قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنى» نى خاتىرىلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020.11.12
Almutada-sherqiy-turkistan-jumhuriye.jpg شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىككى جۇمھۇرىيەتىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2020-يىل 11-نويابىر، ئالمۇتا.
RFA/Oyghan

كېيىنكى ۋاقىتلاردا قازاقىستاندا كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ قايتىدىن چىڭىتىلىشقا باشلىغانلىقى مەلۇم. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تېگىشلىك ئورگانلار جاي-جايلاردا ئاھالىنىڭ بىر يەرگە يىغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە تەكشۈرۈش-كونترول قىلىش ئىشلىرىنى كۈچەيتكەن ئىدى. شۇ تۈپەيلى بۇ يىلى ئالمۇتا شەھىرىنىڭ بىرەر رېستورانىغا جەم بولۇپ، ئادەتتىكىدەك قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ھەمدە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇزاكىرە قىلىش ۋاقىتلىق توختىتىلغان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار بۇ يىل ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى باشقىچە شەكىلدە ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولدى.

ئىگىلىشىمىزچە، مەملىكەتنىڭ ھەر خىل رايونلىرىدا ياشاۋاتقان قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار بۇ بايرامنى ئائىلىلىرى، سەپداشلىرى ياكى يۇرتداشلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈپ، 20-ئەسىردىكى ئىككى قېتىملىق «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نى خاتىرىلىگەن ھەمدە ئازادلىق، مۇستەقىللىق ئۈچۈن قۇربان بولغانلارغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىشقان. بۇ پائالىيەتلەر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان.

ئالمۇتا شەھىرىنىڭ تۈركسىب رايونىدا ياشاۋاتقان يىگىت بېشى رەھىمجان مەڭسۇروف ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ جانكۆيەر قېرىنداشلىرىمىز چەت مەملىكەتلەردە ۋەتەن ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرى ئەركىن ئەخمەتوف، قەھرىمان غوجامبەردى ۋە باشقىمۇ جانكۆيەرلەر نۇرغۇن. بىز ھەر يىلى ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈنلەرنى ئەسلەپ، نەزىر-چىراقلار بىلەن خەلقىمىزگە بۇنى تونۇشتۇرۇۋاتىمىز. مۇشۇنداق شارائىتلاردا ھەر بىر ئۇيغۇر مەبلەغ يىغىش ۋە باشقىمۇ ھەر تۈرلۈك ئوقەتلەردە بىرلىكتە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەڭچىلىكلىرىگە لايىق ئوقەتلەرنى قىلىۋاتىمىز. مۇشۇنداق كۈنلىرىمىزنى كېلەچەك ئەۋلادلىرىمىز ھېچ قاچان ئۇنتۇمىسۇن.»

ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيەسىگە قاراشلىق چونجا يېزىسىدا ياشاۋاتقان تونۇلغان سەنئەتكار سەيدالىم ئامۇتوف ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى مەملىكەتلىرىگە تېرىقتەك چېچىلىپ كەتكەن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئانا ۋەتىنىنىڭ ئازادلىقى، مەستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەشنى بىر دەقىقىمۇ توختاتمىغان ئىكەن.

سەيدالىم ئامۇتوف مۇنداق دېدى: «ئېرايىمىزنىڭ 4-ئەسىرىدە گرېك ئالىم سىمونىد كىيوس ئېيتقاندەك، ‹ئادەم بالىسى تولۇق بەختلىك بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئالدى بىلەن ۋەتەن كېرەك›، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز تارىخىي ۋەتىنىمىزنى ئەسلەيمىز، سېغىنىمىز، ئۇنىڭ ئازاد بولۇشىنى خالايمىز. شۇ كۈنلەرمۇ يېقىنلىشىپ قالغاندەك بىلىنىۋاتىدۇ. چۈنكى خىتاينىڭ فاشىستلارچە قىلىۋاتقان بېسىمىغا خەلقىمىز بەرداشلىق بېرىۋاتىدۇ. بۇ يىل بىز جمھۇرىيەت بايرىمىمىزنى ئالاھىدە ئۆتكۈزدۇق، ئالاھىدىلىكى شۇنىڭدىكى، ھازىر شۇ خىتاي ۋىرۇسىنىڭ دۇنياغا تارالغان بىر ئالاھىدە مەزگىلىدە بۇ بايرامنى يېپىق دائىرىدە ئۆتكۈزدۇق. شۇ زامانلاردا ئاتىلىرىمىز قانچىلىك قانلارنى كېچىپ، ۋەتەننى ئازاد قىلمىغان دەيسىلەر؟ ئەمما قارا ئىت بىلەن ئاق ئىتنىڭ ھېلىگەرلىكى ئارقىسىدا ۋەتەن قايتىدىن شۇلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى. بىراق مەن ھېس قىلدىمكى، ھازىرقى ۋاقىتتا خىتاينىڭ بۇ ۋەھشىي سىياسىتىنى پۈتۈن دۇنيا سەزدى.»

ئۇ قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈش تارىخى ۋە مىللىي-ئازادلىق كۈرىشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش سىياسىتى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ داۋاملىق تارقىتىپ كېلىۋاتقان ئاخباراتنامىسىدىن خەۋەردار بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. سەيدالىم ئامۇتوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ۋە رۇس تىللىرىدا تارقىتىلىدىغان مەزكۇر ئەخباراتنامىنىڭ بۇ قېتىمقى سانىدا ئىككى قېتىملىق «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نىڭ تەقدىرى تەپسىلىي يورۇتۇلغان بولۇپ، بۇ ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىماقتىكەن.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرىدىن بىرى گۈلىستان ئامرايېۋا خانىم مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ئىككى جۇمھۇرىيەت كۈنىنى نىشانلاپ ئۆتتۇق. شۇ ئىككى ئىنقىلاب كۈرەشلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ جېنىنى ئايىماي، ئىسسىق قانلىرىنى تۆككەن ئەجدادلىرىمىزنى قەدىرلەش بۇ بىزنىڭ بۇرچىمىز. ئىككىنچى جۇمھۇرىيەتتىن كېيىن 76 يىل ئۆتۈپتۇ. زالىم خىتاي زۇلۇمىدىن ئازاب چەككەن خالقىمىز ھۆرلۈككە يېتەلمىدى. 2016-يىلدىن تارتىپ خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەتىنىمىزدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە. بىز ئانا ۋەتىنىمىز-ئۇيغۇرىستانىمىز ئازاد بولغۇچە كۈرەش قىلىشىمىز لازىم.»

مەلۇم بولۇشىچە، 1944-قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سوۋېت ۋە كوممۇنىست خىتاينىڭ تىل بىرىكتۈرۈشى بىلەن يوقىتىلغاندىن كېيىن، كۆپلىگەن ھۆكۈمەت ئەزالىرى ھەمدە مىللىي ئارمىيەنىڭ جەڭچى-ئوفىتسېرلىرى باشقا مەملىكەتلەرگە، شۇ جۈملىدىن قازاقىستانغا چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانىكەن. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، ھازىر شۇ ۋاقىت شاھىتلىرىنى تېپىشمۇ ئوڭاي ئەمەسكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.