىلغىنىمىزغا. بۇ فېستىۋال كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىپ، ئاممىۋى بىر مەدەنىي ھەرىكەتكە ئايلاندى. فېستىۋال ئاساسىدا يەنە ئىككى يۆنىلىشتە ئىش ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. بىرىنچى، ئۆز ئىجادىيىتى بويىچە تالانتلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئىزدەپ تېپىش. ئىككىنچى ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇش.»

ئالىمجان ھەمرايېف بۈگۈنكى كۈنگىچە مەزكۇر فېستىۋالغا ئومۇمەن 500 دىن ئوشۇق، ھەر يىلى بولسا، 50-60 ئەتراپىدا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى، شۇلارنىڭ ئىچىدىن 10 بالىنىڭ تاللىنىپ، ھەر خىل مۇكاپاتلارغا تەقدىرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەملىكەتتە ئېلان قىلىنغان كارانتىن سەۋەبىدىن بۇ يىلقى فېستىۋال تور ئارقىلىق ئۆتكەنىكەن.

ئالىمجان ھەمرايېف يەنە مۇنداق دېدى: «بىز 20-ئەسىردە ئانا دىيارىدا بولسۇن، چوڭ زىيالىيلارنى تارتقان مەدەنىي قىرغىنچىلىقلارغا ئۇچرىغان خەلق سۈپىتىدە قايتىدىن ئۆز مەدەنىيىتىمىزگە ۋارىسلىق قىلىش مەسىلىسى ناھايىتى چوڭ مۇئەمما بولۇپ تۇرماقتا. بىز ئون ئەسىر جۇشقۇن راۋاجلانغان مىللىي ئەدەبىيات نەمۇنىلىرىنى تېخىچە چوڭقۇر ئوقۇپ، بىلىم كېتەلمەيۋاتىمىز. بۇ مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ تۈپ ئاساسىدىن ئۆزگىرىشىگە سەۋەبچى بولۇۋاتقان ئامىل، خىرىس دەپ قارايمەن. ھازىر ئۆز مىللىتىنىڭ يىلتىزىغا قايتىپ كېلىش، تەتقىق قىلىش جەريانلىرى كۈچەيدى. ‹ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى قوللاش فوندى›مۇ مۇشۇ جەرياندا ئۆز پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.»

ئالىمجان ھەمرايېفنىڭ ئېيتىشىچە، فوند پائالىيىتىنى ھەرتەرەپلىمە قوللاپ-قۇۋۋەتلەشتە ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيەلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى «جانان» فوندى، ئالمۇتا شەھەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى، شۇنداقلا كۆپلىگەن زىيالىيلار ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئىكەن. ئۇ بۇ يىلى ئۇيۇشتۇرۇلغان «باھار قايتىدۇ» ئەدەبىيات فېستىۋالىنىڭ ئىككى چوڭ مۇراسىم ھارپىسىدا، يەنى دۇنيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىيەت يىلى ھەمدە بېلارۇسىيەدە ئېلان قىلىنغان قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى يىلى ھارپىسىدا ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى، شائىرە شائىرەم باراتوۋا خانىم ھەر قانداق مىللەت ئۈچۈن ئۇنىڭ ئانا تىلىنىڭ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «قازاقىستاندا ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ مىللەتلەر ئۈچۈن ئۆز تىلىنى، مەدەنىيىتىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاش ۋە تەرغىب قىلىشى ئۈچۈن بارلىق مۇمكىنچىلىكلەر مەۋجۇت. بۇ ھەقتە ئېلىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىدىمۇ ئېيتىلغان. ئۇيغۇرلارنى ئالىدىغان بولساق، 60 تىن ئوشۇق مەكتەپلەردە پەرزەنتلىرىمىز ئانا تىلىدا بىلىم ئېلىۋاتىدۇ، ئۇيغۇر تىلىدا گېزىتلىرىمىز، ژۇرناللىرىمىز، مەكتەپلىرىمىز ئۈچۈن ئوقۇش قوراللىرى، ئەدەبىي ئەسەرلىرىمىز چىقىۋاتىدۇ، ئاكادېمىيەلىك ئۇيغۇر تىياتىرى ئىشلەۋاتىدۇ، قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. مۇشۇنىڭ بارلىقىنى ئانا تىلىمىزنى ساقلاپ قېلىۋاتقانلىقىدىن دەپ بىلىمەن. سەۋەبى ئانا تىلىسىز سەنئەتنىڭمۇ، ئەدەبىياتنىڭمۇ، مەدەنىيەتنىڭمۇ راۋاجلىنىشى، بىر مىللەتنىڭ مىللەت سۈپىتىدە ساقلىنىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس.»

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالمۇتا شەھىرى مۇرات ھەمرايېف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى مۇئەللىمى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى ھاكىمجان ھەمرايېف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ۋە ئايرىم تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلۇۋاتقان كۆپلىگەن سەنئەت ۋە ئەدەبىيات فېستىۋاللىرىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كلاسسىك ۋە زامانىۋى ۋەكىللىرىنىڭ، شۇ جۈملىدىن تارىخىي ۋەتىنىمىزدە ئىجاد قىلغان كۆپلىگەن شائىر ۋە يازغۇچىلار ئەسەرلىرىنىڭ تەرغىب قىلىنىپ كېلىۋاتقانلىقى ياخشى مەلۇم. بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئۈچۈن نەشر قىلىنىۋاتقان ئوقۇش قوراللىرىغا قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدىبلىرىدىن تاشقىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاتاقلىق شاىر-يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئىجادىيەتلىرى كىرگۈزۈلگەن. شۇ سەۋەبتىن ئوقۇغۇچىلىرىمىز تارىخىي ۋەتىنىمىزدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدە مەلۇم دەرىجىدە مەلۇمات ئالالايدۇ. شۇنداقلا خەلق ئارىسىدا تەرغىب قىلىش مەقسىتىدە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى قايتا نەشر قىلىشقىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىش كېرەك. بۇ يەردە چىقىۋاتقان ئۇيغۇر تىلىدىكى گېزىت-ژۇرناللاردا، ئايرىم توپلاملاردا ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى پات-پات ئېلان قىلىنىپ تۇرىدۇ. دېمەك ئاساسىي ئەدەبىيات خەزىنىلىرىمىز توپلانغان تارىخىي ۋەتىنىمىز بىلەن ئالاقىمىز ئۈزۈلمەي كېلىۋاتىدۇ.»

ئىگىلىشىمىزچە، ھازىر قازاقىستاندا ئۇيغۇر بالىلىرى 60 تىن ئوشۇق مەكتەپلەردە ئانا تىلىدا بىلىم ئېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي سانى 15 مىڭدىن ئاشىدىكەن. بەزى مۇتەخەسسىسلەر رەسمىي مەلۇماتلار بويىچە 250 مىڭغا يېقىن، ئاھالە ئارىسىدا تارالغان مەلۇماتلار بويىچە 500 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشاۋاتقان قازاقىستاندا بۇ كۆرسەتكۈچنىڭ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتىكەن. ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان بەزى يېزا-مەھەللىلەردە ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇۋاتقان بالىلار سانىنىڭ كېمىيىپ كېتىشى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنى بىئارام قىلىۋاتقان جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، جەمئىيەتلىك تەشكىلاتلار، يۇرت ئاكتىپلىرى، زىيالىيلار بۇ يۆنىلىشتە ئاھالە ئارىسىدا تەشۋىق-تەرغىب ئىشلىرىنى توختىماي يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت