قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنىدىغان گېزىت-ژورناللار ئۆزلىرىنى قانداق ساقلاپ قېلىۋاتىدۇ؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020-10-27
Share
Uyghur-avazi-gezitige-mushteri-1.jpg «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىگە مۇشتەرى توپلاش ھەرىكىتىدىن بىر كۆرۈنۈش 2020-يىل 15-ئۆكتەبىر ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئاۋات يېزىسى.
RFA/Oyghan

مەلۇمكى، 90-يىللارنىڭ باشلىرىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، ئۇنىڭ تەركىبىدە بولغان جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەقىللىق ئالغاندىن كېيىن ھەر بىر مەملىكەت سىياسەت، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە باشقىمۇ ساھەلەردە ئۆز ئالدىغا تەرەققىيات يولىنى تاللاپ ئالغان ئىدى. شۇ جۈملىدىن قازاقىستانمۇ دۇنيا مىقىياسىغا چىقىپ، خەلقئارادا تونۇلۇشقا باشلىدى. ئۇنىڭ تەركىبىدە ياشاۋاتقان 100 دىن ئوشۇق مىللەتلەر قاتارىدا نوپۇسى جەھەتتىن ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن كۈرەشتى. مىللىي مەتبۇئات ئەنە شۇ ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ مۇھىم يۆنىلىشلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

بىز مەزكۇر پروگراممىمىزدا ئوتتۇز يىلغا يېقىن ئۆمۈر سۈرۈپ كېلىۋاتقان قازاقىستان مەملىكىتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلىدىكى گېزىت-ژورناللىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قانداق ھەرىكەتلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئالدىدا قانداق مەسىلىلەرنىڭ تۇرۇۋاتقانلىقىنى يورۇتۇشنى مەقسەت قىلدۇق.

ئىگىلىشىمىزچە، يېرىم يىلدىن ئوشۇق ۋاقىت مابەينىدە قازاقىستاندا كورونا ۋىرۇسى كېسىلىنىڭ تارقىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن جەمئىيەتنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە بىخەتەرلىك چارىلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىغان ئىدى. يەنى قازاقىستان ھۆكۈمىتى مەزكۇر ۋابانىڭ يۇقۇش يوللىرىنى چەكلەش مەقسىتىدە پۈتكۈل ئەل بويىچە پەۋقۇلئاددە ھالەت، ئاندىن كارانتىن تەرتىپى ئېلان قىلدى. يېقىنقى ۋاقىتلاردا بىخەتەرلىك چارىلىرى بىر ئاز يېنىكلىتىلگەن بولسىمۇ، بۇنىڭ تەسىرى ئۇيغۇر تىلىدا چىقىۋاتقان گېزىت ۋە ژۇرناللارنىڭ ئىشىدىمۇ بايقالماقتىكەن. شۇ سەۋەبتىن ئالمۇتادا نەشر قىلىنىدىغان بىر قاتار گېزىت-ژۇرناللار بىلەن ئالاقىلەشتۇق.

شۇلارنىڭ بىرى بولغان «ئىنتىزار» ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى ژۇرنىلى 2002-يىلىنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدىن باشلاپ ئىككى ئايدا بىر نەشر قىلىنىپ كېلىۋاتماقتىكەن. بىز ئالمۇتا شەھىرىدە تۇرۇشلۇق نەشرىياتچى، «ئىنتىزار» ژۇرنىلىنىڭ تۇراقلىق مۇخبىرىلىرىنىڭ بىرى ئازنات تالىپوف ئەپەندىنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا، ئۇ مۇنداق دېدى: «ھەر قانداق نەشىرنى دۇنياغا بارلىققا كەلتۈرۈش بىر مەسىلە، ئۇنى بۈگۈنكى دۇنيا بازىرىغا ماسلاشتۇرۇش ئالاھىدە ئەجىرنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى ھېچ كىمگە سىر ئەمەس. مانا مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە ژۇرنالنىڭ لايىھە مۇئەللىپى مەرھۇم پەيزۇللام ئەخمەتوف خېلى باش قاتۇرغان ئىدى. ئاللاغا مىڭ قاتلىق شۈكرى، جي-جايلاردىكى بىزنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ جانكۆيەرلىرى بىلەن خانىم-قىزلار كېڭەشلىرى رەئىسلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى، قوللاپ-قۇۋەتلىشىنىڭ ئارقىسىدا ژۇرنىلىمىز ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئۈزلۈكسىز دىدارلىشىپ كېلىۋاتىدۇ.»

ئىگىلىشىمىزچە، ئالمۇتادا 2012-يىلدىن بۇيان يورۇق كۆرۈۋاتقان نەشىر-ئەبكارلارنىڭ بىرى «غۇنچە» بالىلار ژۇرنىلى بولۇپ، ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇيغۇر تىلىدا چىقىدىغان بىردىن-بىر بالىلار ژۇرنىلى بولغانلىقى ئېتىراپ قىلىنغانىدى. ژۇرنال ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى، مەدەنىيىتىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تەرغىب قىلىشتا مۇھىم رول ئويناپ كەلگەن.

«غۇنچە» ژۇرنىلىنىڭ ئىجرائىي مۇدىرى دىلەرەم جەلىلوۋا خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «2020-يىلنىڭ بېشىدا قازاقىستان ئېلىدە باشقا ئەللەرگە ئوخشاش بىر ئەنسىزچىلىك زامانى باشلاندى. بۇ ۋابا بارلىق خەلقنى قالايمىقانچىلىققا سېلىپ قويدى. مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى باشقىلارغا ئوخشاش مەكتەپ بېناسىغا بارىدىغاننى توختىتىپ، ئۆيدە ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئوقۇشلىرىنى داۋاملاشتۇردى. ‹غۇنچە› بالىلار ژۇرنىلى بولغانلىقتىن ئۇنى غۇنچىلىرىمىزگە قولمۇ-قول يەتكۈزۈش قىيىن بولدى.»

قازاقىستاندا 2016-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر تىلىدا چىقىدىغان يەنە بىر ژۇرنال «ئىجادكار» ئەدەبىي-پۇبلىستىكىلىق، ئىلمىي-ئاممىباپ ژورنىلىدۇر. ئۈچ ئايدا بىر قېتىم نەشر قىلىنىدىغان مەزكۇر ژۇرنالدا قازاقىستان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىن تاشقىرى يەنە ئۇيغۇر ئېلى ئەدىبلىرىنىڭمۇ ئەسەرلىرى تۇراقلىق ئېلان قىلىنىپ كەلگەن.

«ئىژادكار» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى مالىك مۇھەممىدىنوف ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئەبەدىي دوستلۇق بۆلۈمى ئاستىدا قېرىنداش قازاق، ئۆزبېك، قىرغىز ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ داڭلىق ئەدىبلىرىنىڭ ئەسەرلىرى تەرجىمە قىلىنىپ، ئوقۇرمەن دىققىتىگە سۇنۇلماقتا. ژورنىلىمىز ئەينى چاغلاردا 1000 دانە ئەتراپىدا يورۇق كۆرگەن بولسا، بۈگۈنكى تاڭدا 200-300 دانىنى تەشكىل قىلماقتا. ژورنالنى نەشرگە تەييارلاش چوڭ جاپا-مۇشەققەت بولسا، ئۇنى تارقىتىش ئۇنىڭدىنمۇ مۈشكۈل بولماقتا.»

بىز ئالمۇتا شەھەرلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنىپ، 2006-يىلدىن بۇيان يورۇق كۆرۈۋاتقان «ئاسىيا بۈگۈن» جۇمھۇرىيەتلىك مۇستەقىل گېزىتى باش مۇھەررىرى، شائىرە تاشگۈل ھېزىياروۋا خانىم بىلەن ئالاقىلەشتۇق.

تاشگۈل ھېزىياروۋانىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىلى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ناھىيەلىرىدىن مەزكۇر گېزىتكە مۇشتەرى بولۇشنى خالىغۇچىلارنىڭ سانى كۆپەيگەنىكەن. ئۇ گېزىتكە يېزىلىشا بەزى مەسىلىلەرنىڭ تۇغۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى: «پوشتىلارغا بېرىپ ئۆزلىرى يېزىلىشنىڭ ئورنىغا يىگىتباشلىرى، خانىم قىزلار ئالدىمىزغا كەلمىدى دېگەن باھانە بىلەن نۇرغۇن ئادەم يېزىلماي قالغان. ئىككىنچى سەۋەبى، ئانا تىللىق گېزىتلەرنى ئاساسەن 60 تىن يۇقىرى كىشىلەر ئوقۇيدۇ. ئۇلارنىڭ پوشتىغا كېلىش مۇمكىنچىلىكى بولمامدېكىن. بۇ يىلى كارانتىن بەزى قىيىنچىلىقلارنى تۇغدۇردى. ئاساسەن ئاران مۇشتەرى توپلاۋاتقان گېزىت-ژۇرناللىرىمىزنىڭ ئەھۋالىغا كارانتىننىڭ تەسىرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولدى. ھەر مەھەللىنىڭ ھاكىملىرى ئون ئادەمدىن كۆپ كىشى يىغمايسىلەر دېگەنلىكتىن بىر ئاساسەن يىگىت باشلىرى، خانىم-قىزلارغا تايىنىپ ئىشلەۋاتىمىز.»

تاشگۈل ھېزىياروۋا مارت ئېيىدا باشلانغان كارانتىن تۈپەيلى گېزىتنىڭ ئۆز ئىشىنى ۋاقىتلىق توختاتقانلىقىنى، ئەمما ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەلەپ-تىلەكلىرىنى ئىناۋەتكە ئالغان ھالدا، كېيىنكى ۋاقىتتا گېزىت ھەجمىنىڭ ئۆسكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە مۇشتەرىلەر سانىنى كۆپەيتىش مەقسىتىدە كۆپ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ جەھەتتە يۇرت-جامائەت ئاكتىپلىرىنىڭ بۇنىڭغا يېقىندىن ئارىلىشىۋاتقانلىقىنى، ئىقتىساد يار بەرسە، كېلەچەكتە ناھىيەلەر بويىچە ئۆز مۇخبىرلىرىنىمۇ تۇتۇش نىيىتىنىڭمۇ بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىشىمىزچە، 1957-يىلدىن باشلاپ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا جۇمھۇرىيەتلەر ئارا «كوممۇنىزم تۇغى» گېزىتى نەشر قىلىنىشقا باشلاپ، ئۇ 1991-يىلى «ئۇيغۇر ئاۋازى» جۇمھۇرىيەتلىك ئىجتىمائىي-سىياسىي گېزىتى بولۇپ ئۆزگەرگەنىكەن. بىز «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى يېرشات ئەسمەتوفنى زىيارەت قىلدۇق.

ئۇ گېزىت كوللېكتىپىنىڭ كارانتىن ۋاقتىدا ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئىشلەشكە كۆچكەنلىكىنى، ھازىر بولسا، بىخەتەرلىك چارىلىرىنى ساقلاش مەقسىتىدە خادىملارنىڭ ئىشخانىغا تولۇق كەلمەي، بەلكى كۆپىنچە ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئىشلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ۋابا ۋاقتىدا بىزگە قىيىن كەلگەن نەرسە، ئەلۋەتتە، بۇ ئەمەس، مۇشتەرى توپلاش مەسىلىسى. بىز بۇلتۇر 16000 تارىلىمنى قولغا كەلتۈرگەن. 2021-يىلغا مۇشتەرى توپلاشنى ھازىر باشلىۋەتتۇق. ئۇنىڭدىمۇ بىز كارانتىن تەرتىپىنى بۇزماي، ئىشلىرىمىزنى پۈتتۈرۈپ كېلىۋاتىمىز. مۇشتەرى توپلاش جاي-جايلاردا قىزغىن مېڭىۋاتىدۇ. گېزىتىمىز سانىنى بۇلتۇرقىدىن چۈشەرمەسلىك شوئارىنى تۇتتۇق. بىزنى خۇش قىلىدىغان بىر يېرى خەلق ئۆزىنى تاشلىۋەتمەپتۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستاندا ئەينى چاغلاردا «ئانا مەكتەپ»، «مەرىپەت»، «يېڭى ئەۋلاد» «خۇش كەيپىيات»، «پەرۋاز»، «ئارزۇ»، «دىدار» قاتارلىق گېزىت-ژورناللار نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن ئىقتىساد تاپچىللىقى سەۋەبىدىن يېپىلىپ كەتكەنىكەن. ئالمۇتادا يەنە «ئېھسان»، «ئۇيغۇر پېن»، «ئاخبارات» قاتارلىق ژۇرناللار نەشر قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارمۇ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى تەمىنلەشنىڭ ئاماللىرىنى قىلماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.