قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى يەنە بىر رومان: «ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020-09-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
يازغۇچى ۋە دراماتورگ ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ «ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى» ناملىق تارىخىي رومانىنىڭ مۇقاۋىسى.
يازغۇچى ۋە دراماتورگ ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ «ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى» ناملىق تارىخىي رومانىنىڭ مۇقاۋىسى.
RFA/Oyghan

قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئۆزىنىڭ بىر ئەسىرلىك تارىخى داۋامىدا بىر قانچىلىغان تارىخىي، سىياسىي ۋە ئىدىيەۋى ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكى مەلۇم. بۇ جەرياندا ئونلىغان ئەدىبلەر ئىجاد قىلىپ، زامان تەلىپىگە لايىق ئۆز ئەسەرلىرىنى نەشر قىلىپ، قالدۇرۇپ كەتكەنىدى. ھازىرمۇ بۇ ئەدەبىياتقا ۋەكىللىك قىلىپ كېلىۋاتقان يازغۇچىلار ئەدەبىياتنىڭ شېئىرىيەت، پروزا، دراماتورگىيە ۋە پۇبلىستىكا ساھەلىرىدە يېڭى ئەسەرلەرنى ياراتماقتا. يېقىندا ئالمۇتا شەھىرىدىكى «پرىنت-ئېكسپرېسس» نەشرىياتىدىن يازغۇچى ۋە دراماتورگ ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ «ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى» ناملىق تارىخىي رومانى يورۇق كۆردى. ئەسەر 38 بابتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئومۇمىي ھەجمى 22 باسما تاۋاقنى، يەنى 358 بەتنى تەشكىل قىلىدۇ.

ئىگىلىشىمىزچە، رومانچىلىق ئىجادىيىتى زامانىۋى قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم سالماقنى ئىگىلىگەن ھەمدە پروزىنىڭ شەكلى جەھەتتىن مۇرەككەپ بىر ساھەسى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتلاردا بۇ ساھەدە بىر قاتار ئاتاقلىق يازغۇچىلار ئىجاد قىلغانىكەن. شۇلارنىڭ بىرى ھازىر ئالمۇتا شەھىرىدە ياشايدىغان 82 ياشلىق يازغۇچى ئەخمەتجان ھاشىرى ئۆزىنىڭ 60 يىلغا يېقىن ۋاقتىنى ئەدەبىي ئىجادىيەتكە سەرپ قىلغان ۋە بۇ جەھەتتە ئونلىغان ھېكايىلەرنى، پوۋېستلارنى، رومانلارنى ۋە درامىلارنى نەشر قىلغان.

بىز يازغۇچىنىڭ نۆۋەتتىكى «ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى» رومانىنىڭ يورۇق كۆرگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ئاپتورنى زىيارەت قىلدۇق.

ئەخمەتجان ھاشىرى ئۆزىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ بولۇپمۇ ئۆتمۈش تارىخىغا قىزىقىپ، بۇ يۆنىلىشتە كۆپ ئىزدەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «كېيىنكى يىللاردا ئۇيغۇر ئورخۇن قاغانلىقى قانداق قۇرۇلغانىكەن دەپ بىر ئاز مەنبەلەرنى يىغدىم. بۇ روماندا ئون ئۇيغۇر، توققۇز ئوغۇز قان-قېرىنداش تۈركىي قەبىلىلەرنى ئېغىر كۈلپەتلەر بىلەن بېشىنى قوشۇپ، ئۇيغۇر ئورخۇن قاغانلىقىنى قۇرغان مەشھۇر قاغانلار تومىد قاغان، كۆل بويلا، مويۇنچۇر ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر ئورخۇن يېزىقىنى ئىجاد قىلغان دانىشمەن قاغان، ئالىم ۋە يازغۇچى بوگۇخانلارنىڭ بەدىئىي ئوبرازى، قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھاياتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى تارىخىي قايناقلار ئاساسىدا كەڭ تەسۋىرلەندى، دەپ ئويلايمەن. 2014-يىلدىن ماتېرىياللارنى قاراپ، ‹توققۇز ئۇيغۇر›، ‹ئون ئۇيغۇر› قەبىلىلىرىنىڭ بېشىنى قوشقان تومىد قاغاننىڭ ھاياتىنى جىقراق ئۆگەندۇق.»

يازغۇچى ئەسەرنىڭ مەركىزىي ئاسىيانىڭ كۆپلىگەن رايونلىرىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ھەمدە شۇ چاغلاردا كۆزگە چۈشكەن تارىخىي شەخسلەرنىڭ ھاياتى ۋە ھەربىي يۈرۈشلىرىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي يېزىقىنىڭ مەيدانغا كېلىش تارىخىنى، ئېتىقاد قىلغان دىنلىرىنى، ھەر خىل دۆلەتلەر ۋە قەبىلىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«مەن ئويلايمەن، بىزنىڭ تارىخىمىزدا كۆپىنى مەدەنىيەت ئەمەس، ئادەمنى چېپىش، ئۆلتۈرۈش شۇ دەۋرلەرنىڭ بىر بايرىقى بولغاندەك كۆرۈنىدۇ. بىراق مويۇنچۇر قاغاننىڭ ئوغلى بوگۇخان دادىسى بىلەن سۆزلەشكەندە، دەيدۇ: «دادا، ئۇيغۇر ئورخۇن قاغانلىقى قۇرۇلدى. قاغانلىقنى ساقلايدىغان نېمە؟ قىلىچمۇ، نەيزىمۇ يا باشقا نەرسىمۇ دەپ، ئۆزى جاۋاب بېرىدۇ. مېنىڭ ئويۇمچە بولسا، دۆلەتنى ساقلايدىغان بىردىن-بىر مەنبە بۇ قەدىمىي ئۇيغۇر يېزىقىدۇر. بىز شۇنى ئىجاد قىلىشىمىز كېرەك. بۇ روماندىكى ئەڭ چوڭ نەرسە، تۈركىي خەلقلەرنىڭ قەدىمىي يېزىقلىرى بولغان. بوگۇخاننىڭ تارىخ ئۈچۈن، خەلقى ئۈچۈن قىلغان ئىشى، بىرىنچىدىن، ئۇيغۇرنىڭ قەدىمىي يېزىقىنى ئىجاد قىلىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇر ئورخۇن قاغانلىقىنىڭ مەركىزى قارابالاساغۇننى ئاياغلاشتۇرىدۇ. دۇنياغا قارابالاساغۇن كېلىدۇ.»

ئەخمەتجان ھاشىرى 1938-يىلى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ مالىۋاي يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۇ دەسلەپتە ياركەنت شەھىرىدىكى پېداگوگىكىلىق تېخنىكۇمنى، ئاندىن ھازىرقى ئەل-فارابى نامىدىكى قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىلولوگىيە فاكۇلتېتىنى تاماملىغان. ئۇ ئۇزۇن يىللار داۋامىدا «كوممۇنىزم تۇغى»، يەنى ھازىرقى «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىدە، شۇنداقلا قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىدا ۋە باشقىمۇ نەشرىيات تۆھپىلىرىدە ئىشلىگەن. ئەخمەتجان ھاشىرى «ياشىغىنىم ياشىغان»، «سولماس گۈل»، «نۇر ئانا» پوۋېستلىرىنىڭ، «يالغۇز يالپۇز» «ئىدىقۇت»، «بائۇرچۇق ئارت تېكىن» رومانلىرىنىڭ، «ئۆلمەس بولۇپ تۇغۇلغانلار»، «مۇقامچى»، «ئىدىقۇت»، «يالغۇز يالپۇز» سەھنە ئەسەرلىرىنىڭ ئاپتورى.

قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا رومانچىلىق ئىجادىيىتى قانداق تەرەققىي ئەتكەن ھەم ئۇنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى قايسى دەرىجىدە؟

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئالىمجان ھەمرايېف ئەپەندى قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا رومان ژانىرىنىڭ ئاساسەن 20-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلاپ، ناھايىتى جۇشقۇن ھالدا تەرەققىي قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «رومانچىلىق ئىجادىيىتى تاسادىپىي كەلمىدى. سەۋەبى 20-ئەسىردىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي-ئازادلىق كۈرىشى ئۇنىڭغا ئاساس يارىتىپ بەردى. ئەلۋەتتە، ھېزمەت ئابدۇللىننىڭ رومانلىرى شۇ چاغدىكى سىياسىي-ئىجتىمائىي ۋەقەلەرنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئاندىن كېيىن زىيا سەمەدىنىڭ بىر تۈركۈم رومانلىرى ئېلان قىلىندى. زىيا سەمەدى ئۇيغۇر رومانچىلىقىنىڭ ئەڭ ئالىي ئۈلگىسىنى ياراتقان ئەدىب. ئەخمەتجان ئاكا ھاشىرىمۇ ئەنە شۇ رومانچىلىق ئىجادىيىتىنى داۋاملاشتۇرغان يازغۇچى. ئۇنىڭ بۇ ماۋزۇغا بېرىشتىكى ئاساسىي سەۋەب، شۇ دەۋردە ئۇيغۇر خەلقى ئۆز مۇستەقىللىقىنى قانداق ساقلاپ قالالىدى، شۇ دەۋردە شۇنچىلىك چوڭ تەجرىبىسى بار تۇرۇپ، نېمىشقا كېيىنكى ئەسىرلەردە ئۆز مۇستەقىللىقىمىزنى ساقلاپ قالالمىدۇق دېگەن ئوي-پىكىرلەر ئېيتىلىدۇ. مۇئەللىپنىڭ يېڭى›ئۇيغۇر ئورخۇن قاغانلىقى‹ئەسىرىمۇ ئىلگىرىكى رومانلارغا ئوخشاش ئۇيغۇر خەلقىنىڭ گۈللەنگەن بىر دەۋرىگە بېغىشلانغان.»

ئالىمجان ھەمرايېفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ بولۇپمۇ 60-يىللىرىدىن تا 90-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىق ئۇيغۇر رومانچىلىقىنىڭ ئەڭ چوققىغا يەتكەن دەۋرىكەن. بۇ ۋاقىتتا يەنە مەسۈمجان زۇلپىقاروف، جامالدىن بوساقوف، قۇربان توختەموف، تۇرغان توختەموف قاتارلىق كۆپلىگەن رومانچىلار ئىجاد ئەتكەنىكەن.

ئالىمجان ھەمرايېف يەنە مۇنداق دېدى: «ئەمدى بۈگۈن چوڭ يازغۇچى-شائىرلىرىمىز باقىلىق بولۇپ كەتتى. كېيىنكى ئەۋلادلار رومانچىلىق زھانىرىغا دېگۈدەك دەرىجىدە تەييار بولالمايۋاتىدۇ. راست، زامانىۋى ماۋزۇغا يېزىلىۋاتقان رومانلار بار. ئەمما تارىخىي ماۋزۇغا بېغىشلانغان ئەسەرلەر ناھايىتى كەمدىن-كەم. بىز ياشلارغا بۇنى تەشۋىق قىلىۋاتىمىز. قازاقىستان دىيارىدا ناھايىتى گۈللەنگەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بار ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە شۇنىڭ ۋارىسلىرى كېرەك. ھازىر بۇ بىزنىڭ تەشۋىشلىنىۋاتقان مەسىلىلىرىمىزنىڭ بىرىگە ئايلاندى.»

مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىدىن رۇس تىلىدا يازىدىغانلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر قاتار رومانلىرى يورۇق كۆرگەنىكەن. جۈملىدىن ئابدۇۋەلى سادىروفنىڭ «ۋىككىڭلارنىڭ ئۇيغۇر پادىشاھى»، «قاغاننىڭ قايتىپ كېلىشى»، خەمىت ھەمرايېفنىڭ «غۇلجا يولى»، «غوجىلار ۋەزىپىلىرى» ناملىق رومانلىرى تارىخىي ماۋزۇغا يېزىلغان بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ مىللەت ئوقۇرمەنلىرى تەرىپىدىن مۇناسىپ قارشى ئېلىندى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت