يېقىندا ئالمۇتا شەھىرىدە «ئۇيغۇرلار: ئېنسىكلوپېدىيەلىك مەلۇماتنامە» ناملىق كىتاب يورۇق كۆردى. تاغ ئىنژېنېرى، پروفېسسور، قازاقىستان مىللىي جۇغراپىيە جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئابدۇللاجان سامساقوف تەرىپىدىن تەييارلانغان مەزكۇر ئەمگەكنىڭ يورۇق كۆرۈشى مۇناسىۋىتى بىلەن 27-دېكابىردا تور ئارقىلىق كىتابنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭغا قاتناشقان زىيالىيلار، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر ۋەكىللىرى ۋە باشقىلار كىتابنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەھمىيىتى، قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈش تارىخى ۋە مەدەنىي ھاياتى ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار شۇنداقلا كىتاب ئاپتورى ئابدۇللاجان سامساقوفنىڭ ئەمگىكىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، بۇ ئەمگەكنىڭ پەقەت قازاقىستانلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇرلار ئۈچۈن چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
جەمئىي 37 باسما تاۋاققا، يەنى 600 بەتكە ئىگە «ئۇيغۇرلار: ئېنسىكلوپېدىيەلىك مەلۇماتنامە» ناملىق كىتاب «ئارىس» نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان. «ئۇيغۇرلار تارىخىدىن» دەپ ئاتالغان بىرىنچى قىسىمدا تارىخ، ئەدەبىيات، بىلىم، تەسۋىرىي سەنئەت ۋە مېمارچىلىق، ئىلىم-پەن، بەدىئىي ھۆنەرۋەنچىلىك، مۇزىكا، ئۇسسۇل ۋە تىياتېر، ئەنئەنە ۋە ئۆرپ-ئادەتلەر، مىللىي ئويۇنلار ۋە تائاملار ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىلگەن. ئىككىنچى قىسىمدا 620 نەپەر تونۇلغان شەخسنىڭ ئۆمۈر بايانى ئورۇن ئالغان. شۇنداقلا مەزكۇر قىسىمدا ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، ئوقۇش ئورۇنلىرى، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر، ساز ئەسۋاپلىرى، ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم ۋەقەلىرىگە بېغىشلانغان 400 گە يېقىن ماقالىلار بېرىلگەن. ئۇنىڭدا شۇنداقلا ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركمەنىستان ئۇيغۇرلىرى ھەققىدىمۇ ماتېرىياللارمۇ بېرىلگەن. ئەمدى «قوشۇمچىلار» دەپ ئاتالغان ئۈچىنچى قىسىمدا بولسا ئىسىملىق كۆرسەتكۈچ، قىسقارتىلغان سۆزلەر تىزىمى، پايدىلىنىلغان ئەدەبىياتلار ۋە بەزى ئۇيغۇر مەملىكەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ دىپلوماتىك خەتلىرى بېرىلگەن. كىتابقا تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور ساغىمباي قوزىبايېف ۋە تارىخ پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى، پروفېسسور تەتتىگۈل قارتايېۋا پىكىر يازغان.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كىتاب ئاپتورى ئابدۇللاجان سامساقوف ئەپەندى مەزكۇر ئەمگەكنىڭ 2005-يىلى يورۇق كۆرگەن «20-ئەسىردىكى مەشھۇر ئۇيغۇرلار: قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان» ناملىق كىتاب ئاساسىدا تەييارلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «2005-يىلى 350 تىن ئارتۇق شەخسنىڭ ئۆمۈر بايانى چىقتى. ئۇ پەقەت تەزكىرە سۈپىتىدە چىقتى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇ ئېنسىكلوپېدىيە بولۇپ چىقىۋاتىدۇ. بۇ يەردە ئېنسىكلوپېدىيە بولسا دېگەن كۆپ تەكلىپلەر بولدى. ھۆكۈمەت ئورنىدىكى ئادەملەرمۇ بۇنى تەۋسىيە قىلدى.»
ئابدۇللاجان سامساقوف يەنە بۇ كىتابتا قازاقىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلاردىن سىرت يەنە مەھمۇت قاشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئاماننىساخان قاتارلىق ئۇيغۇر نامايەندىلىرى ھەققىدە مەلۇماتلارنىڭ بېرىلگەنلىكىنى، ئۇلار ھەققىدە يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ، مەسىلەن، قازاقىستاندىكى قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكا كومېدىيە تىياتىرىدا سەھنىلەشتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئابدۇللاجان سامساقوف تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىنىڭ خەلقارا دەرىجىدە ئۆتكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
ئۇ مەزكۇر كىتابنى تەييارلاشتا قازاقىستاندا ۋە باشقىمۇ مەملىكەتلەردە نەشىر قىلىنغان ئېنسىكلوپېدىيەلەردىن كۆپ ئۆگەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قىرغىزىستاندىكى «ئىتتىپاق» ژۇرنالىنىڭ باش مۇھەررىرى، پەلسەپە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى ئەكبەردان باۋۇدۇنوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئابدۇللاجان سامساقوف 2005-يىلى ‹20-ئەسىر ئۇيغۇر نامايەندىلىرى› ناملىق كىتابىنى نەشىردىن چىقىرىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان ئىدى. ئەلۋەتتە، مۇنداق بىر مىللەتنىڭ ئېنسىكلوپېدىيەسىنى بىر كىشى ئەمەس، بىر پۈتۈن ئىنستىتۇت تەييارلاپ چىقىرىدىغان ئىش. شۇنىڭغا قاراپ، ئابدۇللاجاننىڭ بۇ كىتابىغا كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز. شۇنداقلا بۇ كىتاب قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى بارلىق ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئۈچۈن چوڭ خۇشاللىق دەپ ئويلايمەن.»
تۇران ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئابلەھەت كامالوف ئەپەندى كىتابنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئەڭ ئالدى بىلەن ئېنسىكلوپېدىيەلىك خاراكتېرگە ئىگە ھەر قانداق بىر ئەمگەك مەلۇم بىر ساھە بويىچە مەلۇماتلارنى تەرتىپكە سالىدۇ. ئەندى سۆز بولۇۋاتقان كىتابقا كەلسەك، ئۇ قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائەسىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە ئەنە شۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆمۈر بايانلىرى ئارقىلىق سىستېمىلىق چۈشەنچە بېرىدۇ. قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىدىكى بەزى پاكىت ۋە ۋەقەلەرنى ئېنىقلاش ئۈچۈن مەلۇمات ماتېرىيالى سۈپىتىدىمۇ بۇ ئەمگەكنىڭ ئەھمىيىتى چوڭ. كىتابنىڭ جەمئىيەتلىك ئەھمىيىتى شۇنىڭدىكى، ئۇنىڭ رۇس تىلىدا نەشىر قىلىنىشى باشقىمۇ مىللەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ھازىرقى تەرەققىياتى، قازاقىستان ۋە مەركىزىي ئاسىيانىڭ باشقىمۇ ئەللىرىنىڭ راۋاجلىنىشىغا قوشقان تۆھپىسى بىلەن تونۇشۇشىغا ئىمكانىيەت بېرىدۇ. كىتابنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇنىڭدىكى، ئۇ قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەقلىي ھاياتىنىڭ بىر مەھسۇلاتى سۈپىتىدە ئېلىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان ھازىرقى ئىجتىمائىي جەريانلارنى بولۇپمۇ قازاقىستاندا ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە بىر پۈتۈن قازاقىستانلىق ئىدىيەنىڭ شەكىللىنىشى بىلەن زىچ ئالاقىدە تەسۋىرلەيدۇ.»
ئابلەھەت كامالوف يەنە مەزكۇر ئەمگەكتە قازاقستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھاياتىدا يۈز بەرگەن بارلىق ئەڭ مۇھىم ۋەقەلەرنىڭ كۆلەملىك ماقالىلار شەكلىدە بېرىلگەنلىكىنى تەكىتلىدى. رۇسىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ ئىلى سۇلتانلىقىغا نىسبەتەن تۇتقان سىياسىتى، ئىلى ۋىلايىتىنىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنىشى، ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ يەتتىسۇغا كۆچۈشى، ئۇيغۇر يېزىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى، قازاقستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورۇنلىنىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ 1916-يىلقى رۇسىيە سىياسىتىگە قارشى قوزغىلاڭغا قاتنىشىشى، 1918-يىلى «ئاتۇ پاجىئەسى» دەپ نام ۋەقەدە ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ قىرغىن قىلىنىشى، سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشى، ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلق ئىگىلىكىنىڭ تىكلىنىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل قازاقىستانغا قوشقان تۆھپىسى ئەنە شۇلار جۈملىسىدىنكەن. كىتابتا شۇنداقلا پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىغا ئائىت ماتېرياللارمۇ، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇر قاغانلىقى ۋە ئۇيغۇر ئىدىقۇتى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ۋەتىنىدىكى مىللىي-ئازادلىق ھەرىكەتلىرى، يەتتىشەر دۆلىتى، ئىككى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەققىدە مەلۇماتلار ئورۇن ئالغان.
ئىگىلىشىمىزچە، ئابدۇللاجان سامساقوف 40 تىن ئوشۇق ئىلمىي-ئاممىباپلىق ماقالىلارنىڭ ئاپتورى بولۇپ، ئۇلار قازاقىستاندىكى بىر قاتار گېزىت ۋە ژورناللىرىدا داۋاملىق ئېلان قىلىنىپ كەلگەنىكەن. «قارابالاساغۇنغا سىياھەت»، «قەدىمىي بەشبالىققا سىياھەت»، «پور-باجىن»، «تۇرپان كارىزلىرى»، «خوتەن قەغىزى» قاتارلىق ماقالىلىرى ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغانكەن.