ئالمۇتادا ئۆتكەن بوكس بويىچە خەلقئارا مۇسابىقىدە ئۇيغۇرلارمۇ چېمپىيون بولدى

ئالمۇتادىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان تەييارلىدى
2023.05.26
dilmurat-mijitof-treneri-dolqun-kamekof-bilen-1.jpg قازاقىستاننىڭ خەلقئارا تەنھەرىكەت ماھىرى دىلمۇرات مىجىتوف(ئوڭدا) ترېنېرى دولقۇن كامىكوف بىلەن 2023-يىل 25-ماي، ئالمۇتا.
RFA/Oyghan

22-مايدا ئالمۇتا شەھىرىدىكى «دوستلۇق» تەنھەرىكەت مەيدانىدا بوكس بويىچە خەلقئارا مۇسابىقىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى بولۇپ، شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇنىڭ قاتناشقۇچىلىرى كۈچ سىناشقا كىرىشتى. مەزكۇر مۇسابىقە قازاقىستاننىڭ تۇنجى مۇداپىئە مىنىستىرى، خەلق قەھرىمانى ساغادت نۇرماغامبېتوف خاتىرىسىگە بېغىشلاندى.

قازاقىستاننىڭ ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇسابىقە تۆت كۈن داۋام قىلغان. ئۇنىڭغا قازاقىستان، خىتاي، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ 25 كوماندىسى قاتناشقان. بارلىقى بولۇپ 177 بوكسچى 13 سالماقتا كۈچ ئېلىشقان. ئۈچ كۈن مابەينىدە ئۇلاردىن 26 تەنھەرىكەتچى تاللىنىۋېلىپ، ئۇلار 25-مايدا بىرىنچى ئورۇن ئۈچۈن يەكمۇ-يەك ئېلىشقان.

26-مايدا مۇسابىقە ئاياغلىشىپ، بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئورۇنلارنىڭ غالىبلىرى ئېنىقلاندى. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 12 بوكسچى بىرىنچى ئورۇنغا ئېرىشىپ، چېمپىيون بولغان. ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىندى. شۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇرلارمۇ بولۇپ، بىز شۇلارنىڭ بىرى دىلمۇرات مىجىتوف بىلەن ئالاقىلەشتۇق.

ئالمۇتادا ئۆتكۈزۈلگەن بوكس بويىچە خەلقئارا مۇسابىقىدە ئىليار ئاشىروف(قىزىل مايكا) رىقابەتچىسى بىلەن ئېلىشماقتا. 2023-يىل 25-ماي، قازاقىستان.
ئالمۇتادا ئۆتكۈزۈلگەن بوكس بويىچە خەلقئارا مۇسابىقىدە ئىليار ئاشىروف(قىزىل مايكا) رىقابەتچىسى بىلەن ئېلىشماقتا. 2023-يىل 25-ماي، قازاقىستان.
RFA/Oyghan

قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلقئارا دەرىجىدىكى تەنھەرىكەت ماھىرى دىلمۇرات مىجىتوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئالمۇتادا ئۆتكەن خەلقئارا مۇسابىقىدە تۆت قېتىم يەكمۇ-يەك مۇسابىقىلىشىپ، ھەممىسىدە يېڭىپ، چېمپىيون بولدۇم. بىرىنچى يەكمۇ-يەكتە قىزىلوردا، ئىككىنچىسىدە ئاستانا، ئۈچىنچىسىدە تاراز شەھىرىنىڭ تەنھەرىكەتچىسىنى يەڭدىم. ئاخىرقىسىدا ئۆزبېكىستاننىڭ بوكسچىسىنى يەڭدىم. بۇ مۇسابىقىدە بەش دۆلەتنىڭ ئەڭ كۈچلۈك بوكسچىلىرى قاتناشتى. مۇسابىقە بەك يۇقىرى دەرىجىدە ئۆتتى. ئۆزۈم بولسا، تەنھەرىكەتكە كىچىكىمدىن قىزىقاتتىم. ئەمدى بوكسچى بولۇپ، دۇنيا مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ، چېمپىيون بولۇش ئارمىنى ئەنە شۇ بالىلىق ۋاقتىمدا پەيدا بولدى. ئۆزۈمنى ئۇيغۇر خەلقىدىن چىققان داڭلىق بوكسچى ئابدۇرېشىت ئابدۇراخمانوفنىڭ شاگىرتى دېسەممۇ خاتالاشمايمەن. سەۋەبى ئۆز ۋاقتىدا ئۇ بىزگە كېلىپ، كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەتكەن. نۇرغۇن مۇسابىقىلەردە چېمپىيون بولدۇم. مۇشۇنىڭ بارلىقى شۇ ئۇستازىمنىڭ، شۇنداقلا ترېنېرىم دولقۇن كامېكوفنىڭ تەربىيەسى ئارقىسىدا بولدى، دەپ ئويلايمەن. مەن شۇنداقلا مېنى دائىم قوللىغان ئاتا-ئانامغا، يېقىنلىرىمغا رەھمىتىمنى ئېيتىمەن. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئېلىمنى، خەلقىمنى خۇشال قىلىشقا قاتتىق تىرىشىمەن».

ئىگىلىشىمىزچە، دىلمۇرات مىجىتوف 1995-يىلى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيەسىگە قاراشلىق چونجە يېزىسىدا تۇغۇلغان. 12 يېشىدىن تارتىپ بوكس بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. ئۇ كۆپلىگەن مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، بوكس بويىچە قازاقىستان چېمپىيونى دېگەن نامغا ئېرىشكەن. كېيىنكى يىللاردا ئۇ ئۇكرائىنا، رۇسىيە، قىرغىزىستان، خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۆتكەن مۇسابىقىلەردە ياخشى كۆرسەتكۈچلەرنى نامايىش قىلىپ، ھازىر قازاقىستاننىڭ ئاتاقلىق بوكسچىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

ئالمۇتادا ئۆتكۈزۈلگەن بوكس بويىچە خەلقئارا مۇسابىقىدە خاتىرە سۈرەت. 2023-يىل 25-ماي، قازاقىستان.

ترېنېر، رېفېرى ۋە بوكس ماھىرى زاكىر ئابدۇقادىروف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستاندىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن 5-6 بالا كەلدى. سانى 186 ئادەم بولدى. شۇلاردىن ئۈچ ئۇيغۇر ئالمۇتادىن. چېمپىيون بولغان دىلمۇرات مىجىتوف تۆت قېتىم مەيدانغا چىقىپ، يەڭدى. فارۇخ توختاسۇنوف، ئىليار ئاشىروف ئاخىرقى يەكمۇ-يەكتە ئۇتتۇرۇپ قويدى. بۇلار ئىككىنچى ئورۇنغا ئىگە بولدى. ۋەتەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن كەلگەن قازاق بالىسى ھاسان رىسبېك چېمپىيون بولدى. قەشقەردىن چىققان رامېل ئابدۇرېشىت 92 كىلوگرامدىن ئوشۇق سالماقتا چېمپىيون بولدى. ئاخىرقى يەكمۇ-يەككە چىقىشتىن ئىلگىرى ئۇ يارىدار بولسىمۇ، لېكىن چېمپىيون بولدى».

زاكىر ئابدۇقادىروف قازاقىستانلىق ئۇيغۇر بوكسچىلىرىلا ئەمەس، بەلكى ئومۇمەن تەنھەرىكەتچىلىرى ئارىسىدا دىلمۇرات مىجىتوفنىڭ ئىسمىنىڭ كەڭ تونۇلغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «دىلمۇرات ئاتاقلىق تەنھەرىكەتچى. بىرىنچىدىن، ئۇ خەلقئارا دەرىجىدىكى تەنھەرىكەت ماھىرى. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا قازاقىستاننىڭ چېمپىيونى بولغان. كېيىن ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرى ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا چېمپىيون بولدى. يەنە ئۇ›ئاستانا ئارلانس‹كوماندىسى بىلەن كۆپ قېتىملىق خەلقئارا مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان. يېرىم يىل ئۇ ئامېرىكاغا كەسپىي بوكسقا قاتنىشىمەن دەپ كەتكەن. كېيىن يەكمۇ-يەك مۇسابىقىلەر بولماي، قايتىپ كەلدى. ئەمدى ئۇنىڭ مەقسىتى-بۇ يىل قازاقىستان بىرىنچىلىكىنى يەڭسە، كېلىدىغان يىلى پارىژدىكى ئولىمپىك ئويۇنلىرىغا بارىدىغان مۇمكىنچىلىكى بار دەپ، ھەممە تەرەپتىن ياردەم قىلىۋاتىمىز».

زاكىر ئابدۇقادىروف يەنە ئىلگىرى قازاقىستاندا ئۆتكەن خەلقئارا مۇسابىقىلەرگە ئۇيغۇر ئېلىدىن بىر تۈركۈم ئۇيغۇر بوكسچىلارنىڭ قاتنىشىپ، ئالدىنقى ئورۇنلارغا ئېرىشكەنلىكىنى، ھازىرقى ۋاقىتتا تەنھەرىكەتنىڭ بولۇپمۇ بوكس تۈرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ياخشى كۆتۈرىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، دىلمۇرات مىجىتوف ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر پەرزەنتى دولقۇن كامېكوفنىڭ يېتەكچىلىكىدە مەشىقلىنىپ كەلمەكتە. ئۇ قازاقىستاننىڭ ھازىرقى ئاتاقلىق بوكسچىلىرى باخىت سارسېكبايېف ۋە سېرك ساپىيېفلاردىن تەجرىبە ئالماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.