ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاش سىياسىتى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىماقتا

0:00 / 0:00

ئامېرىكانىڭ «2020-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» نى رەسمىي ماقۇللىشىنىڭ پۈتكۈل دۇنيا ئۇيغۇرلىرىنى قاتتىق ھاياجانغا سېلىپ، خۇشال قىلغانلىقى مەلۇم. ئەمدى مۇشۇ يېقىندا ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى ماتېۋ پوتتىڭگېرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنى «جازا لاگېرلىرى» دەپ ئاتىشى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئىككى پارتىيەسى نامىدىن ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلار ئۇچراۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ خاراكتېرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىش تەكلىپى مۇھاجىرەتتىكى، شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلاردا قىزىق تېمىغا ئايلانماقتا.

بۇنىڭدىن تاشقىرى 31 نەپەر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكادا پاناھلىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بىلەن ئامېرىكاغا ۋىزا ئېلىشىنىڭ ئاسانلاشتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلىشى كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارماقتا.

ئىگىلىشىمىزچە، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ تۈركىي-مۇسۇلمان خەلقلەرگە قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىشى دۇنيا ئۇيغۇرلىرى تەرىپىدىن سەمىمىي قوللاپ-قۇۋۋەتلەنمەكتىكەن. مەزكۇر مەسىلىلەر بولۇپمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك بەس-مۇنازىرە قوزغىغان.

بىز قازاقىستاندىكى بىر قاتار ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىنىڭ مەزكۇر مەسىلىلەر ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئىگىلىدۇق.

قازاقىستان ۋە ئۇنىڭ سىرتىدا تونۇلغان تارىخچى، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ پەقەت 2020-يىلنىڭ ئۆزىدىلا ئۇيغۇرلارغا قىلغان ناھايىتى كۆپ ياخشىلىقلىرى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىمۇ خۇشال قىلىدىكەن ھەم شۇ سەۋەبتىن قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئامېرىكانى قاتتىق ھۆرمەت قىلىدىكەن ۋە قوللايدىكەن. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي-ئازادلىق تارىخىدا بولمىغان ھادىسىلەرنى ئامېرىكا ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتماقتىكەن. شۇلارنىڭ بىرى ئەنە شۇ «2020-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» نىڭ رەسمىي ماقۇللىنىشى ئىكەن.

قەھرىمان غوجامبەردى مۇنداق دېدى: «ھازىر مانا ئىككى قانۇن تەييارلاپ، ئاۋام پالاتىسىدىن ئۆتتى. ئامېرىكا بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى ئېمبارگو قوللانغان بىردىن-بىر دۆلەت. ھازىر ئامېرىكادا ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ، ئىشلەپچىققان مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىش ھەرىكەتلىرى كېتىپ بارىدۇ. مۇشۇنىڭغا خەلق ناھايىتى خۇشال. ئىككى كۈن بولدى، كەلگەن يېڭىلىق شۇكى، بىر تۈركۈم سېناتورلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ئېتىراپ قىلىش توغرىلىق قارار ئېلىشنى تەكلىپ قىلغان. بۈگۈنكى كۈندە پەقەتلا ئامېرىكادەك بىر قۇدرەتلىك دۆلەت ئۇيغۇرلارنى قوللاپ، ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ.»

قەھرىمان غوجامبەردى يەنە ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارشى قاراتقان سىياسىتىنى ھازىر پەيدىن-پەي ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭمۇ قوللاۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، كېلەچەكتە ئۇنىڭ ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە بولىدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلدى.

ئاتاقلىق شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف ئەپەندى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» نى قوبۇل قىلغىنىدا قاتتىق خۇشال بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «تۈنۈگۈنلا يەنە بىر خۇش خەۋەر ئاڭلىدىم. بۇ مەن يەتمىش يىلدىن بۇيان كۈتۈۋاتقان خۇشاللىق. بۇ ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ خىتاينىڭ ئانا ۋەتىنىمىز ئۇيغۇرىستاندا نەچچە ۋاقىتتىن بېرى يۈرگۈزۈپ كەلگەن ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ باھالاپتۇ. بۇنى ئاڭلاپ، جېنىم تېنىمگە سىغمايلا قالدى. بۇ مەزلۇم ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ خۇش خەۋەر بوپتۇ.»

ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف مۇشۇنداق بىر مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە، يەنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەقدىرى ھەل بولۇۋاتقان بىر پەيتتە بىرلىشىنىڭ، ئىتتىپاق بولۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى مەسلىھەتچىسى، پېشقەدەم ژۇرنالىست رىزا سەمەدى ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئاخىرقى بىر نەچچە يىللار جەريانىدا خىتاي مۇستەملىكىچى ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقىمىزگە قارىتا ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقان ۋەھشىيانە-جىنايى قىلمىشلىرىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ئاتاش مەسىلىسى كەسكىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئامېرىكا ۋە بىر قاتار دېموكراتىك ئەللەردىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە شۇ ئەللەرنىڭ كۆپچىلىك پارلامېنت ئەزالىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جىنايى قىلمىشلىرىنى چىن مەنىسى بىلەن قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن كۆرسىتىپ كەلمەكتە.»

ئۇ ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ خەلقئارادا يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرۈلۈشىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەرىكەتلىرىگە دائىم يار-يۆلەك بولۇش لازىملىقىنى بىلدۈردى.

تونۇلغان ساتىرىك يازغۇچى ئابدۇخالىق ماھمۇدوف ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بولۇپمۇ ياۋروپا، ئامېرىكاغا ئوخشاش دۆلەتلەر ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. بۇنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتمىز. بۇ، ئەلۋەتتە چوڭ ھەم ئۇلۇغ ئىش. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىدا ھازىرغا قەدەر مۇنداق كەڭ مىقىياستا بىزنىڭ مەسىلىمىزنى ھېچكىم كۆتۈرگىنى يوق. ھازىرقى زاماندا بولۇپمۇ ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى مەملىكەتلەر خىتاينىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى ناھايىتى ياخشى چۈشەندى، دەپ ئويلايمىز.»

ئابدۇخالىق ماھمۇدوف يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى پاجىئەلىك تەقدىرىنى چۈشىنىپ، كۆپلىگەن ياخشى ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئالاھىدە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.