قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ 1-ماينى ئۆز مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش بايرىمى سۈپىتىدە ئۆتكۈزدى
1-ماي كۈنى قازاقىستاندا ياشاۋاتقان بارلىق مىللەتلەر، شۇ جۈملىدىن رەسمىي مەلۇماتلار بويىچە 300 مىڭغا يېقىن نوپۇسى بار ئۇيغۇرلارمۇ «قازاقىستان خەلقىنىڭ بىرلىك كۈنى» نى تەبرىكلىدى.
-
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2023-05-02 -
-
-
Your browser doesn’t support HTML5 audio
1-ماي كۈنى قازاقىستاندا ياشاۋاتقان بارلىق مىللەتلەر، شۇ جۈملىدىن رەسمىي مەلۇماتلار بويىچە 300 مىڭغا يېقىن نوپۇسى بار ئۇيغۇرلارمۇ «قازاقىستان خەلقىنىڭ بىرلىك كۈنى» نى تەبرىكلىدى. 1-ماي بايرىمى ھارپىسىدا ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان شەھەر ۋە يېزىلاردا ئانا تىلىنى ساقلاش، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنى تەرغىب قىلىش بويىچە ھەر خىل پائالىيەتلەر بولۇپ ئۆتكەن.
يېقىندا شۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ بىرى ئالمۇتا ۋىلايىتى پانفىلوف ناھىيەسىنىڭ ئالتەئۆي يېزىسىدا بولۇپ ئۆتتى. پانفىلوف ناھىيەسى ۋە ئۇنىڭ مەركىزى ياركەنت شەھىرى ئۇيغۇرلار ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يەردىن كۆپلىگەن ئاتاقلىق ئالىملار، يازغۇچىلار، سەنئەتكارلار، ئەمگەك قەھرىمانلىرى، جامائەت ئەربابلىرى يېتىلىپ چىققانىدى.
بىز پانفىلوف ناھىيەلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئازاد گايىتوف ئەپەندى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى، مائارىپىنى، مەدەنىيىتىنى، ئەدەبىياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللەت بولۇپ ساقلىنىپ قېلىشىدا ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەرنىڭ ئاساسلىق رول ئويناپ كېلىۋاتقانلىقىنى، پەقەت ياركەنت شەھىرىدىلا بىلال نازىم ۋە خېلىل ھەمرايېف نامىدا ئۇيغۇر تىللىق ئىككى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ بارلىقىنىڭ قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يارىتىپ بەرگەن ياخشى بىر شارائىتلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئازاد گايىتوف ئۇيغۇرلارنىڭ 1-ماي بايرىمىنىڭ ئەنە شۇ مىللىي كىملىكنى تەرغىب قىلىشنىڭ ياخشى بىر چارىسى بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «1-ماي بايرىمىغا باغلىق ناھىيەلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا ئالتەئۆي يېزىسىدا چوڭ <كۆك چۆچۈرە بايرىمى> نى دۆلەت بايرىمىغا ئوخشاش ئاتاپ ئۆتكۈزۈش قارار قىلىنغانىدى. نېمە ئۈچۈن <چۆچۈرە بايرىمى> دەيدۇ؟ بىز قاراڭغۇ قىشلاردىن ئامان-ئېسەن چىقىپ، يەرنى يېرىپ چىققان كۆكتىن ئاتا-بوۋىمىز چۆچۈرە ئېتىپ يېگەن ۋە ئۇنى چوڭ بايرامغا ئۇلاشتۇرغان. مەدەنىيەت مەركەزلىرى قۇرۇلۇپ، بۇ بايرامنى قانۇنغا كىرگۈزۈپ، چوڭ بايرام سۈپىتىدە ئۆتكۈزمەكتە».
ئازاد گايىتوف مەزكۇر «كۆك چۆچۈرە» بايرىمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنىڭ، مىللىي سەنئىتىنىڭ، تائاملىرىنىڭ، ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ تەرغىب قىلىنغانلىقىنى، قازاق، رۇس، تۈرك ۋە باشقا مىللەت ۋەكىللىرىنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن يېقىندىن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
1-ماي بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى ھەققىدە تارىخ پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى زۇلپىيە كەرىموۋا خانىم مۇنداق دېدى: «تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 1-ماي بايرىمى 1886-يىلى 1-مايدا ئامېرىكىنىڭ چىكاگو شەھىرىدە ئۆتكەن ئىشچىلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك نامايىشىدىن كېلىپ چىققان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقلىرىنى، شۇ جۈملىدىن سەككىز سائەتلىك ئىش كۈنىنى بەلگىلەشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئىشچىلارنىڭ بۇ نامايىشى ئوققا تۇتۇلۇپ، ئادەم ئۆلۈمىگە ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ ۋەقە دۇنيانىڭ بارلىق ئەللىرىدە ياشاۋاتقان جامائەتچىلىكنىڭ ئەركىنلىك، ھېسداشلىق سىمۋولىغا ئايلانغان ئىدى. شۇنىڭدىن بۇيان بۇ كۈن دۇنيا ئەمگەكچىلىرىنىڭ، جامائەتچىلىكىنىڭ ھېسداشلىق كۈنى سۈپىتىدە ئاتىلىدىغان بولغان. بۇ كۈننى ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈپ كەلگەن. ئىلگىرى، يەنى سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە بۇ بايرام مەملىكەتلىك بايرام سۈپىتىدە ئاتىلىپ كەلگەنىدى. 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەن بولسىمۇ، بۇ بايرام مۇستەقىللىق ئالغان ھەر بىر مەملىكەت ئۈچۈن ئالاھىدە ئاتىلىپ ئۆتىدىغان بايراملارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندىمۇ بۇ بايرام «تىنچلىق! ئەمگەك! ماي!» دېگەن شوئار ئاستىدا ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەنىدى. مۇستەقىللىق يىللىرىدىن تارتىپ 1-ماي «قازاقىستان خەلقىنىڭ بىرلىك بايرىمى» سۈپىتىدە ئاتىلىپ، بۇ كۈن دەم ئېلىش كۈنى بولۇپ، شەھەر ۋە يېزىلاردا ھەر خىل بايراملىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئەنئەنىگە ئايلانغان.»
زۇلپىيە كەرىموۋا يەنە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئالاھىدە تىرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ «ئۇيغۇر ئاۋازى»، «ئاسىيا بۈگۈن»، «ئىجادكار»، «ئىنتىزار» غا ئوخشاش ئۇيغۇر تىلىدىكى مەتبۇئاتلارنىڭ، قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى دۆلەت ئاكادېمىيەلىك ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ، قازاقىستان پەن ۋە ئالىي بىلىم مىنىستىرلىقى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى تەركىبىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى مەدەنىي ھاياتىدا مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.